مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا
پاراڭ قىلسام كىچىك چېغىم بوۋامغا .
ھاجىتىمىز چۈشمەس ئىدى دادامغا .
ئۆتە ئۆتمەي 20يىل، بوپ قالدىم-
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا...
بالام كۆنگەچ "شۇزى "دەپلا تاغاقنى ،
ئوقالمىغاچ ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ،
ئايرىيالماي پىياز بىلەن سامساقنى ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .
تۇغۇلغان كۈن، بالام "خەپپى تۇيۇ" دەپ ،
لەغمەن يېمەي قەغەز كېيىپ شام پۈۋلەپ ،
دادام قايناپ كەتسە ئۇنى بەز-بەزلەپ ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .
دۇئا قىلساق دۇئا قىلماي ،بەزىدە
-بۇرۇنىنى تاشلاپ قويسا قەغەزگە ،
دادام قاقشاپ ئۇرۇپ كەتكەچ ئۈستەلگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .
دادام يىغلاپ نەۋرىسىنىڭ ئەپتىگە ،
دۇئا قىلسا ئانا تىلنىڭ بەختىگە ،
يېتەلمىگەچ بالام گەپنىڭ تەكتىگە ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .
دادام تىت تىت بولۇپ كەتسە بەزىبىر ،
بالام ئۈچۈن بۇ تەنبىھلەر بەرىبىر ،
دەپ قويىدۇ: بوۋام جىنتىيەن بۇدۈيجىر ،
مەن تەرجىمان دادام بىلەن بالامغا .
دادام دېدى كۆنگەن يامان كۆيگەندىن ،
مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن ،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن ،
دادام تەنبىھ قىلدى ماڭا ،بالامغا!
-خەت يازمايلا، رەسىم چاپلا قەبرەمگە ،
ئانا تىلنى ئۆگەتمىسەڭ نەۋرەمگە ،
ئىزنا بولسۇن "رەسىملىك تاش"ئەۋرەمگە ،
يىغلاپ كەتتى دادام قاراپ بالامغا ....
ئوغلۇم دېدى ،دادام توختاپ پاراڭدىن ،
قورقۇپ قالدىم بۇ ئەپتىدە بالاڭدىن ،
قىيامەتتە سوراق باردۇر پاداڭدىن ،
تارىخنى پۈتۈن ئۆگەت بالاڭغا !
تۇغ ئاستىغا بىزنى يىغقان ئوغوزخان،
پانتېكىن ھەم كۆلتېكىن ،بىلگە قاغان .
نىجاتلىققا باشلاپ ساتۇق بۇغراخان ،
ھاياجاندا سۆزلەپ كەتتى بالامغا !
بىز ئۇيغۇرمىز!ئۇيغۇر تىلنى سۆيەيلى ،
تاشلىمايلى ،ئىشلىتەيلى ،كۆيەيلى ،
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا ئۆلەيلى ،
خىيانەتلەر ئېغىر كەپتۇ دادامغا .
كۆپ تىل بىلىش ئېلىپ كېلۇر كامالەت ،
ئانا تىلنى بۇزۇش ،ئۇنتۇش جىنايەت ،
بىز قىلمايلى ئانا تىلغا ھاقارەت ،
چۈشەندۈردۈم بۇ گەپلەرنى بالامغا .
ئۆگىتىمەن ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى ،
قوشۇش- ئېلىش، كۆپەيتىشنى، كەسىرنى ،
ياد ئالغۇسى "يەر-ئانام "دەپ نەسىرنى ،
ۋەدە بەردىم ،يىغلاپ تۇرۇپ دادامغا .
جىق ئويلاندىم ،بارچە گۇناھ ئۆزۈمدە ،
نۇر چاقنىدى ئۇيغۇر دېسەم كۆزۈمدە ،
بۇرادىرىم چىن پۈتسەڭلا سۆزۈمگە ،
ئانا تىلنى چوقۇم ئۆگەت بالاڭغا !