تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› تەھلىل ۋە مۇلاھىزە ›› قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بىر قانچە كەلىمە
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    uygurghol
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 85
    jigdakuduk@gmail.com

    يازما سانى : 2
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-23 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بىر قانچە كەلىمە

     

    قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە بىر قانچە كەلىمە




     

    قومۇل، تۇرپان، لوپنور ئۇيغۇرلىرى دېسىلا كۆپىنچە ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا يالاڭ قاپاق، «خەنزۇ چىراي» دەپ سۈپەتلىنىدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار كېلىدۇ. چىراي نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپچىلىكى موڭغوللوئىدلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىلىمدىن خەۋەرسىز كۆپىنچە كىشىلەر بۇنى خەنزۇلىشىشنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش تامامەن خاتا. بۇ قىسقىغىنا يازمامدا قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تەركىبلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتىمەن.

    چىراي-تۇرق جەھەتتىن، كۆپ قىسىم قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خەنزۇلارغا ئوخشاپ قالىدىغان موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ ئېتنىك قاتلىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇنى ئەينى چاغدا موڭغۇلىيە دالىلىرىدىن كۆچۈپ كىرىپ تارىم ۋادىلىرىنى ئۇيغۇرلاشتۇرغان ئۇيغۇر، تۈركلەر بىلەن باغلاشقا بولىدۇ. ئارخېئولوگىيەلىك پاكىتلار، ئۇ جايلاردىن تېپىلىۋاتقان تۈرك قەبرىلىرى ئالدىغا تىكلەنگەن بالباللار قەدىمكى تۈرك، ئۇيغۇرلارنىڭ روشەن موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھ بېرىپ تۇرىدۇ. دەسلەپ قومۇل-تۇرپان-لوپنورلارغا كۆچكەن ئۇيغۇر-تۈركلەرنىڭ ئەسلى تۇرق ئالاھىدىلىكى ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال كۆچكەن قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا روشەن ساقلىنىپ كەلگەن. شۇڭا تۇرپان مىڭئۆيلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرىدىنمۇ بىز بۈگۈنكى قومۇل-تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياقىنى كۆپلەپ تاپالايمىز. تۈركلەردە موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكنىڭ روشەن بولۇشىغا بىز باشقا مىللەتلەر بىلەن قەدىمدىن بېرى ئالاقىسى ئەڭ ئاز بولۇپ كەلگەن، تاغ-يايلاقلاردا چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن قازاق-قىرغىز، شۇنداقلا سىبىرىيەدە قەدىمكى تۈرك ئېتىقادىدىن تارتىپ ساقلاپ قالغان ياقۇت، خاكاس، توۋالارنىڭ سىياقىدىن كۆرۈۋالالايمىز. دېمەك، قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاشمايدىغان موڭغۇللوئىدلىق ئالاھىدىلىكلەر ھەرگىزمۇ خەنزۇلار بىلەن ئەبجەشلىشىش ياكى باشقا سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى مەزكۇر قەدىمكى ئۇيغۇر قېنىنىڭ بىر قەدەر ساپ ھالەتتە ساقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تارىخ ئىلمى بىلەن ئاز-تولا خەۋەردار كىشىلەرگە مەلۇمكى قەشقەر، خوتەن رايونلىرىنىڭ تولۇق تۈرك، ئۇيغۇرلىشىشى 11-ئەسىرلەردە قاراخانىيلارنىڭ ئۇدۇن ئېلىگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ غەلبىسى بىلەن تامامىغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تۈركىي خەلقلەر تارىم ۋادىلىرىدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلەشمەيدىغان ئاق ئىرققا مەنسۇب كىشىلەرنى تۈركلەشتۈرگەن ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك قاتلىمى 12-13-ئەسىرلەردىكى چىڭگىزخان ئىستېلاسى بىلەن تولۇق ئەمەلگە ئاشقان. قومۇل-تۇرپانلارنىڭ ئەسلى ئاھالىلىرى خېلى بۇرۇنلا موڭغۇلىيە ۋادىلىرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن ئالاقە قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى ئېتنىك تەركىبىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. بىراق تارىم ۋە پەرغانە كېيىنچە ئاناتولىيەلەرگە قەدەر كۆچكەن تۈركلەر شۇ جايدىكى ئەسلى موڭغۇللوئىد بولمىغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتكەن بىلەن، مەدەنىيەت ۋە سىياق جەھەتتە ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتكەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە بىر قەدەر ئەسلىنى ساقلاپ قالغانلار باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقىسى ئەڭ ئاز بولغان چەت رايونلاردا ياشايدىغان چارۋىچى مىللەتلەر، مەسىلەن قازاق-قىرغىز، توۋا، خاكاس، ياقۇت، قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرى قاتارلىقلار بولغان.

    تىل جەھەتتە، بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»تە خوتەنلىكلەرنىڭ خوتەن تىلى ئىشلىدىغانلىقى، قەشقەر ئەتراپىدا بولسا كەنچەكلەرنىڭ بىر خىل ئارىلاشما تىلنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى يازغان. دېمەككى، شۇ زامانلار قەشقەر، خوتەنلەرنىڭ تىلى تېخى تولۇق تۈركلىشىپ كېتەلمىگەن. بەلكى ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپ ئۇدۇن تىلىدىن بارغانسېرى تۈرك-ئۇيغۇرلىشىش جەريانىدا بولغان. بىراق قومۇل-تۇرپانلاردا بولسا تۈرك-ئۇيغۇر تىلى ئۆزىنىڭ خېلى زور ئىجتىمائىي ئاساسىنى تىكلەپ، جەمئىيەتتە قوللىنىلىدىغان ئالاقە تىلىلىق سالاھىيىتىنى ئاللىقاچان ھازىرلاپ بولغانىدى. مىڭ يىللار مابەينىدا قومۇل-تۇرپان-لوپنورلارغا ئىسلام دىنىنىڭ كېچىكىپ كىرىشى، باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئازلىقى بۇ رايونلاردا قوللىنىلىدىغان تىلنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچىنىڭ نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان. بىز بۇ رايونلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەردە قوللىنىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ يېقىنغىچە قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە تاۋۇشلارنىڭ ماسلىقىدەك ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە، بۇ رايونلارنىڭ تىلىدىن كۆپرەك پايدىلىنىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. چۈنكى ئىشلىتىلىدىغان ئادەم سانى كۆپ بولغان قەشقەر شېۋىسىنى ياكى سۈنئىي رەۋىشتە چالا بىر ھالەتتە شەكىللەنگەن ئۈرۈمچى شېۋىسىنى ئاساس قىلغانغا قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلۇقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان،  قەدىمكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ساقلىنىشى كۆپ بولغان بۇ رايوننىڭ تىلىنى تاللاش بىر قەدەر ئاقىلانىلىك بولاتتى. بىراق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇ مۇمكىن بولمىدى. بىراق تىل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى يەنە داۋاملىق چوڭقۇرلىغان ھالدا ئويلىشىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مەدەنىيەت جەھەتتە بۇ رايونلاردا تا يېقىنقى يىللارغىچە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش شەكلى بولغان چارۋىچىلىق داۋاملىشىپ كەلگەن بولغاچقا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى بۇ رايوندا كۆپرەك ساقلىنىپ كەلدى. مەسىلەن مەھمۇد كاشغەرىي تۈركىي تىللار دىۋانىدا خاتىرىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تامغىلىرى تا يېقىنقى مەزگىللەرگىچە قومۇل تاغلىرىدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. شۇنداقلا قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن بولغان تېلى، چومۇل، ئەلكە، قارلۇق. خۇلارنىڭ نامى بۇ رايونلاردا جەمەت سۈپىتىدە بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. گەرچە ئۇيغۇرلار شەھەرلىشىش ھاياتىغا كۆچكەندىن كېيىن قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ رايونلارنىڭ چەت يېزا-قىشلاقلىرىدا بۇ ناملار بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ياخشىلاپ تەتقىق قىلىنىپ كۆرۈلسە بۇ رايونلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇششاق بالىلارنى ئۇچۇغداش، جادىگەرلىك، مازار-ماشايىخلارغا بولغان پەرقلىق ئىشەنچلەر .... بۇلارنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا ئورتاق. بىراق قومۇل–تۇرپانلاردا باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا شەكىل جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك پەرقلەر بار. قومۇل-تۇرپان-لوپنور رايونلىرىدىكى ناخشا-مۇزىكا، مۇقاملارمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ناخشلىرىدىن روشەن پەرقلىق. يەنى مەزكۇر رايون ناخشىلىرىدا قويۇق يايلاق تۈسى ۋە جەڭگىۋارلىق، چوڭقۇر مۇڭ-ھەسرەت، رېئالنى تېمىلاردىكى تارىخىي ۋەقەلەر بار. بۇ رايوننىڭ كىيىم-كېچەكلىرىمۇ باشقىچە. مىڭئۆيلەردىكى كىيىملەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقسا چوقۇمكى بۇنىڭدىن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارنى بايقاش مۇمكىن.

    قىسقىسى، قومۇل-تۇرپان-لوپنورلاردىن سىز قەدىمكى ئۇيغۇرلار بىلەن باغلىنىشلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى بايقىيالايسىز. بۇ ھەرگىزمۇ جەنۇب ئۇيغۇرلىرىغا باشقىچە قارىغانلىق ئەمەس. خۇددى بىرەيلەن ئېيتقاندەك، ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى جەنۇبتا. چۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە زىچ تارقالغان رايون. بۇ رايوننىڭ ئىلىم-پەن، قۇرۇلۇش، تېبابەت ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلىرى قومۇل-تۇرپان-لوپنور ئۇيغۇرلىرىنىڭكىدىن بەكرەك تەرەققىي قىلغان. بىراق، ئۇيغۇر مىللىتىنى تارىخىي، مەدەنىيەت، تىل جەھەتلەردىن ئەتراپلىق چۈشەنمەكچى بولغان ئادەم ئۈچۈن قومۇل-تۇرپان-لوپنورنىڭ ئاز نوپۇس بىلەن خاس مەدەنىيەت ۋە تىلنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىجتىمائىي مۇھىتىدىن، كەڭ دالا-سەھرالىرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقلىرى پۈتۈلگەن، سۈرەتلەر ئويۇلغان تەبىئىي مۇھىتى تېپىلغۇسىز مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قومۇل , تۇرپان , لوپنور ئۇيغۇرلىرى , _ , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-6 23:24:10
    تەھرىر : admiral
    باھا : 2 كۆزىتىش : 951
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证