مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىق تەسىرى
كۈندە يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلىسا يۈرەك ساغلام بولىدۇ.
مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مىجەز-خۇلقنى تەڭشەشتىن سىرت، يەنە خولىستىرولنىڭ سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەكنى ياخشىلاپ، ساغلاملاشتۇرۇش رولىمۇ بار.
تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا ئاساسلانغاندا، پات-پات ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئاڭلايدىغانلارنىڭ قان تومۇرىنىڭ قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ ئەزەلدىن مۇزىكا ئاڭلىمايدىغانلارغا قارىغاندا % 26يۇقىرى بولىدىكەن.
قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،《بۇزۇلغان خولىستىرول》نىڭ قان تومۇردا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىدىكەن. تەتقىقاتتا يەنە، 18-ئەسىرنىڭ سىمفونىيىسىنى ئاڭلىغاندا چوڭ مىڭىنىڭ دىققىتىنى ياخشىلاشقا بولىدىغانلىقى، ئەمما ئېغىر مېتاللىق چالغۇلاردا چېلىنغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىپ، سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى بايقالغان.
شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا ھەركۈنى يېرىم سائەت مۇزىكا ئاڭلاپ بېرىش كېرەك ئىكەن.