تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› تەرجىمە-تەرمىلەر ›› گېتلىرنىڭ قەستكە ئۇچىرشىنىڭ سەۋەبى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ershidin
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11277
    www.754156214@qq.com
    754156214
    يازما سانى : 13
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-29 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گېتلىرنىڭ قەستكە ئۇچىرشىنىڭ سەۋەبى



    بەلكىم كىشىلەر گېتلىرنىڭ پەقەت شۇ 1944–يىلىدىكى يەكچەشمە پولكوۋنىك سىتافېنبېرگ تەرىپىدىن پارتىلىتىپ ھايات قالغانلىقىنىلا بىلسە كېرەك،چۇنكى بۇ توغۇرسىدا كېنولارمۇ ئاز ئەمەس،بىراق گېتلىرنىڭ 2–دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى–كەينىدە جەمىئىي ئالتە قىتىم قەستكە ئۇچىراپ قۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمىسە كېرەك.

        بىرىنچى قىتىم،بۇ گېتلىرنىڭ يىڭى تەخىتكە چىققان ۋاقىتلىرى بولۇپ،گېتلىر گېنىراللارغا ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى ئېيتقاندا نۇرغۇن گېنىراللار ئۇنىڭ گېرمانىيىنى ھالاكەتكە باشلايدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنى يوقاتماقچى بولغان.1935–يىلى سۈيقەستچىلەر گېرمانىيە–فىرانسىيە چىگرسىدىكى بىر ھەربىي لاگىردا گېتلىرنىڭ تەكشۈرۇشكە كېلىشىدىن پايدىلنىپ ئۇنى تۇتۇپ يوقاتماقچى بولغان،بىراق قېرىشقاندەك گېتلىر بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان،شۇنىڭ بىلەن ھەربىي لاگىرنىڭ قۇماندانى قايتا–قايتا گېتلىرنى تەكلىپ قىلغان،گېتلىرغىمۇ ئانچ–مۇنچە خەۋەرلەر كېلىپ تۇرغاچقا،ئۇ بۇ قۇمانداننىڭ قايتا–قايتا  تەكلىپ قىلىشىدىن گۇمانلىنىپ قىلىپ ئۇنى كىيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈيقەست ئەمەلگە ئاشمىغان.

        ئىككىنچى قىتىم،گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قۇماندانى بىلەن شىتاب باشلىقى ھالدىر گېتلىرنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلارنىڭ سالمىقىنى ھېس قىلىپ ئارمىيىدىكى ھوقۇقى بىلەن گېتلىرنى قولغا ئالماقچى بولۇپ ھەممە تەييارلىقلارنى قىلىپ قويغان،بىراق بۇ ئىككى گېنىرال بىر بىردىن توخو يۈرەك بولغاچقا،گېتلىرنىڭ بىر قىتىملىق قاتتىق ئاچقان يىغىنىدىن قورقۇپ كېتىپ،بۇ پىلاننى ئىشىقا ئاشۇرۇشقا پېتىنالمىغان.ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئىككىسىنىڭ پۈتۈنلەي  گېتلىرنى قولغا ئېلىشقا كۈچى يېتەتتى،بىراق شۇ ۋاقتىدىكى قورقۇنچاقلىقى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلدى.

        ئۈچىنچى قىتىم،بۇ بەلكىم ئەڭ كومىدىيەلىكلىكى بولسا كېرەك،1943–يىلى 3–ئاينىڭ 13–كۈنى،يەنى بۇ گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سىتالىنگراد ئۇرىشىدا يىڭىلا مەغلۇپ بولغان بولۇپ بىر مىليۇن بەش يۈز ئادىمىدىن ئايرىلغان ئىدى،شۇ كۈنى گېتلىر سېمولىنىسكىيدىكى گېرمانىينىڭ شەرقىي سەپ ئوتتۇرا قىسىم قۇماندانى مارشال كىلوگنىڭ قۇماندانلىق شىتابنى تەكشۈرۈپ قايتىدىغان چاغدا،گېنىرال تېرىسكوۋ گېتلىرنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر قۇماندانىغا ئاغىنەم پولكوۋنىك براندقا ئالغاچ كەتسىڭىز دەپ ئىككى بۇتۇلكا كونىياك ھارىقىنى بىرىدۇ،بۇ ئىككى بۇتۇلكا ھاراق پۇختا ئورالغان بولۇپ ئەمەلىيەتتە قەرەللىك بومبا ئىدى،بۇ بومبا ئايرۇپىلان ئۇچۇپ يىرىم سائەتتىن كىيىن پارتتىلايتتى.بىراق سۈيقەستچىلەرنىڭ بېرلىندىكى خەۋەرچىسى كەچ بولغاندا تېلفون بېرىپ،ئايروپلاننىڭ بېرلىنغا ساق–سالامەت قونغانلىقىنى،گېتلىرنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ.گېنىرال تېرىسكوۋ گېتلىرنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر قۇماندانىغا تېلفون بېرىپ،ئۇنىڭ ھاراقنى ۋاقتى چىقمىغاچقا تېخى ئاپىرىپ بەرمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ،ھاراقنىڭ خاتا بېرىلىپ قالغانلىقىنى،ئەتە ئۆزىنىڭ بېرلىنغا مۇھىم بىر ئىشىنى دوكلات قىلىش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى ۋە ھاراقنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.ئەتىسى گېنىرال تېرىسكوۋ بېرلىنغا بېرىپ ھاراقنى قايتۇرۇپ كېلىدۇ ۋە پويىزغا چىققاندا ئايرىم خانىگە كىرىپ غايەت زور باتۇرلۇق بىلەن بومبىنى ئېچىپ تەكشۈردۇ،قارسا ھېچقانداق چاتاق يوق،پىلەك كۆيگەن،بىراق قانداقتۇر پىستان ئوت ئالمىغان.قالغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈيقەستمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

        تۆتىنچى قىتىم،سۈيقەستچىلەر گېتلىرنى بىر قىتىملىق يىغىندا قەستلىمەكچى بولىدۇ.بۇ يىغىندا گېتلىر نۇتۇق سۆزلەپ بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئولجا ئېلىنغان نەرسىلەرنى يىرىم سائەت ئىكېسكورسىيە قىلاتتى.بۇ قىتىمقى سۈيقەستنى بىر كونا ھەربىي ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،ئۇ پەلتۇسىنىڭ يانچۇقىغا ئىككى دانە بومبىنى سېلىپ،گېتلىر ئىكېسكورسىيە قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ بومبىنى پارتىلتىپ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ،بۇ گېتلىرنىمۇ،ئۆزىنىمۇ تەڭ ئۆلتۈردىغان پىلان بولۇپ،بۇ ھەربىينىڭ گېرمانىيىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى قايىل قىلاتتى،بىراق ئەپسۇسنارلىقى شۇ چاغدا گېتلىر نۇتۇق سۆزلەپ بولۇپ تۇيۇقسىزلا پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ھەربىي شىتابىغا كېتىپ قالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈيقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

        بەشىنچى قېتىم،بۇ قىتىمقىسىمۇ ئالدىنقى قىتىمقىسىغا ئوخشاشراق بولۇپ،شۇ چاغدا گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى يېڭى ئەسكەرلەر فورمىسىنى كىيىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكچى بۇلۇپ،گېتلىر كۆزدىن كەچۈرمەكچى ئىدى.بۇ يېڭى فورمىنى كىيىپ گېتلىرنىڭ تەكشۈرشىگە مەسئۇل بولغان ھەربىىي مەكتەپنىڭ بىر ياش ئوقۇغۇچىسى يانچۇقىغا تېز پارتلايدىغان بومبا سېلىۋىلىپ،گېتلىر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنى پارتىلتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ،بۇمۇ بىر گېتلىرنىمۇ،ئۆزىنىمۇ تەڭ ئۆلتۈردىغان پىلان بولۇپ،بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ باتۇرلۇقىغا ئاپىرىن ئېيتىشقا بولاتتى.بىراق مۇراسىم بولۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئايروپىلانلىرى بېرلىننى بومباردىمان قىلغاندا يېڭى ئەسكەرلەر فورمىسى تۇرۇشلۇق ئىسكىلاتمۇ پارتلاپ كەتكەن،مۇراسىممۇ ئەمەلدىن قالغان،شۇنىڭ بىلەن بۇ سۈيقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ.


        ئالتىنچى قېتىم،بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى،شۇنداقلا ئەڭ چوڭى ئىدى،بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.بۇ قېتىمقىسى سۈيقەستلا ئەمەس بەلكىم سىياسى ئۆزگىرىش ئىدى.سۈيقەستچىلەر گېتلىر ئۆلگەندىن كىيىن زاپاس قىسىم بىلەن بېرلىننى كونترول قىلىپ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ تىنىچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى بولىدۇ،بىراق بۇ سۈيقەستمۇ پاجئە بىلەن ئاياقلىشىدۇ.  يەكچەشمە پولكوۋنىك سىتافېنبېرگ گېتلىرنىڭ لاگىرىدا ئۇنى پىلان بويچە پارتلاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇ يەنىلا ھايات قالىدۇ،ئەينى ۋاقىتتا سىتافېنبېرگ بومبا قاچىلانغان ھۆججەت سومكىسىنى گېتلىرگە يېقىن قويۇپ قويۇپ چىقىپ كېتىدۇ،بىراق بىر گېنىرال سومكىنى پۇتقا تاقاشتى دەپ نېرىغا تېپىۋىتىپ گېتلىر ھايات قالىدۇ،پەقەت يىنىكلا يارلىندۇ.سىتافېنبېرگ گېتلىرنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ بېرلىندىكى شېرىكلىرىگە خەۋەر قىلىدۇ،بىراق ئۇلار ئىككىلىنىپ قىممەتلىك ئۈچ سائەت ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىدۇ،ئەگر شۇ ۋاقىتتا گېتلىر ئۆلگەن ئۆلمىگەن بولسۇن ئۇلار ھەركەتكە كەلگەن بولسا غەلبە قىلالايتتى.سۈيقەست مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن سىتافېنبېرگ قاتارلىق سەككىز ئادەم قولغا ئېلىنىپ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىنىدۇ،قالغانلار سوتقا تارتىلىپ گېتلىرنىڭ بۇيرۇقى بويچە بوينىغا پىئانىنونىڭ سىمى سېلىنىپ ھايۋانغا ئوخشاش كانارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرىلىدۇ،رەسىملىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلدۇ.بۇ سۇيقەستكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ھەربىيلەرمۇ،ۋەتەنپەرۋەر زاتلارمۇ ئىدى،ئۇلار گېتلىر ئۆلسىلا گېرمانىيىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان،ئۇلارنىڭ باتۇرلىقى ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى گېرمانىيە ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭ گېتلىرنىڭ ناتسېست ھۆكۈمىرانلىقىغا بولغان كۈچلۈك غەزەپ–نەپرىتىنى ئىپادىلەپ بەردى،بېرلىن ئىشخال قىلىنىشقا ئاز قالغاندا گېتلىرمۇ ئەزرائىلنىڭ كېلىشىنى كۈتمەيلا ئۆز قولى بىلەن جىنايەتكار ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.


     مەنبە : چولپانلار تورى
     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گېتلىرنىڭ قەستكە ئۇچىرشىنىڭ سەۋەبى , , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-2 10:56:55
    تەھرىر : admiral
    باھا : 1 كۆزىتىش : 858
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证