تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Hechkim
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 15040
    abdurehim@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 38
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-11-29 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھازىرقى بالىلار كارامەت (09)



     

     
    سەككىز قىزنىڭ ئاتىسى
     
     
    ئەخمەت:
     
    7-دېكابىر يازغان خېتىڭنى تۈنۈگۈن تاپشۇرۇۋالدىم. مۇئەللىمىڭلار سۆزلەپ بەرگەن ئۇ ۋەقە ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئىكەن. قولسىز بالىنىڭ مۇدىرنىڭ كاچىتى بىلەن يەرگە يىقىلىشى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ئىنتايىن بىئارام بولدۇم.
     
    ھېكمەت ئىسىملىك ساۋاقدىشىم ماڭا بىر سىرنى ئاشكارىلىدى. بۇنى ساڭا يازايمىكىن دەپ ئويلىدىم. يېزىشتىن قىينالمايمەن. ھېكمەت ئۆزى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ۋەقەنى سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئاڭلىشىنى خالىمايدۇ. مەنمۇ ئاغزىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھېچكىمگە دېمىدىم. لېكىن، سەن ھېكمەتنى تونۇمايسەن، ئۇنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى ساڭا يازسام، ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان بولمايمەن. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
     
    ساۋاقدىشىمنىڭ سىرىنى ساڭا غەيۋەت قىلىپ بېرىۋاتقىنىم يوق، مېنى كۆپ ئويلاندۇرغان بۇ مەسىلە توغرىسىدا سېنىڭ نېمىنى ئويلىغانلىقىڭنى بىلمەكچىمەن.
     
    مەن بۇ يەردىكى مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئىچىدە ھېكمەت زادى دىققىتىمنى جەلپ قىلمىغانىدى، چۈنكى ئۇ مۇلايىم، كەمسۆز بالا ئىدى. دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇنى ئوغۇل بالا دەپ ئويلىغانىدىم، چۈنكى ئۇ ئوغۇل بالىلاردەك كىيىنىپ، چاچلىرىنىمۇ ئوغۇل بالىلارنىڭكىدەك قىسقا ياسىتاتتى. ناھايتى ئاجىز... ئۇنىڭ ئۈستىگە، نە ئوغۇل بالىلار بىلەن، نە قىز بالىلار بىلەن دوست بولمايدىغان جىمغۇر بالا ئىدى. يەنە كېلىپ، ھېكمەت دېگەن ئىسىم قىزلارغىمۇ، ئوغۇللارغىمۇ قويۇلۇۋېرىدۇ-دە.
     
    بۈگۈن تەنتەربىيە دەرسىدە مۇئەللىمىمىز قىزلارنى بىر تەرەپكە، ئوغۇللارنى بىر تەرەپكە ئايرىغاندا، ھېكمەت قىزلار تەرەپكە ئۆتتى. دەسلەپ بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولدۇم ۋە ھېكمەتنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدىلا بىلدىم. بۇنىڭ بىلەن ھېكمەتكە قىزىقىپ قالدىم.
     
    ئۆتكەن بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى ھېكمەت مەكتەپكە ناھايىتى خاپا كەلدى. نېمىگە خاپا بولغانلىقىنى سورىدىم. ئاۋۋال ئېيتقۇسى كەلمىدى، زورلىغىنىمدىن كېيىن:
    - راستىمنى ئېيتسام، مەنمۇ ئېيتىشنى، بىر ئاز ئەركىن يۈرۈشنى خالايمەن. بىراق، يېيىلىپ كېتەرمىكىن دەپ، ئېيتىشتىن قورقىمەن،- دېدى.
     
    ساۋاقداشلارغا دېمەسلىككە ۋەدە بەرگىنىمدىن كېيىن ئېيتتى.
     
    ئۇلار سەككىز قېرىنداش بولۇپ، سەككىزىلىسى قىز ئىكەن...
     
    لېكىن، ھېكمەت بەزى كۈنلىرى مەكتەپكە ئاكىسى بىلەن بىللە كېلەتتى. بۇنى دېگىنىمدە، ئۇ:
    - ئۇ مېنىڭ ئاكام ئەمەس، ھەدەم. لېكىن ئۇ ئەرچە ياسىنىپ يۈرگەچكە، ئۇنى ھەممە ئادەم ئوغۇل دەپ ئويلايدۇ،- دېدى.
     
    ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئەرچە كىيىنىدىكەن.
    - نېمىشقا شۇنداق؟- دەپ سورىدىم.
    - چۈنكى، دادام شۇنداق يۈرۈشىمىزنى خالايدۇ،- دېدى ئۇ.
    - ياخشى ئىكەن، بىراق بۇنىڭغا بىئارام بولۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
     
    دادىسى ئوغۇل بالىسى بولۇشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدىكەن. تۇنجى بالىسى قىز بولغاندا ناھايىتى خاپا بولۇپ، پۈتۈن ئۈمىدىنى ئىككىنچى بالىسىنىڭ ئوغۇل بولۇشىغا باغلاپتۇ. گويا بالا تۇغۇلماستا ئۇنىڭغا ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى قويسا، قورساقتىكى بالا ئوغۇل بولۇپ قالىدىغاندەك، تېخى بالا تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇپتۇ... بۇ ئادەمنىڭ تەلەيسىزلىكىدىنمۇ ياكى بىر تەتۈرلۈكمۇ، ئىككىنچىسىمۇ قىز تۇغۇلغاندا، خاپىچىلىقتىن نەچچە كۈنگىچە ھېچكىمگە گەپ قىلماي يۈرۈپتۇ. تونۇشلىرى: "تېخى ياشسەن، نۇرغۇن بالىلىرىڭ بولىدۇ" دېسە، "ئۇلارمۇ قىز بولسىچۇ..." دەپ ھەسرەت چېكىدىكەن. خوتۇنى ئۈچىنچى بالىغا ھامىلىدار بوپتۇ. "كەينى كەينىدىن ئۈچىلىسى قىز بولماس..." دېگەن ئوي بىلەن، تۇغۇلمىغان بالىغا يەنە ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇپتۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خوتۇنى تۇغۇتخانىغا كەتكەندە، بۇ كېچە تۇغۇلىدىغان ئوغۇل ئۈچۈن دوستلىرىغا چوڭ زىياپەت بېرىپتۇ. زىياپەت ئارىلىقىدا تۇغۇتخانىغا تېلىڧون بېرىپ، يەنە بىر قىزى تۇغۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ساراڭ بولاي دەپ قاپتۇ. ئۇ ئۈچىنچى بالىسىنىڭمۇ قىز بولغانلىقىدىن شۇنداق نومۇس قىلىپتۇكى، زىياپەت داستىخىنىدىكى مېھمانلىرىغا يالغاندىن ئوغۇل تۇغۇلغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ. خوتۇنىغا ۋە ئۆيىدىكىلەرگىمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى مەنئى قىلىپتۇ.
     
    ئۈچىنچى قىزدىن كېيىن، خوتۇنىنىڭ ئوغۇل تۇغۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلىپتۇ. بۇ ئايالمۇ قىز تۇغۇپتۇ، يەنە كېلىپ قوشكېزەك ئىكەن... ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇۋەتكەن ئاۋۋالقى خوتۇنى باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ بىر ئوغۇل تۇغقان خەۋەرنى ئاڭلاپتۇ. بۇ ئادەم: "مەن نېمىدىگەن كالۋا، ئاۋۋالقى خوتۇنۇمنى دەل ئوغۇل تۇغۇش نۆۋىتى كەلگەندە قويۇۋېتىپتىمەن" دەپ پۇشايمان قىلسىمۇ، ئورنىغا كەلمەپتۇ.
     
    كەينى-كەينىدىن بەش قىزنىڭ ئاتىسى بولۇش ئۇنىڭغا ناھايىتى ھار كەپتۇ. "ئەمدى ھېچكىمنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمەن!" دەپ، ئۆيدىن چىقىپ يىراقلارغا كېتىپتۇ. بىر نەچچە ئايدىن كېيىن كېلىپ ئىككىنچى خوتۇنىنىمۇ قويۇۋېتىپتۇ...
     
    ھېكمەت بۇلارنى ماڭا باشقىلاردىن ئاڭلىغىنى بويىچە دەپ بەردى.
     
    بەش قىزنىڭ ئاتىسى بولغان ئادەم بۇ قېتىم چوقۇم ئوغۇلنىڭ ئاتىسى بولۇشنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇرۇن ئۈچ ئوغۇل تۇغقان بىر تۇل ئايال بىلەن توي قىلىپتۇ. بۇ ئايال كەينى-كەينىدىن ئۈچ ئوغۇل تۇغقىنىغا قارىغاندا، ئوغۇل تۇغۇشقا كۆنۈپ قالغان، دەپ ئويلىسا كېرەك.
     
    ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن، تۇغۇلىدىغان ئالتىنچى بالىسىغا يەنە ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇپتۇ. ھامىلىدار خوتۇنىنى تۇغۇتخانىغا ئېلىپ بارغان كېچە يەنە دوستلىرىغا كاتتا زىياپەت بېرىپتۇ. ئۇ كۈنىمۇ ھە دېسىلا تۇغۇتخانىغا تېلىڧون قىلىۋېرىپتۇ. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، ئۇ ئۆيگە خاپا چىراي كىرىپتۇ. مېھمانلار قىزىقىپ:
    - ئوغۇلمۇ، قىزمۇ؟- دەپ سورىشىپتۇ.
    ئۇ ئادەم بۇرۇتلىرىنى تولغاپ:
    - ئەر دېگەننىڭ ئەركەك بالىسى بولىدۇ-دە!- دەپ كۆرەڭلەپتۇ. بىراق، ئاچچىقىدا بۇرۇتلىرى تىترەپ كېتىپتۇ. ساۋاقدىشىم ھېكمەت شۇ كۈنى تۇغۇلغانىكەن. ئالتىنچىسىمۇ قىز بولغاندا، بۇ ئادەم پۈتۈن ئۈمىدىنى يەتتىنچىسىگە باغلاپتۇ، لېكىن ئۇمۇ قىز بوپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئايالى خېلى ۋاقىتقىچە تۇغماپتۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ خوتۇنىنىمۇ قويۇۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ھېكمەتنىڭ ئاپىسى يەنە ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ. ئايال تۇغۇتخانىغا كېتىۋاتقاندا، ئېرى: "بۇ قېتىم قىز تۇغساڭ، ئۆيگە كەلگۈچى بولما، قويۇۋېتىمەن" دەپتۇ.
     
    بىچارە ئايال تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا، "خۇدا بۇيرۇسا ئوغۇل تۇغارمەن!" دەپ دۇئا قىلسىمۇ، يەنە قىز تۇغۇپتۇ. ئۇنىڭغىمۇ ئالدىنئالا "سۇئات" دەپ ئىسىم قويۇپتىكەن. ئىھ، بۇمۇ ھەم ئوغۇلنىڭ، ھەم قىزنىڭ ئىسمى ئىكەن.
     
    بىچارە ئايال تۇغۇتخانىنىڭ باش سېستىراسىغا يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، ئېرى تېلىڧوندا سورىسا، ئوغۇل تۇغدى، دەپ قويۇشنى ئېيتىپ يالۋۇرۇپتۇ. 
     
    ئايالغا ئىچى ئاغرىغان باش سېستىرا ئۇ ئادەم تېلىڧون قىلغاندا:
    - خۇش خەۋەر، قاۋۇل بىر ئوغلىڭىز بولدى...- دەپتۇ. 
     
    ھېكمەتنىڭ دادىسى تۇغۇتخانىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ:
    - خۇدا ھەققىدە ئوغلۇمنى كۆرەي!- دەپ تۇرۇۋاپتۇ.
     
    بالىنى كۆرسىتىپتۇ، بىراق زاكىداقلىق ھالدا كۆرسىتىپتۇ.
     
    - ئۈچ ئايغىچە ئائىلىمىزدە ناھايىتى خۇشال-خۇراملىق بولدى،- دېدى ھېكمەت ماڭا،- دادام سۇئاتنى دائىم "تەخت ۋارىسى" ياكى "شاھزادە" دەپ ئەركىلىتەتتى، ئاپامغىمۇ خانىشلارچە مۇئامىلە قىلاتتى، ئۇنىڭغا قىممەت باھالىق ھەدىيىلەرنى ئېلىپ بەردى، بىزگىمۇ قىز دەپ بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلانمايدىغان بولدى. ئۆيدە ھەممىمىز ئامال-چارە قىلىپ سۇئاتنى دادامغا يالىڭاچ كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن تىرىشاتتۇق. ئاپام دادام ئۆيدە يوق چاغلاردا سۇئاتنىڭ تېگىنى قۇرۇقداپ، زاكىلىرىنى ئالماشتۇرۇۋالاتتى. دادامنىڭ يېنىدا ئۇنى يۇمايتتى. قانداقلا بولمىسۇن، دادام بىر كۈنى ئەھۋالدىن خەۋەر تاپاتتى. لېكىن، بىز ئۇ چاغنى كەينىگە سۈرۈشكە تىرىشاتتۇق، ئۇ ۋاقىتقىچە دادامنى يۇمشىتىشنى ئۈمىد قىلاتتۇق.
     
    دادام ئېغىر كەيپ بولغان چاغلىرىدا، بىزگە: "ھەممىڭلار ئوغلۇمغا تاق تۇرۇپ قاراڭلار!" دەيتتى، ھە دېسىلا: "شاھزادەمنى ئۆزۈم يۇياي!" دەپ تۇرۇۋالاتتى. ئۇ چاغدا ئاپام قورقۇپ بالىنى قولىدىن تارتىۋېلىپ: "ۋاي، بولمايدۇ، سوغۇق تېگىپ قاپتۇ..." دېگەندەك باھانىلەر بىلەن كەينىگە سۈرەتتى. ئاھ... ئىككى كېچىنىڭ ئالدىدا، ئاخىر بولغۇلۇق بولدى. ھەممىمىز يېتىپ ئۇخلاپ قالغانىدۇق، قورقۇنچلۇق بىر ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن ئويغىنىپ كەتتۇق. ۋارقىراپ-جارقىراۋاتقان دادام ئىدى، ئاپام بولسا يىغلاۋاتاتتى. ئۇ كېچە دادام سۇئاتنىڭ ئوغۇل ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ بالىنى پۇتىدىن تۇتۇپ ساڭگىلىتىۋېلىپ: "مېنى ئالداپسىلەر... كۆزۈمنى بوياپسىلەر... بۇ ئوغۇل ئىدىغۇ؟ نەگە كەتتى؟" دەپ ۋار-ۋار ۋارقىرايتتى، بالىمۇ قىرقىراپ يىغلاۋاتاتتى.
     
    بالىنى ئاپامنىڭ قۇچىقىغا پىرقىرىتىپ ئاتقان دادام: "يوقال، ئوغۇل دەپ مېنى ئالداپ، بىكاردىن-بىكار ماڭا شۇنچە چىقىم قىلدۇرۇشتۇڭ، ھەممىڭ ئۆيدىن چىقىش!" دەپ بىزنى قوغلاپ چىقاردى.
     
    ئۇ كېچىنى بىر قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدۇق...
     
    ھېكمەت بۇلارنى دېگىنىدە يىغلاشقا باشلىدى. دادىسى ئاپىسىنى قويۇۋېتەرمىش.
     
    سەككىز قىزنىڭ ئاتىسى بولغان ئۇ ئادەم كۆز ئالدىمغا كەلگەندە، ئاۋۋال كۈلكەم قىستىدى، كېيىن مەنمۇ ھېكمەت بىلەن بىللە يىغلىدىم.
     
    ئۇ كۈنى مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئاپامدىن:
    - ھەدەم تۇغۇلغاندا دادام خۇش بولغانمىدى؟- دەپ سورىدىم. 
    - خۇش بولماي قالامدۇ، ئەلۋەتتە خۇش بولغان!- دېدى ئاپام.
    - كەينىدىن مەن تۇغۇلغاندىچۇ؟
    - يوقىلاڭ گەپنى قىلما!- دەپ ۋارقىرىدى ئاپام.
    مەن يەنە تەكرارلىدىم:
    - مېنىڭمۇ قىز بولغانلىقىمنى بىلگەندە يەنە خۇش بولدىمۇ؟
    - ئوغۇل ئارزۇ قىلىپتىكەن.
    - لېكىن، مەندىن كېيىن مەتىن تۇغۇلغاندا، ئوغۇل تۇغۇلدى دەپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەندۇ، شۇنداقمۇ؟
    - شۇنداق، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، دوستلىرىغا چوڭ زىياپەتمۇ بەرگەنىدى.
    - ئۈچىنچى بالاڭلار قىز بولۇپ قالغان بولسا قانداق بولاتتى؟
    - ئامالىمىز قانچە، بولسا بولۇۋېرەتتى...
    - دادام ئوغۇل بولسۇن دەپ يەنە بىر بالا تېپىشنى ئويلارمىدى؟
    - بەلكىم ئويلايتتى... سەن نېمىدەپ بۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ كەتتىڭ؟
    - ئۆزۈمچە سوراپ باقتىم.
     
    گېلىمغا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، ئاپامنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتىم.
     
    ھېكمەتنىڭ دەپ بەرگەنلىرى مېنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈردى. قىز بولۇش تۇغما تەلەيسىزلىكمۇ؟ سەن ئوغۇل بالا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن تۇغما تەلەيلىك ئوخشايسەن، بۇ ھەقتە سېنىڭ كۆز قارىشىڭنى بىلگۈم بار.
     
    ئاپام باياتىن بېرى: "لامپىنى ئۆچۈرۈپ يات ئەمدى" دەپ كوتۇلداۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ بەك كەچ بولۇپ كەتتى. ئەمدى ياتىمەن. ئەتە مەكتەپتىن قايتىشىمدا بۇ خەتنى پوچتىغا سالىمەن.
     
    خەير-خوش، ساۋاقدىشىم ئەخمەت.
     
     
    زەينەب يالقىر
    1963-يىلى 10-دېكابىر، ئەنقەرە
     
     
     
     


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھازىرقى بالىلار كارامەت , ئەزىز نەسىن , سەككىز قىزنىڭ ئاتىسى , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-8 18:28:27
    تەھرىر : Hechkim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 155
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证