تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    abduhelil
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11002
    xjhttv@126.com

    يازما سانى : 12
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەجەم بىلەن سىردىشىش



      

    ئەجەم بىلەن سىردىشىش

     

    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر

     

    سەن بەرگەن سۈيۈشتىن چىقتىم بىخلىنىپ،

    چاك- چاك لەۋ جامىمدا ۋىسال باھارى.

    سەن چوغلاپ يۈرەكنى كۈيۈشلىرىڭدىن،

    يىشىلەر ھەر كەيىپ جاننىڭ خۇمارى.

     

    ھەر كىرسەڭ ئوتقاشتەك ئۈندە خانەمگە،

    ھەر ياپراق، شېخىمدا قۇشلار ساماسى.

    ئاپتاپلىق ھويلىغا ئايلىنار دۇنيا،

    يوقاپ تەن مۈلكىمدىن ئۆلۈم ۋاباسى.

     

    تامساڭ جان دەشتىمگە بالدەك بىر تېمىم،

    ياشىرار روھىمدا بىر باغلام غۇرۇر.

    سەن ئىشقىم تەكتىگە كۈمۈلگەن بىر چوغ،

    تېپىلماس ئىستىسەم سىنىڭدەك ھۇزۇر.

     

    سەن بىلەن چىمەننىڭ چىمەنلىكىدە،

    كۈمۈلدىم بىر قىزنىڭ قەلبىگە چوغدەك.

    سەن بىلەن ھاياتنىڭ شىرىنلىكىدە،

    ياشاردىم قاقاسلىق چۆلدىمۇ باغدەك.

     

    جېنىمنى پەرلىدىم سېھرىڭدە ھەرئان،

    سورۇلۇپ كەتسەممۇ قۇمدەك ھەر يەرگە.

    چاڭقىسام ئۇچۇملاپ ئىچتىم بالىڭدىن،

    ئوخشىدىم ھەر چامدام ئىزىمدا ئەرگە.

     

    ياشاشنىڭ تەسلىكى شۇرىسا جاننى،

    تاغلار چىدامىغا مېھرىمنى چاتتىم.

    ھاياتنىڭ، سۆيگۈنىڭ، دەرتنىڭ تەمىگە،

    سەن چاققان چاقماقلارنىڭ ئۈنىدە يەتتىم.

     

    ھىجراننىڭ تىغىدا تىلىنسا باغرىم،

    چاپتۇردىم ئېتىمنى كەڭ پايانىڭدا.

    قىپقىزىل يۇلغۇنلارنىڭ يېشىدا ئاقتىم،

    پاكلاپ روھ سارايىمنى كۈي- ساتارىڭدا.

     

    تۈنلىرىم يۇلتۇزسىز تاشلانسام ئوتقا،

    مەشرەپنىڭ كەشىدە كەزدىم دەشتىڭنى.

    تەمبۇرنىڭ تارىدا بارماقلىرىم قان،

    ئاخىرى تاپتىم ئاھ سەندىن ئەسلىمنى...

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەجەم بىلەن سىردىشىش , ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-2 12:57:05
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 319
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证