تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› قاينامى:ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    kaynami
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 188
    kaynami@163.com
    1471648165
    يازما سانى : 17
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2007-12-12 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قاينامى:ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى



    ئىككى رەسسامنىڭ ھېكايىسى

    رەخىم ياسىن قاينامى

     

    سەن سىزىساڭ دەريالارنى ئاسمانغا ئاققان

    مەن سىزىمەن دېڭىزلارنى غەملەرگە پاتقان

    سەن سىزىساڭ چىمەنلەرنى گۈللەر ئېچىلغان

    مەن سىزىمەن ياپراقلارنى قېنى چېچىلغان

    سەن سىزىساڭ ئاسمانلارنى زۇمرەت بېسىلغان

    مەن سىزىمەن يۇلتۇزلارنى دارغا ئېسىلغان

     

    سەن سىزىساڭ چىرايىنى سۇلارنىڭ سۈزۈك

    مەن كېچىنىڭ بارمىقىغا سالىمەن ئۈزۈك

     

    سەن سىزىساڭ بىر ناخشىنى تەندىن تۈزۈلگەن

    مەن سىزىمەن سۇنۇق تەمبۇر تارى ئۈزۈلگەن

     

    سەن سىزىساڭ شىرىن چۈشنى كارۋات ئۈستىدە

    مەن سىزىمەن شىرىن خىيال قەبرە ئىچىدە

     

    سەن سىزىساڭ بىر ھەيكەلنى ئالتۇن يالاتقان

    مەن سىزىمەن ئۈچ ئوغلۇمنى قىلىچلار ئاسقان...

    2011-4-28



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قاينامى , ئىككى رەسسام , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-10 0:10:44
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 229
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证