2011- يىللىق ئومۇمىي سايلاملارنىڭ غالىبى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بولدى.
سايلىغۇچىلار ئۈچىنچى قېتىممۇ يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ھوقۇقى بەردى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى % 49.9 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ھەر ئىككى سايلىغۇچىدىن بىرىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشنى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى % 25.9، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بولسا % 13 ئاۋازغا ئېرىشتى.
شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) دە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 326، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 135، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 53 ۋە مۇستەقىل نامزاتلار 36 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن بولدى.
سايلامدا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى % 87 بىلەن رېكورد ياراتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۇدا ئارقا - ئارقىدىن 3 قېتىملىق سايلامدا غەلىبە قىلغان بىرىنچى پارتىيە بولدى.
دېموكراتىك پارتىيەمۇ 1950 - يىلى ئۇدا ئۈچ قېتىم ئارقا - ئارقىدىن سايلامدا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۈچىنچى قېتىملىق سايلامدا ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى.
سايلامدا جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئىككىنچى بولدى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى % 25.9 بولدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن كېيىن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشتى.
ئۈچىنچى بولغان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى % 13 بولدى.
كۆپىنچىسىنى تىنچلىق ۋە دېموكراتىك پارتىيەسى قوللىغان مۇستەقىل نامزاتلار بولسا % 6.6 ئاۋازغا ئېرىشتى.
مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى