تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئەزىز ئەيسا:-ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    koktugh
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 111
    koktugh@gmail.com

    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-3-5 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئەزىز ئەيسا:-ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
     ئەزىز ئەيسا

     

    (مۇخەممەس )
    ھىجىيىپ گاھ بىزىرىپ يۈز ئالسڭىز بۇلامدۇ ؟
    تاتىرىپ گاھ  قىزىرىپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    غورۇرۇڭغا تۈكۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ؟
    مىللىتىڭدىن يۈز ئۆرۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    يالغان بايراق كۈتۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    جەڭگاھلاردا مۈكۈنۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    ياكى قاچاق ئاتىلىپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
    ئىززىتنى چۈشۈرۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
     ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ   يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    ئىلىم ئىرپان ئەزەلدىن ساختىلىقنى كۈتەرمەس!
    ياخشى ئادەم ئەزەلدىن سىناقلاردا كۈچۈرمەس!
    ۋۇجۇدىدىن ئەخلاقنىڭ چىرىغىنى ئۈچۈرمەس!
    كۈچۈرمە كەش بىر ئۆمۈر قاقشال دەرەخ كۆكلىمەس!
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    ئاتا ئاناڭ ئارزۇلاپ ئوقۇ بىلىم ئال دىدى؛
    ئىجات مېھنەت بەيگىگە تۇلپارىڭنى سال دىدى،
    ئەجىر بىلەن ئىقبالنىڭ تىزگىنىنى ئال دىدى،
    بىز تارتايلى رىيازەت ئۈزەڭ يىگىن بال دىدى،
     ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈش ئۆز ئۈزىنى ئالداشتۇر؛
    ئالداشلارنىڭ ئېغىرى ئۆز ئۈزىنى باپلاشتۇر.
    ئۆز ئۈزىنى ئالدىغان ھايۋانلارغا قانداشتۇر،
    شۇڭا ھايۋان بىرئۆمۈر قارا كۈنگە يانداشتۈر،
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    بىزلەر ئادەم ،ئادەمدەك چۈشەيلىچۇ مەيدانغا،
    زاراپىدەك بوينىڭنى ئۇزارمىغىن ھەريانغا،
    توغرا كەلسۈن ھەر ئىشىڭ غورورۇڭغا ۋىژدانغا،
    ھالال مېھنەت ئەجىردىن ئىرىش شەرەپ ھەم شانغا،
     ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈز ئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟

     

    قىڭغىر ئىشلار ھامانە قىڭغىيىدۇ مات بۇلۇپ،
    بىزدە تۇرۇپ قالمىسۇن نۇمۇس لەقەم ئات بۇلۇپ،
    يەنە تىنەپ يۈرمەيلى ئەجداتلارغا يات بۇلۇپ
    شەرىپىمىز نۇرلانسۇن ئەل ئارادا ئاق بۇلۇپ
    ئىمتاھاندا كۈچۈرۈپ يۈزئالسىڭىز بۇلامدۇ ؟
     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئىمتاھان كۈچۈرۈش , _ ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-5 13:25:13
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 290
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证