تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› يىچىڭ خانىش ۋە كۆكتۈرك قاغانلىرى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يىچىڭ خانىش ۋە كۆكتۈرك قاغانلىرى



      

    يىچىڭ خانىش ۋە كۆكتۈرك قاغانلىرى

     

    يۈسۈپجان ياسىن

     

    جۇڭگودا ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن سۈي سۇلالىسى(581-618)ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىمالدىكى قوشنىسى كۆكتۈركلەر، بولۇپمۇ سەرقىي كۆكتۈركلەر ئىنتايىن خەتەرلىك تەھلىكىگە ئايلانغان ئىدى. سۈي سۇلالىسى بۇ تەھلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆكتۈركلەرنىڭ ئىچىدىن ئىتتىپاقچى تېپىپ، ئۇلارغا پۇل، مال -- مۈلۈك بېرىش، چوڭ قاغان دەپ ئېتىراپ قىلىش، سوغا تەقدىم قىلىش ۋە مەلىكە ياتلىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن كۆكتۈركلەر ئارىسىغا ئىغۋا تارقىتىپ، ئىتتىپاقسىزلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇغىنى چاچقان. بولۇپمۇ مەلىكە ياتلىق قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۈچلۈك مىللەتلەرنى پارچىلاپ يوقىتىش خەن دەۋرىدىن بېرى خەنزۇ سۇلالىلىرىنىڭ دىپلوماتىيىدىكى ئەڭ چوڭ كوزىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.  

    شەرقىي كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ چوڭ قاغانى تۇنگا تۇران قاغان دەۋرىدە (588- 600)سۈي سۇلالىسى كۆكتۈركلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن تۇنگا تۇران قاغاننىڭ سۈي سۇلالىسى مەلىكىسىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى رەت قىلغان، بۇنىڭ ئورنىغا قاغانلىقنىڭ شىمال تەرىپىدىكى رايونلارنى ئىدارە قىلىۋاتقان تۆرە قاغانغا ئەنيى مەلىكىنى ياتلىق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن كۆكتۈركلەرنىڭ چوڭ -- كىچىك قاغانلىرى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولغان. سۈي سۇلالىسىنىڭ بۇ خىل دېپلۇماتىيە سىياسىتىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن تۇنگا تۇران قاغان سۈي سۇلالىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە يەنە تۆرە قاغانغا جازا يۈرۈشى قىلغان. مەغلۇپ بولغان تۆرە قاغان بىر قانچە ئادەملىرى بىلەن قېچىپ بېرىپ، سۈي سۇلالىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن. بۇ چاغدا تۆرە قاغانغا ياتلىق قىلىنغان ئەنيى قاغان ئالەمدىنئۆتكەن. سۈي سۇلالىسى ئۇنىڭغا قايتىدىن يىچىڭ مەلىكىنى ياتلىق قىلغان. يىچىڭ مەلىكىگە تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە <<خاتۇن>>(خانىش)ئۈنۋانى بىرىلگەن. يىچىڭ خانىش كۆكتۈركلەر ئىچىدە تۇرغان مەزگىلدە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت قاغانغا ياتلىق بولغان. ئۇ بۇ يىللاردا كۆكتۈركلەر بىلەن سۈي-- تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدەھەل قىلغۇچ رول ئويناپلا قالماي، يەنە بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە لايىھىلىگۈچىمۇ بولىدۇ.

    تۇنگا تۇران قاغان مىلادى 600- يىلى سۇيىقەست بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئورنىغا چوڭ قاغانلىق تەختىگە چىققان تاردۇ قاغان(600-603)سۈي سۈلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قىلىۋاتقان چاغدا، سۈي سۇلالىسىنىڭ كۆكتۈرك قوشۇنلىرى ئۆتىدىغان يەردىكى دەريانىڭ باش ئېقىنىغا  زەھەر تاشلىشى بىلەن قوشۇندىن نەچچە مىڭ كىشىئۆلگەنۋە نۇرغۇن چارۋا-- مال قىرىلىپ كەتكەن. بۇنى تەڭرىدىن كەلگەن ئاپەت دەپ بىلگەن كۆكتۈركلەر چېكىنىپ كىتىدۇ. مىلادى 603- يىلى تۆرە قاغان سۈي سۇلالىسىنىڭ ھېمايىسى بىلەن چوڭ قاغانلىق تەختىگە چىقىدۇ. تۆرە قاغان مىلادى 607- يىلى يىچىڭ خانىش بىلەن بىرلىكتە سۈي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە بېرىپ، پادىشاھ ياڭدىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە سوغا تەقدىم قىلىپ، بۇئارقىلىق سىياسىي ئىتتىپاقىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولىدۇ. مىلادى 609- يىلى تۆرە قاغان ياڭدىنى ئىككىنجى قېتىم زىيارەت قىلغىلى بارغاندا، كىسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئورنىغا ئوغلى سىبىر قاغان ئۈنۋانىدا(609-611)تەختكە چىققان. سىبىر قاغان تۈركلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ئۈگەيئانىسى يىچىڭ خانىشقا ئۆيلەنگەن.

    سىبىر قاغان دادىسى تۆرە قاغاننىڭ سۈي سۇلالىسىغاتۇتقان مۇئامىلىسىنى مىللەتكە ئاسىيلىققىلىش دەپ بىلىپ، سۈي سۇلالىسىغاقاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان. ئۇ سۈي سۇلالىسىنى يوقتىشنى مۇھىم تاشقى سىياسەت قىلىپ بىكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھ ياڭدى شىمالنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چىققاندا ئۇنى تۇتۇپ كەتمەكچى بولىدۇ. بۇنى سىزىپ قالغان يىچىڭ خانىش قاغاننىڭ پىلانىنى يۇشۇرۇن ھالدا ياڭدىگە يەتكۈزۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياڭدى جەنۇپقا قېچىپ كىتەلىگەن بولسىمۇ، سىبىر قاغاننىڭ قوشۇنى ئۇنى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، ھازىرقى شەنشى تەۋەسىدە قورشىۋالىدۇ. قاتتىق ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە قالغان پادىشاھ ياڭدى ئۆزىنىڭ قوماندانلىرىنى قوچاقلاپ تۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كىتىدۇ. ئۇ قوماندانلارنى غەيرەت كۆرسىتىپ بۇ نومۇستىن قۇتۇلدۇرۇشنى قايتا -- قايتا تەلەپ قىلغان. بۇنىڭمۇ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى كۆرگەن ياڭدى ئەلەم ۋە خورلۇق ئىچىدە تەسلىم بولۇشقا تەمشەلگەن. شۇ چاغدا تۇساتتىن ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر خىيال كىلىدۇ ۋە يىچىڭ خانىشقا ئىلتىجا قىلىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ. يىچىڭ خانىش دەرھال قاغانلىقنىڭ شىمال تەرىپىدە ئىسيان چىققانلىقى ھەققىدە  سۆز -- چۆچەك تارقىتىپ قاغاننى بۇنىڭغا ئىشەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن قاغان بۇ خىيالىي ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن دەرھال مۇھاسىرىنى بوشىتىپ چېكىنگەن. نەتىجىدە يىچىڭ خانىشنىڭ پىلانلىشى بىلەن ياڭدى تۇتقۇنغا ئايلىنىپ قېلىشتىن، سۈي سۇلالىسى كۆكتۈركلەرنىڭ قولىدا ھالاك بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالغان. خەنزۇ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ سەتچىلىكلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ ۋەقە مىلادى 615- يىلى يۈز بەرگەن ئىدى. لېكىن، سىبىر قاغان سۈي سۇلالىسىنى يوقىتىۋىتىش پىلانىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈي سۇلالىسىنى يوقاتماقچى بولغان تاڭ شاھزادىسى لى يۈەن بىلەن ھەربىي كىلىشم تۈزۈپ، ئۇنىڭ قولى  ئارقىلىق بۇ دۆلەتنى تارىخ سەھنىسىدىن غۇلىتىپ تاشلايدۇ. ئوتتۇرىدا تۈزۈلگەن كىلىشىم بويىچە، كۆكتۈرك قوشۇنىنىڭ ياردىمى بىلەمسۈي سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن چاڭئەن شەھىرىدىكى بارلىق بايلىق، مال – مۈلۈك قاغانغا تەۋە بولۇش، بۇنىڭدىن باشقا 30 مىڭ توپ يىپەك رەخت ۋە يىللىق باج تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن ئىدى. لېكىن، تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، لى يۈەن كىلىشمگە خىاپلىق قىلىپ، كۆكتۈركلەرگە ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى تاپشۇرمىغاچقا، غەزەپلەنگەن سىبىر قاغان يېڭى قۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسىغاقارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇ شىمالىي جۇڭگوغا كەلگەندە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. 

    سىبىر قاغاننىڭ ئورنىغا ئىنىسى چۇلۇق قاغان(619-621)تەختكە چىققان. ئۇ تۈرك ئادىتى بويىچە يىچىڭ خانىشقا ئۆيلەنگەن. ئۇ لى يۈەننىڭ كىلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تاڭ سۇلالىسىنى يوقىتىپ سۈي سۇلالىسىنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن جەنۇپقا يۈرۈش قىلىپ ماڭغاندا، يىچىڭ خانىش تەرىپىدىن زەھەرلەپئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسى كۆكتۈركلەرنىڭ قولىدا يوقىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان.

    چۇلۇق قاغاننىڭ ئورنىغا ئىنىسى باغاتۇر شاد تەختكە چىقىپ (621-630)قارا قاغان ئۈنۋانىدا ئاتالغان. تۈرك ئادىتى بويىچە ئۇمۇ يىچىڭ خانىشقا ئۆيلەنگەن. يىچىڭ خانىش بۇ قاغاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن  قاغاننىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەش ۋە  ئازدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق  قاغان بىلەن قوماندانلار ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلغان. ئۇ بۇ يول ئارقىلىق قاغانلىقنىڭ ئاجىزلىشىپ كىتىشىگە، نىھايەت مىلادى 630- يىلى قارا قاغاننىڭ تاڭ سۇلالسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلىشىغا شەرت – شارائىت ھازىرلىغان. قارا قاغان مىلادى 634- يىلى چاڭئەن شەھرىدە دەرت -- ئەلەم ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.لېكىن  مىلادى 630- يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ  قوشۇنى شىمالغا يۈرۈش قىلىپكۆكتۈركلەر زىمىنى ئىچىگە بېسىپ كىرگەندە يىچىڭ خانىشنىڭ تارىخى تۆھپىلىرىمۇ نەزەرگە ئېلىمىدى ۋە قوماندان لى جىڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرلدى. 

    يىچىڭ خانىش كۆكتۈركلەرگە خانىش بولغان مەزگىللەردە كۆكتۈركلەر بىلەن سۈي-- تاڭ سۇلالىلىرىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن مۇھىم موھىم رول ئوينىدى. ئۇ پۈتۈن زېھنىنى كۆكتۈركلەرنىڭ زىيىنى ۋە سۈي – تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايدىسغا قاراتتى. يەنى ئۇ تۆرە قاغان بىلەن سىبىر قاغانغا خانىش بولغان مەزگىللەردە سۈي سۇلالىسىنى بىر قېتىم ئېغىر خورلۇق ۋە ھالاكەتتىن ساقلاپ قالدى. چۇلۇق قاغانغا خانىش بولغان مەزگىلدە يېڭى قۇرۇلغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۆز بۆشۈكىدىلا بۇغۇلۇپ كىتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. قارا قاغانغا خانىش بولغان مەزگىللەردە بولسا بىر مەزگىل قالتىس دەۋر سۈرگەن شەرقىي كۆكتۈرك قاغانلىقىنىڭ تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلىشىغا ئىچكى جەھەتتىن شەرت – شارائىت ھازىرلاپ بەردى.يىچىڭ خانىشنىڭ كۆكتۈرك خانلىقىدىكى پائالىيىتى ۋە ئوينىغان رولىدىن  شۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇرلاردىكى <<ئىتنىڭ ئەسكىسى قاۋىماي چىشلەيدۇ>> دېگەنگە ئوخشاش بەزى ماقال- تەمسىللەر  تارىختىكى  مۇشۇ  خىل  ۋەقەلەردىن چىقىرىلغان يەكۈن بولسا كېرەك.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يىچىڭ خانىش , كۆكتۈرك قاغانلىرى , سۈي - تاڭ سۇلالىسى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-9 17:29:33
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 325
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证