تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12715
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 36
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئوكتاۋىئان

     



      ئوكتاۋىئان

     

      گاي ئوكتاۋىئان ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 63-14-يىللار) رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تۇنجى ئىمپېراتورى. قەدىمكى رىم ئىستىبىداتى تىسېزارنىڭ نەۋرىسى، كېيىن تىسېزارغا بالا قىلىپ بېرىلگەن.

      ئوكتاۋىئان دەسلەپكى يىللاردا تىسېزار ئاتلىق ئەسكەرلىرى ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولدى. تىسېزار كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ ئۇزۇن يۈرۈش قىلىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۇنى ئادىرىياتىك دېڭىزىنىڭ يېنىدىكى ئاپۇللۇنىيىگە تەربىيە ئېلىشقا ۋە ھەربىي تېخنىكا تەلىم-تەربىيىسىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. تىسېزار سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندە، ئوكتاۋىئان ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى.

     

      تىسېزار ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، خەلق تەرەپدارلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ ئابرۇيىنىڭ يەنىلا كەڭ تەسىرى بار ئىدى. تىسېزارنىڭ كەسپىي قوشۇنىدىكى گېنېرال-جەڭچىلەر ئۆزلىرىنىڭ كونا قوماندانىنى سېغىندى. ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەر يەنىلا رىمدا يەر-زېمىنغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى. تىسېزارغا قارشى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى بارلىق سىياسىي ۋەزىيەتنى تېخى ئىگىلەپ كېتەلمىگەنىدى.

     

      ئوكتاۋىئان تىسېزارنىڭ خەلق ۋە دېموكراتلار ئارىسىدىكى ئابرۇيىدىن ۋە كەسپىي قوشۇننىڭ قوماندانىغا بولغان مۇھەببىتىدىن پايدىلىنىپ، تىسېزارنىڭ بېقىۋالغان ئوغلىلىق سالاھىيىتى بىلەن ، دادىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئىتالىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ھاياتىنى باشلىدى. ئىتالىيە ئەسكەرلىرى، دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقى ئۇنى قىزغىن ھىمايە قىلدى، ئۇ ئوكتاۋىئاننىڭ دادىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش ئىشىدا ياردەم ۋە مەدەت بېرىشكە ماقۇل بولدى.

       ئەينى چاغدا رىم ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشى كونسول ئانتونى، ئۇندىن قالسا، ئاتلىق ئەسكەرلەر باشلىقى لىپىد ئىدى، ئۇلار بىلەن روبىرو كېلىشكە ئوكتاۋىئاننىڭ كۈچى يەتمەيتتى. ئۆز قوشۇنىنى قۇرۇش ئۈچۈن، ئوكتاۋىئان ئۆزىنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىشتىن ئايانماي، قەبىلىلەرنىڭ ئاتامانى ئارقىلىق، پۇل، مال-مۈلۈكلەرنى خەلققە بۆلۈپ بېرىپ، ئاممىنى ئۆزىگە قاراتتى ۋە قولغا كەلتۈردى. ئۇ بىر تەرەپتىن كۆپ ئالتۇن سەرپ قىلىپ ئەسكەر قوبۇل قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن تىسېزارنىڭ ئەسلىدىكى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ قوماندانىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ئىنتىقام ئېلىش روھىي ھالىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپ، ئانتونىنىڭ قول ئاستىدىكى خىللانغان ئىككى كورپۇسنى ئانتونىغا تۇرغۇزۇپ، ئۆزىگە قارىتىۋالدى.

     

      ئاقسۆڭەك سېناتورلار ھەم ئانتونىغا ئىشەنمىدى، ھەم ئوكتاۋىئاننىڭ  خەلق ئارىسىدىكى چاقىرىق كۈچى ۋە ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن ئەنسىرىدى. ئۇلارنى ئانتونى بىلەن ئوكتاۋىئاننىڭ بىرلىشىۋېلىپ، ئۆزلىرى باشقۇرالمايدىغان كۈچكە ئايلىنىپ قېلىشىدىن تېخىمۇ تەشۋىشلەندى. ئوكتاۋىئان مۇشۇنداق چىگىش، مۇرەككەپ ھالەتتىن پايدىلىنىپ، گايىدا سېناتورلارغا ياخشىچاق بولۇپ، ئانتونىغا تاقابىل تۇردى. گاھىدا ئانتونى بىلەن يارىشىپ، ئانتونىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى كېڭەيتتى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 41-يىلى ئاۋغۇستتا، ئۇ رىمغا يۈرۈش قىلىپ، سېناتنى ئۆزىنى كونسول دەپ ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىدى.

     

      بىر مەزگىل تالاش-تارتىش قىلىش ئارقىلىق، ئانتونى، ئوكتاۋىئان ۋە لىپىد مىلادىدىن بۇرۇنقى 43-يىلى، <كېيىنكى ئۈچ كاتتىۋاش> ئىتتىپاقىنى تۈزدى. ئۇلار كېلىشىم ھاسىل قىلدى، قانۇن ماقۇللىدى. ئانتونى، ئوكتاۋىئان ۋە لىپىد ئۈچىلىسى كونسۇللۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، مۇددىتىنى بەش يىل قىلدى، بۇ ئۈچى يەنە مەمۇرىي ئۆلكىلەردىكى تەسىر دائىرىسىنى بۆلۈشۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن رىملىقلارنىڭ زېمىنى ئۈچ كاتتىباش ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بۆلۈۋېلىندى، كېيىنكى ئۈچ كاتتىباش رىمدا تېررورلۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويدى. مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈك ۋە يەر-زېمىننى ئەسكەرلەرگە تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۈچ كاتتىباش يەنە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي دۈشمەنلىرىنى ۋە رەقىبلىرىنى يوقاتتى.

     

      ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ئوكتاۋىئان غەربتىكى مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى باشقۇرۇپ، سۇيكىستوپومپېينىڭ سىتسىلىيىدە رەھبەرلىك قىلغان قارشىلىقكۆرسەتكۈچى قوشۇنىنى تىنجىتىشقا مەسئۇل بولدى. پومپېي ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ توپىلىڭىدىن پايدىلىنىپ، لېپىدنى قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن بوشاتتى. بۇ چاغدا ئۇ بىر تەرەپتىن ، رىم ئاقسۆڭەكلىرى، بايلىرى بىلەن يارىشىشىنى باشلاپ، ئەشەددىي دۈشمەنگە جاكارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە پومپېي قوشۇنىغا قاتناشقان قاچاق قۇللارنى ئۆز خوجايىنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، شۇ  ئارقىلىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھىمايىسىگە مۇيەسسەر بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ، ئانتونى پاتىيە ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قانۇننى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، دەپ جار سالدى. چۈنكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ خەلقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تىرىيون بولۇپ سايلاندى.

      ئانتونى پاتىيەگە قارشى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچى بىلەن مىسىردا ئۆزىنىڭ كۈچىنى تىكلىدى ھەمدە مىسىرنىڭ ئايال پادىشاھى كرىئوباتتىرا بىلەن توي قىلدى. ئەينى چاغدا ئانتونىنىڭ سېناتتا خېلى كۆپ ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 32-يىلى يانۋاردا، سېنات مەجلىس ئاچقاندا، ئانتونىنى قوللايدىغان ۋە ئوكتاۋىئاننى قوللايدىغان ئىككى گۇرۇھ سېناتورلار ئوتتۇرىسىدا جىددىي توقۇنۇش يۈز بەردى. ئۈچتىن بىر قىسىم سېناتورلار رىمدىن ئايرىلىپ مىسىرغا بېرىپ، ئانتونىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى.

     

      يېڭى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى، مىلادىدىن بۇرۇنقى 31-يىلى ئېپروس ئاكسىن تۇمشۇقىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا، ئانتونى مەغلۇپ بولدى. ئىككىنچى يىلى ئوكتاۋىئان مىسىرنى بويسۇندۇردى، ئانتونى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى،شۇندىن تارتىپ ھاكىمىيەتنى ئوكتاۋىئان ئۆزىلا ئىگىلەپ، تىسېزارنىڭ ھەربىي مۇستەبىتلىكىنىڭ ۋارىسى بولدى، سېناتورلار گۇرۇھىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئۈمىدى پۈتۈنلەي يوققا چىقتى. رىم جۇمھۇرىيىتى ئاخىرقى ھېسابتا غولىدى.

      ئوكتاۋىئان تىسېزارنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەھەردىكى قۇلدارلار تەبىقىسىنىڭ مەنپەئەتىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ شەرقتىكى مەمۇرىي ئۆلكىلەردە ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ۋە كونا جەڭچىلەرگە رىمنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئىمتىيازلارنى بەردى. ئۇ مەمۇرىي ئۆلكىلەردە رىمنىڭ پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن قۇلدارلارنى رىملىقلارغا ئوخشاشلا باج-ئالۋاڭ ۋە ھاشاردىن كەچۈرۈش قىلىنىشئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ چاغدىكى رىم ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك ئىمپېرىيە بولۇپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئىسپانىيە، گاللىيە، ئالپىس تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى پۈتكۈل ئىتالىيە يېرىم ئارىلى، سۈرىيە، شىمالىي ئافرىقىدىكى نومىدىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

     

      ئوكتاۋىئان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، رىم كۈنسايىن مۇستەھكەملەنگەن ئىستىبدات ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن، رىم تارىخىدىكىئىمپېرىيە دەۋرى باشلاندى.

      ئوكتاۋىئاننىڭ رىمغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش تۈزۈمى ئالىي باشلىقلىق تۈزۈمى دەپ ئاتالدى. تىسېزارنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىك ساۋىقى ئوكتاۋىئاننى شەخسىي ھوقۇقىغا جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى دېگەن توننى كىيدۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇنىڭ نامى پادىشاھى بولماستىن، بەلكى ئاتالمىش <بىرىنچى پۇقرا> بولدى

      ئوكتاۋىئان سېناتورلارغا ۋە سۇۋارىلارغا بۆلۈنۈپ، ئاۋام خەلققە ۋە قۇللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى ۋە ئۇلارنى باستۇردى. ئالىي باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت پۈتكۈل ئىمپېرىيە مىقياسىدىكى قۇلدارلار سىنىپىنىڭ دىكتاتورىسى بولدى.

      مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلى 13-يانۋاردا، ئوكتاۋىئان بارلىق چوڭ ھوقۇقتىن بوشۇنۇپ، جۇمھۇرىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، لېكىن، كېيىن ئۇ يەنە سېنات ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆتۈنۈشى ئالدىدا نائىلاج بولۇۋېلىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە پۈتۈنلەي زىت يول تۇتقان مۇتلەق ھوقۇقنى قوبۇل قىلدى.

      ئالىي باشلىقلىق تۈزۈمى ئاستىدا ، سېنات كۆرۈنۈشتە يەنىلا ئالىي دۆلەت ئورگىنى بولسىمۇ، لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئالىي باشلىقنىڭ ھەر خىل ھوقۇقىنىڭ تىزگىنلىشىگە ئۇچراپ، لەببەي دەپ تۇرىدىغان قۇرال بولۇپ قالدى. ئوكتاۋىئان ئالىي باشلىق ۋە مارشال، ئەڭ ئالىي مۇۋەققەت كونسول، ئۆمۈرلۈك تىرىبون، چوڭ كاھىن باشلىقى، باش سېناتور...ۋەھاكازالار بولدى ھەمدە <ئاۋغۇست> ۋە <ۋەتەن ئاتىسى> دېگەن ناملارنى ئالدى. ئۇ ئۆزى ھەربىي، مەمۇرىي، ئەدلىيە ۋە دىنىي چوڭ ھوقۇقلارنىڭ ھەننىۋاسىغا ئىگە بولدى.

      ئوكتاۋىئان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئىمپېرىيە بىيۇكرات تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا، مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىشقا كىرىشتى ھەمدە قۇللارنى دەھشەتلىك باستۇردى. سىرتقا تالان-تاراج سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزدى، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى رىم قۇلدارلىرى دىكتاتورىسىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلاشتى.

      مىلادى 14-يىلى ئاۋغۇستتا، ئوكتاۋىئان ئۆلدى، رىم سېناتى ئۇنى <ئىلاھ> لار قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى، ھەمدە 8-ئاينى ئاۋغۇست دەپ ئاتىدى.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئوكتاۋىئان , دېمۇكرات , سىياسىي ھايات , رىم , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-2 17:22:29
    تەھرىر : halil
    باھا : 1 كۆزىتىش : 126
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证