تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Xongkar
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 349
    595652605@qq.com
    595652605
    يازما سانى : 17
    باھا يازما سانى : 5
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-3-22 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئويغان! ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

     


    ئويغان!

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

     

     

    ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر، 

    سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

    بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،

    ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

     

    قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!

    رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ،

    كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،

    ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.

     

    ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،

    شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟

    چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،

    ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟

     

    كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق، 

    ئۆز ئىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.

    كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،

    كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق. 

     

    ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،

    سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.

    كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،

    ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!

      

    كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،

    تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.

    «خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،

    شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.  

     

     

    1921-يىل، تۇرپان 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئويغان! ئابدۇخالىق ئۇيغۇر , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-8 21:02:09
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 661
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证