تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12735
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 38
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    تىسېزار



       تىسېزار

      گاي يۇلى تىسېزار (مىلادىدىن بۇرۇنقى 101-44-يىللار) رىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى داڭلىق سىياسىئون ۋە ھەربىي ئىستىبدات.

      تېسېزار سۇنغان ئاقسۆڭەكتىن كېلىپ چىققان، ئۇھوقۇققا قاتتىق ئامراق بولغاچقا، دېموكراتىيىنى ھىمايە قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاممىغا ۋە قۇلدارلار ئارىسىدىكى سۇۋارىي دېموكراتلارغا  يالغاندىن يېقىنلاشتى ھەمدە ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى تۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامما ئىچىدىكى ئىناۋىتىنى كۆتۈردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 61-يىلى تىسېزار ئىسپانىيىگە ئەمىر بولدى. ئۇ ئىسپانىيىدە ۋەزىپىدە بولغاندا، ئۆز قوشۇنىنى قۇردى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئىسپانىيىدىكى بىر نەچچە قەبىلىگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە ئۇنى بويسۇندۇردى. ئۇنىڭ ئىسپانىيىدىكى جەڭ نەتىجىسى سېناتىنىڭ نەزىرىگە يولۇقتى.

      ئەينى چاغدا رىمدا ھوقۇق كۈچى تازا بارلاردىن ئۈچ ئادەم بار ئىدى. تىسېزاردىن باشقا ئىككىسى- سۈرىيە، كىچىك ئاسىيا، پەلەستىننى بويسۇندۇرغان بۈيۈك گېنېرال پومپېي ۋە سپارتاك قوزغىلىڭىنى باستۇرغان جاللات كىراسىس ئىدى. لېكىن ئۈچىدىن قايسىبىرىنىڭ بولسۇن، ھاكىمىيەتنى مۇستەقىل ھالدا تارتىۋېلىشقا تېخى يېتەرلىك كۈچى يوق ئىدى. ئۇ ئۈچى مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى سېناتتىكى ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى مەخپىي ئىتتىپاق تۈزدى. بۇ، تارىختا <ئالدىنقى ئۈچ كاتتىۋاش> دەپ ئاتالدى. تىسېزار ئۆزىنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن. 16 ياشلىق قىزى پۇلىينى 50 ياشلىق پومپېيغا بەردى.

      مىلادىدىن بۇرۇنقى 59-يىلى، تىسېزار كونسول بولغان چېغىدا، سۇۋارىلارغا ۋە خەلققە پايدىلىق بىر نەچچە قانۇن لايىھىسى ۋە ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى ماقۇللاتتى. مەسىلەن: كىچىك ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى باج ھۆددىگە ئالغۇچىلارنىڭ ھۆددىگە ئالغان بېجىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تۆۋەنلىتىش؛ ھەربىي سەپتىن قايتقانلارغا ۋە ئەڭ كەمبەغەل پۇقرالارغا ئاز تولا يەر بۆلۈپ بېرىش. مەخسۇس پەرمانلارنى ئېلان قىلىپ، مەمۇرىي ئۆلكە ئەمىرلىرىنى ھەددىدىن ئارتۇق شىلىۋېلىشلىرىنى مەنئىي قىلىش قاتارلىقلار. ئىككىنچى يىلى، ئۇ گاللىيىنىڭ ئەمىرى بولدى ھەمدە تۆت كورپۇسقا قوماندانلىق قىلدى.

      ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ گاللىيىدە تۇرغان 10 يىل ئىچىدە، جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق گاللىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن گېرمانلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، رېين دەرياسى بىلەن لوئېر دەرياسى ئارىلىقىدىكى گاللىيە مىللەتلىرىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇپ، پۈتۈن گاللىيىنى رىم دۆلىتىنىڭ بىر مەمۇرىي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇردى. ھەمدە رىيىن دەرياسىدىن ئىككى قېتىم ئۆتتى. بېرىتانىيىگە ئىككى قېتىم ئۇزۇن يۈرۈش قىلدى. تالان-تاراج ئۇرۇشىدا، ئۇ كۆپلىگەن بايلىقلارنى جۇغلاپ، ئەڭ باي ۋە ئەڭ چوڭ قۇلدار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىگە سادىق بولغان قۇدرەتلىك بىر قوشۇن تەربىيىلىدى. رىم سۇۋارىلىرى گاللىيە، بىرىتانىيىدىن رىمغا كىرىۋاتقان كۆپلىگەن بايلىقلارنى ۋە رىم زېمىنىنىڭ كېڭەيگەنلىكىنى كۆرۈپ، تىسېزارنى تېخىمۇ ھىمايە قىلدى. تىسېزار بۇلاپ-تالىغان كۆپلىگەن بايلىقلارنى ئىشلىتىپ رىمدا جامائەت كۆڭۈل ئېچىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاشلىق تارقىتىپ، كىشىلەر رايىنى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ شەھەر خەلقى ئارىسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتتى.

      مىلادىدىن بۇرۇنقى 53-يىلى، كىراسىس پاتىيەگە قارشى جەڭدە ھالاك بولدى، ئۈچ كاتتىۋاشتىن ئىككى كاتتىۋاشلا قالدى. تىسېزارنىڭ گاللىيدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ھوقۇق-كۈچىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ-بېرىشى پومپېينىڭ ھەسەتخورلۇقى ۋە ۋەھىمىسىنى قوزغىدى. پومپېي ئارقىغا يېنىپ سېناتور ئاقسۆڭەكلەر بىلەن مۇرەسسەلەشتى. ئىككىنچى يىلى دېموكراتلارنىڭ رەھبىرى، تىسېزارنىڭ سادىق ھىمايىچىسى كرودىنىڭ ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن، رىمدىكى خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈردى. سىنات پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللىنىپ، پومپېينى < خىزمەتسىز كونسۇل> لۇققا تەيىنلىدى. بىرلا ئادەمنىڭ يالغۇز ھالدا كونسول بولۇشى رىم جۇمھۇرىيىتى تارىخىدا زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش ئىدى. مەركەز ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا تۇتقان پومپېي خەلقنىڭ قوزغىلىڭىنى  باستۇردى ھەمدە دەرھال سىنات ئارقىلىق قانۇن ئېلان قىلىپ، تىسېزارنىڭ گاللىينىڭ ئەمىرلىكىنى ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا توسقۇنلۇق قىلدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 49-يىلى، تىسېزارنىڭ گاللىيدە ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشتى. سىنات بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، تىسېزارنى قوشۇننى تارقىتىۋېتىپ، دەرھال رىمغا قايتىپ كېلىشكە ئۈندىدى. شۇنداق، تېسېزار بىلەن پومپېي ئاخىرقى ھېسابتا ئادا-جۇدا بولدى. تىسېزارنى ھىمايە قىلىدىغان تىرىبۇنلارمۇ پومپېي تەرىپىدىن قوغلىۋېتىلدى. تىسېزار ترىبۇنلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقىنى باھانە قىلىپ،<خەلقنىڭ بۇرۇنلا ئىگە بولغان ھوقۇقىنى قوغداش > نامى بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 49-يىلى يانۋاردا ئىتالىيىگە يۈرۈش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن رىم دۆلىتىنى قاپلىغان، بەش يىل داۋام قىلغان ئىچكى ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىپ كەتتى.

      تىسېزار ئىتالىيىگە تېز يۈرۈش قىلىپ، سىناتور ئاقسۆڭەكلەرنى ۋە پومپېينى تەمتىرىتىپ قويدى. ئۇلارمۇ يۇنانغا پاتپاراق بولۇپ قاچتى. قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە، تىسېزار پومپېينىڭ ئىتالىيىدىكى قالدۇق كۈچلىرىنى تېزلىكتە تازىلاپ، پۈتكۈل يېرىم ئارالنى تىزگىنلەپ، رىم ھاكىمىيىتىنى ئىگەللىدى. ئارقىدىنلا، ئۇ دىكتاتور بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ بىر قەدەر < مۆتىدىل> سىياسەتنى ئىجرا قىلدى، پۇقرالىقتىن مەھرۇم قىلىش، مال-مۈلۈكلەرنى خالىغانچە مۇسادىرە قىلىش بىلەن شۇغۇللانمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، چوڭ يەر ئىگىدارلىرى قاتارلىق ھاللىق تەبىقىنىڭمۇ ياخشى تەسىرىگە مۇيەسسەر بولدى.

      ئىتالىيىنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن، تىسېزار پومپېينى يوقىتىش ئۇرۇشىنى دەرھال قوزغىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 48-يىلى، يۇناننىڭ فسېراس دېگەن يېرىدە بولغان جەڭدە، پومپېينىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقاتتى. پومپېي مىسىرغا قېچىپ بېرىپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. تىسېزار ئىزىدىن قوغلاپ زەربە بېرىپ يول ئۈستىدە كىچىك ئاسىيا ۋە پەلەستىننى ئىشغال قىلدى. كېيىن يەنە مىسىردىكى ئالېكساندىرىيىگە يېتىپ باردى. ئەينى چاغدا، كىچىك ئاسىيانىڭ ئۆز پادىشاھىنىڭ شاھزادىسى فالناك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى، تىسېزار ئالدىراشلىق بىلەن كەينىگە يېنىپ، كىچىك ئاسىياغا يېتىپ كېلىپ، فالناك ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ رىم سېناتىغا يازغان غەلىبە خەۋىرىدە : < باردىم، كۆردۈم، غەلىبە قىلدىم> دېگەن ئۈچ سۆزنىلا يازغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ۋە ئۆكتەملىكى پۈتۈنلەي ئاشكارا بولغان.

      ئارقىدىنلا، تىسېزار يەنە پومپېينىڭ ھىمايىچىلىرى بىلەن ئۈچ يىل ئۇرۇش قىلدى. سۈرىيە، ئافرىقا ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇردى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 48-يىلىغا كەلگەندە، ئۇرۇش ئاندىن ئاخىرلاشتى، بۇ ئىچكى ئۇرۇش رىمنى مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىۋەتتى. تىسېزار رىمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رىم دۆلىتىدە ئەڭ يۇقىرى نوپوزغا ئىگە بىردىنبىر ھۆكۈمەتكە ئايلاندى.

      تىسېزار مىلادىدىن بۇرۇنقى 44-يىلى، مۆھلەتسىز ئىستىبدات ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە مۇپەتتىش  ۋە ئۆمۈرلۈك تىرىيۇنلۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولدى، ئۇنىڭ كىشىلىكىگە دەخلى-تەرز قىلغىلى بولمايتتى، يەنە كېلىپ، ئۇنىڭغا < مارشال> ۋە <ۋەتەن ئاتىسى> دېگەن ناملار بېرىلدى. تىسېزار < جۇمھۇرىيەت دېگىنى قۇرۇق گەپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى يوق، مەزمۇنى يوق> دەپ ئوچۇق-ئاشكارا جار سالدى. ئۇ كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ ئېيتقان ھەر بىر جۈملە سۆزىنى، مەيلى ئادەتتىكى سۆز بولسىمۇ، قانۇن قاتارىدا كۆرۈپ، خىلاپلىق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى. تىسېزار- بىر ھەربىي ئىستىبدات، ىان دېگەن نامى بولمىغان پادىشاھ.

      تىسېزار بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايا يەتكۈزۈش، بەزى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە قويۇش ئۈچۈن، يېڭى، يىگانە بىر خىل ئالتۇن پۇلنى ۋە نۇرغۇن جايلىرى ياخشىلانغان بىر خىل يېڭى يىلنامىنى قوللاندى. يېڭى يىلنامە ئۇنىڭ بىۋاستە قاتنىشىشى ئارقىسىدا، ئەينى چاغدىكى بەزى داڭلىق ئاستىرونوملاردىن كومىتېت تەشكىل قىلىنىپ تۈزۈپ چىقىلغان ئىدى. بۇ يېڭى يىلنامىنىڭ ئاساسىي ھەر يىلىنى 365 پۈتۈن كۈن ۋە بىر چارەك كۈن ھېسابلايدىغان قۇياش يىلى بولدى. بۇ يىلنامە ياۋرۇپادا تاكى 16-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگىچە داۋاملىق قوللىنىپ كەلدى.

      تىسېزار باجنى بىۋاستە دۆلەت ئېلىش تۈزۈمىنى ئورناتتى. مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى. رىم پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتتى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش خاھىشى كۈچەيدى. رىم قۇلدارلىرى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سىنىپىي ئاساسى كېڭەيدى. رىم ئەمدى تار بىر پولىس جۇمھۇرىيىتى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتىكى ئىمپىرىيىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالدى.

      تىسېزار خەلقنىڭ مەدىتىگە تايىنىپ ئىستىبىداتقا ئايلاندى. ئۇ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىۋېلىپلا خەلقنى تاشلىۋەتتى. ئۇ يوقسۇللار تەبىقىسىنىڭ ھوقۇقىنى ئازايتىدىغان خىلمۇ- خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ ئۈمىدسىزلىكىنى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئۇ سېناتور ئاق سۆڭەكلەرگە سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچىگىمۇ ئۈزۈل-كېسىل پالتا چاپمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى قوللايدىغان تەبىقە پەيدىنپەي كىچىكلىگەندىن كېيىن، سېناتتىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر تىسېزارغا قارشى مەخپىي سۇيقەستنى غۇلغۇلا قىلىشتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 44-يىلى 15-مارتتا، سېنات مەجلىس ئېچىۋاتقاندا، تىسېزار برۇت باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.

      تىسېزار داڭلىق قوماندان ۋە ئىستىبدات بولۇپلا قالماستىن، شۇنداق رىم تارىخىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يازغۇچى، ئۇ تارىخىي قىممەتكە ئىگە <گاللىيە ئۇرۇشى> ۋە < ئىچكى ئۇرۇش> دېگەن ئىككى ئەسەرنى يېزىپ قالدۇردى. <گاللىيە ئۇرۇشى> جەمىئىي 8 توم بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 58-يىلدىن 52-يىلغىچە بولغان ۋەقەلەر بايان قىلىنىدىغان ئالدىنقى يەتتە تومنى تىسېزار يازغان. <ئىچكى ئۇرۇش> نىمۇ تىسېزار يېزىپ تۈگەتمىگەن. ئۇ پەقەتلا مىلادىدىن بۇرۇنقى 49-يىلدىن 48-يىلىغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلغان، بۇ ئىككى ئەسەر ئەسلىمە خاراكتېرىگە كىرىدىغان ئەسەر بولۇپ، ئۇ، ئاپتورنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە دائىر قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە تىسېزارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئۇچۇرىدىغان ياكى سەۋەنلىكىنى يوشۇرىدىغان جايلار بار. لېكىن ژانىرى ئاددىي، ئوچۇق، پۇختا، مېغىزلىق.

      تىسېزارنىڭ ھەربىي ئىستىبىداتلىقى رىم قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر گەرچە تىسېزارنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرالمىدى، كېيىن يەنە < كېيىنكى ئۈچ كاتتىۋاش> سىياسىيسى ئوتتۇرىغا چىقتى.

     

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تىسېزار , داڭلىق سىياسىئون , ئىسپانىيە , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-1 18:26:18
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 48
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证