تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك -2
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك -2



      

    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك

    ھارۇن ياھيا(تۈركىيە)

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

     

    1- ئاتاتۈركنىڭ ئىسلامغا بولغان قارىشى

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    ئاتاتۈركنىڭ قارىشىچە، ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىنىڭ چۆكۈشىنى پەيدا قىلغان مۇھىم سەۋەپلەردىن بىرى ئىسلامىيەتتىن  يىراقلىشىشتۇر .

     ئاتاتۈرك دەيدۇكى، <<ئېتىقادى ئىسلام بولسىمۇ، تۈركلەر بوزۇلۇشقا، يوقسۇللۇققا، چېكىنىشكە دۇچ كەلدى. ئۆتمۈشنىڭ باتىل ئادەتلىرى ۋە ئېتىقادلىرى بىلەن ئىسلامىيەتنى ئارىلاشتۇرىۋالغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي ئىسلامىيەتتىن  يىراقلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇردى. ھەقىقىي ئىسلامنىڭ ناھايىتى ئۈستۈن، ناھايىتى قىممەتلىك ھەقىقەتلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىشقا كاجلىق قىلدى. دېمەك، چېكىنىشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرىنى مۇشۇ نوقتا تەشكىل قىلىدۇ.[1]

    توغرا، تۈركلەرنىڭ  ئېتىقاد قىلغىنى ھەقىقىي ئىسلامدىن يىراق، خۇراپاتلىق ۋە باتىل ئېتىقادلار ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر دىن ئىدى. بۇ دىن تۈركىيەنى قاراڭغۇلۇققا باشلىغان. بۇ يۈزلىنىشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار ئىدى. بۇ ھەقىقىي ئىسلامنىڭ خەلققە چۈشەندۈرۈلىشىدۇر، يەنى خۇراپاتلىقنى، باتىل ئېتىقادلارنى ئىچىدە يوشۇرۇپ ياتمىغان، ئاتاتۈرك <<ئەقىلگە، پەنگە، ئىلىمگە ئۇيغۇن>>[2]دەپ تەرىپلىگەن دىننىڭ ئەسلىنى تەشكىل قىلغان <<قۇرئان>>نىڭ چۈشەندۈرۈلىشى زۆرۈر ئىدى. ئاتاتۈرك بۇ مەخسەتتە شۇنداق دەيدۇ:<<تۈركلەر دىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن <<قۇرئان>> تۈركچە بولۇشى كېرەك>[3]، <<تۈركلەر <قۇرئان>غا ئەگىشىدۇ. بىراق ئۇنىڭدا نېمە دېيىلگەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ، بىلمەي تۇرۇپ ئېتىقاد قىلىدۇ. مىنىڭ مەقسىتىم ئەگىشىۋاتقان كىتاپتا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى تۈرك چۈشەنسۇن.>>[4]ئاتاتۈرك <<قۇرئان>>غا بولغان ساداقىتىنى ئۇنى <<كىتابى ئەكمەل>>، يەنى <<ئەڭ مۇكەممەل كىتاب>>[5]دەپ ئاتاش ئارقىلىق تىلغا ئالاتتى. دولماباغچە سارىيى ۋە چانقايا قەسىرىگە قارىلارنى چاقىرىتىپ پات –پات <<قۇرئان>> ئوقۇتقان، ئايەتلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە قارىلار بىلەن  دىنىي ئۇقۇملار  ۋە تەپسىرلەر ھەققىدە پىكىرلەشكەن.

    ئاتاتۈرك خاس سۆھبەتلىرىدە ناھايىتى كۆپ قېتىم دىندار بولۇشنىڭ لازىملىقىدىن، پەيغەمبەر يىتەكچىمىزنىڭ ھاياتىدىن، ئەسىرى سائادەت ۋە خۇلەفا راشىدىن(تۆت خەلىپە) دەۋرىدىن، دىنىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن سۆز ئاچقان. ئىسلام دىنىنىڭ ئاخىرقى ۋە مۇكەممەل دىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭمۇ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ھەر قانداق پۇرسەتتە تەكىتلىگەن ئاتاتۈرك مىللىتىگىمۇ دىندار بولۇشنى، دىنىنى ئۈگىنىشنى نەسىھەت قىلاتتى. دىن تەربىيىسىنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ چۈشەنگەن ئاتاتۈرك بۇ تەربىيىنى مەكتەپلەردە بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى شۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئىپادە قىلغان :<<ھەر بىر شەخس دىن ۋە دىيانىتىنى ئۈگىنىش، ئىمانلىق بولۇشى ئۈچۈن  بىر يەرگە مۇھتاجدۇر. ئۇ يەر مەكتەپتۇر. لېكىن ھەر خۇسۇستا قانداق ئالى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ ئىختىساس ئىگىسىنى يىتۈشتۈرۈش لازىم بولسا، دىنىمىزنىڭ ھەقىقىتىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئىلمىي ۋە پەننىي قۇردەتكە ئىگە مۇنەۋۋەر ۋە ھەقىقىي ئۆلىما يىتۈشتۈرىدىغان ئالى مۇئەسسىسەلەرگىمۇ ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.>>[6]  ئاتاتۈرك دىنىمىزنىڭ ئەقىل ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنىمۇ تۈۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن بىلدۈرگەن: <<بولۇپمۇ بىزنىڭ دىنىمىز ئۈچۈن ھەر كىمنىڭ قولىدا بىر ئۆلچەم بار. بۇ ئۆلچەم بىلەن ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ بۇ دىنگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئاسانلا ئايرىيالايسىز. قايسى نەرسە ئەقىلگە، مەنتىقىگە، خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولسا، بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇ بىزنىڭ دىنىمىزگىمۇ ئۇيغۇندۇر. بىر نەرسە ئەقىل ۋە مەنتىقىگە، مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە، ئىسلامنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ھېچكىمدىن سوراپ يۈرمەڭلار، ئۇ نەرسە دىنىيدۇر. ئەگەر بىزنىڭ دىنىمىز ئەقىلگە، مەنتىقىگە ئۇيغۇن بىر دىن بولمىغان بولسا ئىدى، مۇكەممەل ۋە ئاخىرقى دىن بولمايتتى.>>[7]ئىسلام دىنى ھەققىدە بۇ قەدەر ياخشى پىكىرلەرگە ئىگە بولغان ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا بۇ چۈشەنچىلىرىنى تىلغا ئالغان ئاتاتۈرك ئېنىقكى ئاللاھدىن قورقىدىغان ، ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى قولىدىن كەلگەن دەرىجىدە ئورۇنداشقا تىرىشقان بىر مۇسۇلمان ئىدى. ئاتاتۈرك پەيغەمبەر يىتەكچىمىزنى ناھايىتى ياخشى تۇنىغان، ئۇنىڭ ئۈستۈن خاراكتېرلىرىنى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن چۈشەندۈرگەن. : «ئۇ ئاللاھنىڭ بىرىنجى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ قۇلىدۇر. ئۇنىڭ ئىزىدىن بۈگۈن مىليۇنلىغان ئىنسانلار ماڭماقتا. مىنىڭ، سىنىڭ ئىسمىڭ ئۈچۈپ كىتىدۇ. لېكىن ئاخىرىقى زامانغىچە ئۇنىڭ ئىسمى داۋاملىشىدۇ. ئۇ ئۆلۈمسىزدۇر»[8] ، <<تارىخ ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلايدىغان بىر سەنئەت ئەمەس، بەلكى بىلدۈرىدىغان بىر ئىلىم بولۇشى كىرەك. بۇ كىچىك ئۇرۇشتىمۇ ھەربىي تالانتىغا ئوخشاش سىياسىي قاراشلىرى بىلەنمۇ يۈكسەلگەن بىر ئىنساننى تەلۋە بىر دەرۋىشكە ئوخشاش تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنغان نادان تىجىمەللەر بىزنىڭ تارىخىي پائالىيىتىمىزگە قېتىلالمايدۇ. ھەزرىتى مۇھەممەد بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىنى يېڭىپ ۋە ئۆزىنىڭ يارىدارلىقىغا قارىماي غالىپ دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن قوغلاشقا تىرىشمىغان بولسا ئىدى، بۈگۈن يەر يۈزىدە مۇسۇلمان دەيدىغان بىر  مەۋجۇتلۇق كۆرۈلمەيتتى....»[9]، «ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ ئازغىلا ئىمانلىق مۇسۇلمانلار بىلەن ناھايىتى كۆپ ۋە كۈچلۈك قۇرەيش قوشۇنىغا قارشى بەدىر ئۇرۇشىدا قازانغان غەلىبىسى پانىي ئىنسانلارنىڭ قىلالايدىغان ئىشى ئەمەس.  ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلى دەل مۇشۇ ئۇرۇشتۇر.»[10]ئاتاتۈرك ھەزرىتى مۇھەممەدكە بولغان مۇھەببىتىنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن: «بۈيۈك بىر ئىنقىلاپ ياراتقان ھەزرىتى مۇھەممەدكە بولغان مۇھەببەت پەقەت ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ۋە ئاساسلىرىنى قوغداش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.»[11]

     

    داۋامى بار



    [1] سادى بوراك :<<ئاتاتۈرك ۋە دىن>>، 36- 37-بەتلەر(رۆنېسانس، 1991- يىلى، 61-بەت)

    [2] 1923- يىلى، 2- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئىزمىر. <<ئاتاتۈرك دەيدۇكى>>،46- بەت، ئوسمان ئەرگىن :<<تۈرك مائارىپ تارىخى>>، 1-5- بەتلەر، 1977- يىلى(ئا.گۈرتاش، 47-بەت) ، ۋارلىق نەشرىياتى.

    [3] ئوسمان ئەرگىن : <<تۈرك مائارىپ تارىخى>>، 1-5- بەتلەر، 1977- يىلى(ئا.گۈرتاش، 47-بەت).

    [4] ئوسمان ئەرگىن : <<تۈرك مائارىپ تارىخى>>، 1-5- بەتلەر، 1977- يىلى(ئا.گۈرتاش، 47-بەت).

    [5] ئەنۋەر زىيا كارال : <<ئاتاتۈركتىن چۈشەنچىلەر>>، ئىش بانكىسى، 1969- يىلى(ئا. گۈرتاش،39- بەت)

    [6] <<ئاتاتۈركنىڭ  سۆز ۋە نۇتۇقلىرى>>، 2- توم، 86- بەت، 1959- يىلى، (<<ئاتاتۈركنىڭ چۈشەنچە قۇرۇلمىسى>>، گ. تۈفەكچى، 17-بەت)

    [7] <<ئاتاتۈركنىڭ  سۆز ۋە نۇتۇقلىرى>>، 2- توم، 127-بەت، 1923-يىلى.

    [8] ئۇتكان كوجاتۈرك : <<ئاتاتۈركنىڭ پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرى>>(<<ئاتاتۈرك ۋە دىن تەربىيىسى>>، ئا. گۈرتاش،26-بەت).

    [9] سەمسەتتىن گۇنالتاي :<<ئۈلكۈ>> ژورنىلى،1945- يىلى،  9-جىلت، 100سان، 3-بەت.

    [10] <<ھەقىقەتى تەسۋىر>>، <<شەمسەتتىن گۇنالتاي خاتىرىلىرى>>(ئا. گۈرتاش،26-بەت)

    [11] سەمسەتتىن گۇنالتاي :<<ئۈلكۈ>> ژورنىلى،1945- يىلى،  9-جىلت، 100سان، 4-بەت.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھارۇن ياھيا , ئاتاتۈرك , ئىسلامىيەت , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-13 20:13:39
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 422
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证