تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك



      

     

     سەمىمىي بىر دىندار ئاتاتۈرك

     

    ھارۇن ياھيا(تۈركىيە)

    تۈركىچىدىن يۈسۈپجان ياسىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان

        

       1956- يىلى ئەنقەرەدە تۇغۇلغان ئادنان ئوكتار تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم پىكىر ئادەملىرىدىن بىرى. مىللى ۋە مەنىۋىي قىممەتلەرگە ناھايىتى سادىق ۋە ئىشەنگەن مۇقەددەس قىممەت ئۆلچەملىرىنى باشقا ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈشنى ئىنسانىي بۇرج سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان  ئادنان ئوكتار پىكرىي كۈرىشىنى 1979- يىلى مىمار سىنان ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەتلەر فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلىغان. ئۇنىۋېرسىتېتتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ماتېرىيالىستتىك پەلسەپە ۋە تۈرلۈك ئىدېئولوگىيەنىڭ نوقسانلىرى ھەققىدە شۇ ساھەنى ھېمايە قىلغۇچىلاردىنمۇ بەكرەك  بىلىم ئىگىسىگە ئايلانغۇدەك دەرىجىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان.  بۇ بىلىم جۇغلانمىسىنىڭ نەتىجىسىدە بولسا تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋىي قىممەت ئۆلچەملىرىگە تەھدىت سالغان، بۆلگۈنچى ئىدېئولوگىيەنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان دارۋىنىزم ۋە تەدىرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ  تۈركىيەگە ۋە دۇنياغا كەلتۈرگەن زىيىنى ۋە بۇ نەزەرىيىنىڭ ھازىرقى زامان بىلىم – پىنى ئالدىدىكى مەغلۇبىيىتىنى تۇنۇتۇشتا ئادنان ئوكتار <<خەلقارالىق بىر قەھرىمان>>غا ئايلانغان. ئاپتور يەنە دۇنيا تارىخى ۋە سىياسىتىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن سىيونىزم ۋە ماسونلۇق  ھەققىدىمۇ نۇرغۇن كىتاپ يازغان. بۇ ئەسەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىمان ۋە  <<قۇرئان>> ئەخلاقىنى  تېما قىلغان ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاپتورنىڭ   300 دىن ئارتۇق ئەسىرى بار. 

    جاھىت يالچىن دېگەن ئىسىمنىمۇ قوللانغان ئادنان ئوكتار <<ئىنكارچى چۈشەنچىلەرگە قارشى مۇجادىلە قىلغان>> ۋە يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى پەيغەمبەرنىڭ خاتىرىسىگە  ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ نامىنى ياد ئىتىپ  تۇرۇش ئۈچۈن،  ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى << ھارۇن ياھيا>> دېگەن نام ئاستىدا  ئىلان قىلغان.

    ئاپتور كىتاپلىرىنىڭ مۇقاۋىسىغا رەسۇلۇللاھنىڭ مۆھۈرىنىڭ رەسىمىنى  چۈشۈرگەن. بۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى بولسا كىتاپلارنىڭ مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ مۆھۈر <<قۇرئان كەرىم>>نىڭ ئاللاھنىڭ ئاخىرقى كىتابى ۋە ئاخىرقى سۆزى، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭمۇ <<ھاتەمۇل ئەنبىيا>>  ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان. ئاپتورمۇ ئىلان قىلغان پۈتكەل ئەسەرلىرىدە <<قۇرئان>>نى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى  ئۆزىگە يىتەكچى قىلىپ، ئىنكارچى چۈشەنچە سىستېمىلىرىنىڭ بارلىق ئاساسىي ئىدېيىسىنى بىر بىرلەپ ئاغدۇرۇشقا ۋە دىنگە قارشى ئىتىرازلىرىغا تولۇق رەدىيە بىرىدىغان <<ئاخىرىقى سۆز>>نى ئېيتىشنى مەقسەت قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ مۆھۈرى بۇ ئاخىرىقى سۆزنى ئېيتىش نىيىتىنىڭ بىر دۇئاسى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. ئاپتورنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدىكى ئورتاق مەقسىتى ئىنسانلارغا <<قۇرئان>>نى  تەبلىغ قىلىش  ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى، بىرلىكى  ۋە ئاخىرەتكە ئوخشاش ئىمان-- ئېتىقادقا ئائىت تېمىلار  ھەققىدە ئويلىنىشقا يىتەكلەيدۇ ۋە بەزى مۇھىم تېمىلارنى ئەسلىتىدۇ. ھارۇن ياھيانىڭ ئەسەرلىرى  ھىندىستاندىن ئامېرىكىغا، ئەنگلىيەدىن  ھېندونېزىيەگە، پورتىگالىيەدىن برازىلىيەگە قەدەر نۇرغۇن دۆلەتلەردە  ياقتۇرۇپ ئوقۇلماقتا. ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، گېرمانچە، ئىتالىيانچە، ئىسپانچە ، پورتېگالچە، ئۇردۇچە، ئەرەبچە، ئالبانچە، رۇسچە، بوشناكچە، ئۇيغۇرچە، ھېندونىزچە قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى چەتئەللەردە كەڭ بىر ئوقۇرمەنلەر تۈركۈمى تەرىپىدىن  ئالقىشلانماقتا.دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدە پەۋقۇلئاددە يۇقىرى باھالىنىۋاتقان بۇ ئەسەرلەر ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىمان ۋە ئېتىقادىنى كۈچەيتىشكە سەۋەپ بولماقتا. كىتاپلارنى ئوقۇغان، تەتقىق قىلغان ھەر كىشى بۇ چوڭقۇر پەرقنى،  پايدىلىق تەرەپلەرنى، ئەسەردىكى  ھىكمەتلىك، ئەقىلچىل، چۈشىنىشلىك  ۋە سەمىمىي ئۇسلۇبنى  ھېس قىلىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە  ھىچكىم رەت قىلالمايدىغان ، سەمىمىي، ئوچۇق، پاكىتلىق بىر ئىپادىلەش شەكلى بار . شۇڭا.  بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دەرىجىسى داۋاملىق كۈچەيمەكتە. تۈۋەندە بىرىلگىنى ئاپتورنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلان قىلغان  ئەسەرلىرىدىن بىزگە مەلۇم بولغانلىرىدۇر. تۈركىيە تۈركچىسى ۋە ئىنگلىزچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى توردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

     تۈۋەندە تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلغىنى رايونىمىزدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ئېتىقادى مەسىلىسىگە دائىر  <<سەمىمىي  بىر دىندار ئاتاتۈرك>> دېگەن كىتاپتۇر.   كىتاپ ئاتاتۈركنىڭ نۇتۇقلىرى ، شاھىتلارنىڭ سۆزلىرىگە ۋە مەنتقىلىق تەھلىلەرگە ئاساسەن يېزىلغان بولۇپ،  رايونىمىزدىكى ئاتاتۈركنى چۈشىنىشكە ھەۋەس قىلدىغان تورداشلار ئۈچۈن مۇھىم مەنبە ھېساپلىنىدۇ.  

    كىرىش سۆز

     

                                          

    يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى بەزى ئىدېئولوگىيەلىك مۇھىتلار تەرىپىدىن تۈرك خەلقىگە ناھايىتى خاتا بىر مەنتىقە سىنڭدۈرۈشقا تىرىشىلدى. بۇنىڭغا قارىغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈرك دىنگە قارشى، ماتېرىيالىستتىك چۈشەنچىنى ھېمايە قىلىدىغان بىر كىشىدۇر. بولۇپمۇ دىندار بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئاتاتۈركچى بولۇش ئادەتتە بىر بىرىگە زىت ئۇقۇملار ئىدى. لېكىن، بۇ خاتا تەربىيە كۈنىمىزدە تەسىرىنى يوقاتتى. ئەمدىلىكتە ھەممە كىشى بىلدىكى، بۇ ئۆزلىرى دىنگە قارشى تۇرۇپ، بۇنى ھەقسىزلىك بىلەن ئاتاتۈرككە مال قىلىپ، خاتا پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان كىشى ۋە مۇھىتلارنىڭ مۇجارەت قىلغان كلاسسىك بىر ئۇسۇلىدۇر. ھالبۇلكى، ئاتاتۈركنىڭ ھاياتى ۋە چۈشەنچىلىرى تەتقىق قىلىپ كۆرۈلسە ماتېرىيالىستتىك گۇرۇھلار ئالغا سۈرگەن بۇ خىل ئىدېيەلەرنىڭ تامامەن ھالدا ھەقىقەتنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.  مەيلى ئاتاتۈركنى يېقىندىن تۇنۇيدىغان كىشىلەر نەقىل كەلتۈرگەن مەلۇماتلار بولسۇن، ياكى ئاتاتۈركنىڭ ھاياتىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىشەنچىلىك مەنبەلەرنى تەتقىق قىلغاندا بولسۇن، ئاتاتۈركنىڭ ماتېرىيالىست، دىنگە قارشى بىر شەخس بولماستىن، ئەكسىچە تەۋرەنمەس بىر ئاللاھ ئېتىقادىغا ئىگە، <<قۇرئان كەرىم>>نى ئۆزىگە يىتەكچى قىلغان سەمىمىي بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. ئاتاتۈركنىڭ ساغلام بىر ئىسلام ئېتىقادىغا ئىگە ئىكەنلىكى تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن  سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىمۇ ئېنىق شەكىلدە ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ رەھبىرىمىزنىڭ يۈرگۈزگەن تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلغان چېغىمىزدىمۇ بۇلارنىڭ دىنىمىزنىڭ ئەسلىگە ۋە <<قۇرئان كەرىم>>دە تەرىپلەنگىنىگە ئۇيغۇن  كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

    ناھايىتى كۆپ قېتىم ھاياتىنى تەھلىكىلەرگە ئېتىپ داۋاملاشتۇرغان مۇجادىلىسى نەتىجىسىدە مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى دۈشمەننىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشى، جامەلەرنىڭ چېركاۋغا ئۆزگەرتىلىشىنى توسۇشى، دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئۇرۇش سېپىنى  قۇرۇشى ۋە ئۇلارغا ئىگە بولۇشى ئاتاتۈركنىڭ دىنىگە، مىللىتىگە ۋە تارىخقا چىن كۆڭلىدىن سادىق بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئېنىق بەلگىلىرىدۇر.

    ئاتاتۈركنى دىندىن يىراق ۋە ماتېرىيالىست بىر كىشى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكچى بولغانلار شۇنى ياخشى بىلىشى كېرەككى، ئاتاتۈرك ئۆمۈر بويى ئاساسىنى ماتېرىيالىزمدىن ئالغان كومىنىزمغا قارشى ناھايىتى كەسكىن بىر كۆرەش قىلدى. بۇ تېما بىلەن  مۇناسىۋەتلىك ھالدا بەرگەن بىر تەلىماتىمۇ بار[1]. بولۇپمۇ ئاتاتۈرك تۈرك مىللىتىنىڭ كۈچلۈك مىللى ۋە دىنىي تۇيغۇلىرىنىڭ، كۈلتۈرەل ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ كوممۇنىزمنىڭ مەملىكىتىمىزدە يىلتىز تارتىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىزلەرگە، يەنى تۈرك مىللىتىگە چۈشكەن ۋەزىپە بولسا ئاتىمىزنى، ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى، پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئەڭ توغرا مەلۇماتلار ئارقىلىق تۇنۇش، خەلقىمىزگە تۇنۇتۇش ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈشتۇر.

     

    داۋامى بار

     

     

     

     

     



    [1]   فارۇك شۈكرۈ يەرسەل : <<ئەسكى شەھەر گېزىتى>> گە قاراڭ، 1926- يىل.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھارۇن ياھيا , ئاتاتۈرك , ئىسللام دىنى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-12 19:15:01
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 384
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证