ئىستىمەس
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئەي نىگار ھىجرىڭدە كۆڭلۈم ئىنتىلىشنى ئىستىمەس،
مەن خىتاب قىلسام ۋەتەنگە ئىنتىلىشنى ئىستىمەس.
ئوت بولاتتىم، تولغىناتتىم، مەن يېنىپ چاقماقلىسام ،
ئەل ئېغىر ياتقۇدا بولدى ھەم بىلىشنى ئىستىمەس.
"ئۇ ئۇزۇن بۇ قىسقا" دەپ يۈرىشىدۇ بەزىلەر ،
ئوغرى تەگسە ئۆيدە مالغا ئىز تېپىشنى ئىستىمەس.
ئېھتىيات جانى ئۈچۈن سەن بىر كېڭەش بەرسەڭ ئەگەر،
بىز بۇلۇرمىز دەپ تۇرۇپ ئىجرا قىلىشنى ئىستىمەس.
ھامىنىڭ ئەۋلادىدىن بىرسى قۇللۇقتا قالمىدى ،
ئۇيغۇر ئەۋلادى بۇنى ھەم سېزىشنى ئىستىمەس.
يەپ زەھەر بولدى كىسەل ، ئەلۋىدا! كۆپتۇر خەتەر ،
مىللىتىم جان چىقسا ھەم ، داۋالىنىشنى ئىستىمەس .
باشقىلار كۆكتە ، دېڭىزدا ئۈزدى شوخ پەرۋاز قىلىپ ،
بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئىشەك مىنىشنى ئىستىمەس .
ئىزلىدى ھۇما قۇشىنى كۈندە ئاسمانغا قاراپ ،
ئىزلىگەنلەر باشىغا ھۇما قۇنۇشنى ئىستىمەس .
مىللىتىم تارتقان ئازاپقا كۆڭۈل قانداق چىدىغاي ،
ئەل غېرىپ ئىڭرايدۇ ئەمما، تەۋرىنىشنى ئىستىمەس.
ئابدۇخالىق قىل سۇبات، ئىزلە سىراتەل مۇستەقىم،
بۇ سۇبات بارىدا دىل ۋەيران كىزىشنى ئىستىمەس.
1920-يىلى تۇرپان