‹‹ئەقىل-پاراسەت دەستۇرى››2-دەستۇر
ئومۇمەن ئۆزىنىڭ تۇغما بايلىقىنى تەبىئي ھالدا جارى قىلدۇرۇش ئىستىكىدە بولغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىستىداتىغا خاراكتېرى بىلەن ئەقلىنى تايانچى قىلىشى كېرەك .ئەگەر ئۇلار بۇنىڭ بىرسىگىلا تايانسا ،يېرىم-يارتا مۇۋەپىقىيەتكىلا ئىېرىشەلەيدۇ .ئەقلىگىلا تايانغان بىلەن چوڭ ئىشنى بىر باشقا ئىېلىپ چىققىلى بولمايدۇ .سەندە ئۆزۈڭنىڭ ئەقلىگە ماس كېلدىغان خارەكتېر بولىشى كېرەك ،شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئىشىڭ ئاقىدۇ .كالۋالارنىڭ مەغلۇپ بۇلىشىدىكى سەۋەپ -بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا ،ئۆزىنىڭ كونكىرىت شارائتى ،ئورنى ،كېلىپ چىقىشى ۋە دوستلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھىساپقا ئالمىغانلىقىدا.