تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› روزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Halil
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 17346
    Halil@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 881
    باھا يازما سانى : 6
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-7-17 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    روزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

    روزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

     

    شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا گۇما ناھىيسىنىڭ شەيدۇللا دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان.1951-يىلى ئاتا -ئانىسى بىلەن خوتەنگە كۆچۈپ كېلىپ 1958-يىلغىچە چايخانا (ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك ئۈمۈد باشلانغۇچ مەكتىپى ) مەكتىۋىدە، ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئون نەچچە يىل دېھقانچىلىق ئەمگىگى بىلەن شۇغۇللانغان. 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكولتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن ۋە لاڭرو يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچسى بولۇپ ئىشلىگەن .1980-يىلدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە يېڭى قاشتېشى ژورنىلدا مۇھەررىر بولغان .

     
      روزى سايىت 1973-يىلدىكى قەشقەر گېزىتىدە ئېلان قىلغان «دېھقانمۇ داشۆسىڭ بولدى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت -ژورناللاردا «چۈشنامە» قاتارلىق 12 پارچە داستان ۋە باللادىسى، 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ۋە رۇبائىسى، «بارات يازغان ھېكايە» قاتارلىق بىرقانچە پارچە ھېكايىسى، «ئەتەبەتۇل ھەققايىقنىڭ شېئىرى يەشمىسى» ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىدىكى شەكىللەر توغرىسدا قاتارلىق ئىلمى ماقالىللىرى ئېلان قىلىنىپ، جامائەت ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى.«قاش تېشىنىڭ رىۋايىتى»، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»، «مەرھابا»، «ئاھ ،ئۇزاققا سوزۇلغان چۈش»، «كۆڭۈلدىكى گەپلەر»، «مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار»، «روبائىيلار»، «تۇيۇقلار»، «خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار»، «دېھقان كۈلكىسى»، «پاھ،دېھقاننىڭ ھەيكىلى» قاتارلىق داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى ئېلان قىلىندى . روزى سايىتنىڭ يەنە «ئاھ، سېنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىڭ»، «كىرىپ قاپتۇ ئانام چۈشۈمگە»، «بۇ خوتەن، مەن خوتەن قىزى» قاتارلىق يۈزلىگەن ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ ۋەتەننىڭ يىزا-سەھرالىرىدا ياڭرىماقتا .بىر قىسىم شېئىر،ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلدى .شائىرنىڭ «دېھقان يىغلايدۇ» «چۈشنامە»، «بالىلار پۇلغا زار»، «چىرىكلەر»، «بەدخەج بارات يازغان ھېكايە»، «يىپەك يۇرتىدا نورۇز» قاتارلىق داستان، شېئىر ،ھېكايە ۋە تېلېۋىزىيە بەدئىي سەنئەت دىراممىلىرى ،«بۇ جاھان جاھان كەڭرى، يول كەڭرى» ناملىق ناخشا تېكىستلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «دېھقان بولماق تەس» ناملىق قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشر قىلىنىپ نەچچە ئون مىڭ نۇسخا تارقىتىلدى .
     
      خەلق شائىرى روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى . مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق 12 مۇقام تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى . خەلق شائىرى روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقۇتۇش، شائىر مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ .


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : روزى سايىت , دېھقان بولماق تەس , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-7 10:30:22
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 299
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证