تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  بىلىۋېلىڭ ›› قىزىق نۇقتىلار ›› قىزىق نۇقتا بىلىملىرى ›› ناتو قومدانلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12631
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ناتو قومدانلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلدى

     

     
     
     
       شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات قارارىنى ماقۇللىدى.
     
       ئىزمىر ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقى، يېڭى ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.
     
      لىۋىيە مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىرغان ئىتتىپاقنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، ئىتتىپاقنىڭ قوماندانلىق قۇرۇلمىسىنى ھازىرقى شارائىتنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالەتكە ئېلىپ كېلىشنى نىشان قىلغان ئىسلاھات قارارىنى ماقۇللىدى.
     
       ناتو باش كاتىپى راسمۇسسېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قوماندانلىق ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئىتتىپاقنىڭ ھەم چىقىمىنى ئازايتقىلى، ھەمدە پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     
       بەزى ھەربىي بازىلارنىڭ ئىتىۋېتىلىدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ بولسا ئورۇن ياكى ۋەزىپە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان راسمۇسسېن، بەزى ئاگېنتلىقلارنىڭمۇ سانىنى ئازايتىپ تېخىمۇ ئاكتىپ ھالەتكە ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
     
       دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، قوماندانلىق ئىسلاھاتى دائىرىسىدە ئىزمىر ئىتتىپاقداش ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.
     
      ناتونىڭ گېرمانىيەنىڭ ھېيدېلبېرگ ۋە ئىسپانىيەنىڭ رېتامارېش شەھەرلىرىدىكى ئىككى قۇرۇقلۇق ھەربىي بازىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىزمىرغا يۆتكەپ كېلىنىدىكەن.
     
      ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىگە يېقىن جايدا بەرپا قىلىنغان توررېجون ھەربىي بازىسى ناتوغا قاراشلىق ھاۋا ھەربىي ھەرىكەتلەر بازىسىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن.
     
       پورتۇگالىيەدىكى لىسابون ئورتاق ھەربىي بازىسى ھەربىي قورال - ياراغلار بازىسىغا ئۆزگەرتىلىدىكەن، ئىتالىيەنىڭ نىاپول شەھىرىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك قوماندانلىق مەركىزى قوغدىلىدىغان جاي قىلىپ بېكىتىلىدىكەن.
     
      ناتو ھەربىي بازىلىرىنىڭ 11دىن 7گىچە، ئاگېتنلىقلارنىڭ 14تىن 3كە ئۆزگەرتىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىسلاھات قارارى بىلەن، ھەربىي قوماندانلىق قۇرۇلمىسىدىكى خادىملارنىڭ سانىنىڭمۇ 13مىڭدىن 9000غىچە تۆۋەنلىتىدىغانلىقى پىلانماقتا.
     
    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ناتو
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-10 10:46:28
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 249
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证