تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› سىرلىرىم ›› ئەرنىڭ «غۇرۇرى»(راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Bella
    يېڭى ماتروس
    دەرىجىسى : 6
    جۇغلانما نۇمۇر : 90
    saadet.ismayil@gmail.com
    0
    يازما سانى : 4
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-12-20 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئەرنىڭ «غۇرۇرى»(راست ئىشلار خاتىرىسى)

     

    ئەرنىڭ «غۇرۇرى»(راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئاپتورى: گۈزەلنۇر مۇتەللىپ
     
     
     
     قولۇمدىكى ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسىگە قارىغىنىمچە چەكسىز خىياللار ئىلكىدە خەت ئالغان، توي قىلغان شۇ مىنۇتلارنى ھەسرەت ئچىدە يادىمغا ئالدىم، ئويلاپ باقسام، ئۇ چاغلار ھاياتنىڭ گۈزەل ھەم شېرىن پەيتلىرى ئىكەن. ھايات، تەقدىر دېگەنلەر ئەزەلدىنلا ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىكەن. بىز تۈنۈگۈننى ئەسىلىيەلەيدىكەنمىز، بۈگۈننى كۆرەلەيدىكەنمىز، ئەپسۇس، ئەتىمىزنىڭ نىمە بولدىغانلىقىنى ھەرقانچە تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ مۆلچەرلىيەلمەيدىكەنمىز. خىياللىرىمنى سوتچىنىڭ ئاۋازى بۆلۈپ تاشلىدى.
     
    _سۈرىيە، سۇبات ئوبدان ئويلىشىپ، مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن بۇ كېلىشىمنامىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تولدۇرۇڭلار. قارارىىڭلاردىن يېنىۋالساڭلار ھېلىمۇ ئۈلگۈرىسىلەر،-سوتچى رازىيە بىزگە ئۈىد بىلەن باقتى. مەنمۇ ئىختىيارسىز سۇباتقا قارىدىم، شۇتاپتا ئۇنىڭدىن يەنە نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتتىم. ئېھتىمال، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭدىن ئىنساب تىلەۋاتسام كېرەك. ئەمما، ئىشلار مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە بولدى، ئۇ بىزگە قاراپمۇ قويماستىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ يول ئالدى، كۆز چانىقىم ياشقا تولدى. مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم. 
     
      بىز تونۇشقان شۇ مىنۇتلار ھېلىمۇ يادىمدا. ئىككىمىز ئىچكىرىدىكى بىر ئىنىستۇتنىڭ قانۇن فاكۇلتىتىدا بىللە ئوقۇيتتۇق. بىزنىڭ قىزىقىشىمىز، ئويلىغانلىرىمىز ئاساسەن ئوخشاش چىقاتتى. مەكتەپتىكى ھەرخىل مۇنازىرىلەردە دائىم دېگۈدەك بىر گۇرۇپپا بۇلىۋالاتتۇق، ئىككىمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ساۋاقداشلارنى ھەيران قالدۇراتتى. ھەممەيلەن بىزگە ھەۋەس قىلاتتى. بىرىمىز شىمالدىن، بىرىمىز جەنۇپتىن ئىدۇق. بىز ھەمىشە بىللە تەكرار قىلاتتۇ، مۇلاھىزە يۈرگۈزەتتۇق، چەت ئەل تىلى ئۆگىنەتتۇق، كەلگۈسىگە تەلپۈنەتتۇق. ئۇ چاغلار بەكمۇ شېرىن ئىدى. خىيالىمنى كوچىدىكى ئاشپۇزۇلدىن ياڭراۋاتقان《كونا ئالبۇم》ناملىق ناخشا بۇزۇپ تاشلىدى. مەن ئىختىيارسىز ئاشپۇزۇلغا كىرىپ كەلدىم. بۇ كونا ناخشا يۈرەك-باغرىمنى ئەزمەكتە ئىدى…
     
       سۇبات ئىككىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بەكمۇ ئۇلۇغ ئىدى. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلاتتۇق، ئەنە شۇ مەقسەتتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلى ئىككىمىز تەڭلا ئىمتىھانغا قاتناشتۇرق. لېكىن، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالدى، مەنمۇ گاڭگىراپ قالدىم.
     
    -سىز ئەمدى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارىدىغان بولدىڭىز، مەن بولسام يۇرتقا قايتماقچى، ئېيتىڭە سۈرىيە، بۇنڭدىن كېيىنكى كۈنلەرنى سزسىز قانداق ئۆتكۈزەرمەن؟ بېيجىڭ نەدە، مەن نەدە،-ئۇ مېنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۆسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتتى.
     
    -سۇبات، خەت ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرىمىز ئەمەسمۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر. ئۇزاق ئۆتمەي بىز يەنە تېپىشىمىز، ئاندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمىز،-مەن ئۇنى بەزلەيتتىميۇ، ئۆزۈممۇ يىغلاپ كېتەتتىم.
    -كېلىڭ، سۈرىيە مەن سىزگە بىر ناخشا سوۋغا قىلاي. بۇ 《كونا ئالبۇم》ناملىق ناخشىنى ئۆزۈممۇ بەك ياخشى كۆرىمەن، بىراق ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن؛-ئۇ قولىغا گىتارنى ئالدى-دە، ھەسرەتلىك ناخشىسىنى باشلىدى، ناخشا مەكتەپنى بىر ئالدى.
     
    -بېيجىڭغا بېرىپ ئۆزگىرىپ كەتسىڭىز قانداق قىلارمەن؟-سۇبات ناخشا ئېيتىشتىن توختاپ خىيالچان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى.
    -سۇبات، ماڭا ئىشىنىڭ. پەقەت سىز ئۆزگەرمىسىڭىزلا مەن ھەرگىزمۇ ئۆزگەرمەيمەن،-مەن ئۇنى چىن يۈرىكىم بىلەن خاتىرجەملەندۈرۈشكە تىرىشتىم.
    -تامىقىڭىز چىقتى،-ئاشپۇزۇل كۈتكۈچىسىنىڭ ئاۋازى بىلەن بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا بىر تەخسە لەڭمەن تۇراتتى، مەن ئۆزۈمنىڭ قاچانلاردا تاماق بۇيرۇتقانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم. ئۈنئالغۇغا قۇلاق سېلىپ باقتىم،《كونا ئالبۇم》ئاللىقاچان ئاياقلاشقانىدى. مەن لەڭمەندىن ئىككى چوكا يەپلا تويۇپ قالدىم. توۋا، بىرچاغلاردا ياتاقداشلىرىم بىلەن بىر ئاشخانىدىن يەنە بىر ئاشخانىغا ئالمىشىپ يۈرۈپ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى تەخسە لەڭمەننى يەۋېتەتتۇق، بىز ئۇچاغلاردا قانچە يېسەكمۇ ئېچىرقاپلا يۈرەتتۇق.
    -بۇنداق جىق تاماق يېسىڭىز سىزنى قانداقمۇ باقارمەن. قارىغاندا، بۇ ئىشنى ياخشىراق ئويلاشمىساق بولمىغۇدەك،-ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىپ كۈلۈپ كېتەتتى.
    -ياق، مەن چوقۇم سىزگە تەگمەي قويمايمەن، تاپقان پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىگە تاماق يەيمەن، قانداق،-مەن ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ بىلىكىگە چىڭ ئېسىلىۋالاتتىم.
    -ئەمىسە، تېخىمۇ ئويلاشماي بولمىغۇدەك، مەن ئەڭ ياخشىسى تاماقنى ئازراق يەيدىغان بىرسىنى تاپاي،-ئۇ مەندىن قولىنى تارتىۋالاتتى-دە، يالغاندىن يۈگۈرۈپ قاچاتتى.
    -بوپتۇ ئەمىسە، مەنمۇ باشقا بىرسىنى تاپاي،-مەنمۇ ئاغزىمنى ئۈمچەيتكىنىمچە قارشى تەرەپكە ماڭاتتىم.
    -بىكار يۈرسەممۇ يۈرىدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە سىز بىلەن يۈرۈپ تۇرايچۇ،-ئۇ يەنە ئارقامدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ يېنىمدا پەيدا بولاتتى. ئۇ چاغلار بەكمۇ كۆڭۈللۈك، غەمسىز چاغلار ئىدى. مەن شۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئاشخانىدىن كوچىغا چىقتىم.
     
    -خېنىم، تاماق پۇلىنى تۆلىمىدىڭىز،-كۈتكۈچى ئارقامدىن ۋارقىرىدى. نومۇستىن قىزىرىپ كەتتىم، شۇ ئەسنادا ئەتىگەن ئورنىدا ئۇخلاپ قالغان ئۈچ ياشلىق قىزىم نەفىسە ئېسىمگە كەلدى. ئۇ بۇ چاخقىچە ئويغىنىپ مېنى ئىزدەپ يىغلاپ، بالا باققۇچى قىزنى تەڭلىكتە قويىۋاتقاندۇ. مەن دەرھال تاكسى توستۇم-دە، ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
     
    ھېلىمۇ يادىمدا ئېنىق تۇرۇپتۇ. ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىنى ئاشۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈم بەلگىلىگەنىدى. شۇچاغلاردا نۇرغۇنلىغان يىگىتلەر پېيىمدا يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەرخىل كەسىپتە ئوقۇيدىغانلار، شۇنداقلا بايلىرىمۇ، كەمبەغەللىرىمۇ بار ئىدى. مەن قايسىسىنى تاللاشنى بىلمەي كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئاچا يوللىرىدا تەمتىرەيتتىم، خاتا تاللاپ قويۇشۇمدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتىم، ئاشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇغۇلغان كۈنۈم يېتىپ كەلدى. بەزىلەر مەن ئۈچۈن چوڭ سورۇن ھازىرلاپ، ساۋاقداشلىرىمنى چاقىرىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتۈزۈپ بەرمەكچى بولسا،  يەنە بەزىلەر مېنى قايسىدۇر بىر تانسىخانىلارغا تەكلىپ قىلدى. مەن بۇ كۈننى ئاخىر سۇبات بىلەن ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم، كۆڭلۈم شۇنى تارتتى. ئۇ پۇلدارمۇ، ئاجايىپ قامەتلىكمۇ ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە ئاددىي، ۋىجدانلىق ئىنسان ئىدى. ئۇ گەرچە بىر سەھرا بالىسى بولسىمۇ، ئەزەلدىن پۇل، مال-دۇنيا ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇرمايتتى، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن مىجەزى ھەركىشىگە يېقىشلىق ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرسام ھەرقانداق جۇدۇن-چاپقۇندىنمۇ ئۆتۈپ كېتەلەيتتىم، كۆڭۈل مەسىلىسىگە كەلسەك، پەقەت نىشان توغرا بولسىلا ھېسىيات دېگەننى ئاستا-ئاستا يېتىلدۈرگىلى بولاتتى. ئۇنىڭدا پۇل يوق بولغىنى بىلەن باشقىلاردا كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان ۋىجدان بار ئىدى. 
     
    -سۈرىيە، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى مەڭگۈ بەختلىك قىلىمەن، مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇشقا قوشۇلۇڭ،-دېدى ئۇ بىرتال قىزىل ئەتىرگۈلنى ماڭا سۇنۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە قىلغان سوۋغىسى ئىدى.-ماڭا ۋاقىت بېرىڭ،-دېدىم مەن قولۇمدىكى گۈلگە قاراپ.
     
    -ماڭا ئىشىنىڭ،-دېدى ئۇ يەنە قايتا تەكىتلەپ. توغرا، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش شېرى-شېكەر سۆزلەرنى ياغدۇرىۋەتمىدى. نېمىشقىدۇر شۇ بىر جۈملە سۆزى بىلەن مەن ئۇنىڭغا چەكسىز ئىشەندىم، ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ئۆز بەختىمنى، كەلگۈسۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم.
     
      شۇنداق قىلىپ بىز يۈرۈپ قالدۇق، مەنمۇ ئۇنى ئاستا-ئاستا ياخشى كۆرۈپ قالدىم. كېيىنكى كۈنلەردە باشقىلارنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدىكى ئاشىق-مەشۇقلارغا ئايلاندۇق. ئۇ مېنىڭ بارلىقىمغا ئايلاندى. مەن شۇچاغدا يىگىت كۆيۈنۈشى قىزلارنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئەي قىزلار، مۇشۇ ئاجىزلىقىمىز بىزنى قايسى يولغا باشلار…كونىلار:《قىزبالا دېگەن ئۆچكىنىڭ يېغى》 دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن.
      شۇنداق قىلىپ مەن بېيجىڭغا كەتتىم، ئۇ قالدى. ئوقۇش باشلىنىپ بىرمەزگىلگىچە سېغىنىش ئازابى ئىچىدە قانداقتۇر بىر يېتىمسىراش بىلەن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم، سۇباتنىڭ تېلفۇنلىرى مېنىڭ بۇدۇنيادىكى ئەڭ زور شادلىقىم ئىدى، ھەرقېتىملىق يېزىشقان خەتلىرىمىز ئونبەتتىن تۆۋەن بولمايتتى. ئۇنىڭ خەتلىرىنى باغرىمغا بېسىپ يىغلايتتىم. ئاھ ياشلىق، ئەڭ ئازاپلىق چاغدىمۇ يەنىلا گۈزەل بىلىنىدىكەن. بىردىنلا يول بويىدا كېتىۋاتقان بىر-جۈپ ئاشىق-مەسۇق خىيالىمنى بۆلدى. ئۇلار كۈلكە بىلەن بىر-بىرىگە بېقىشىپ سۈرەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ بىز سېغىنىش ئىلكىدە يىللارنى تاماملاپ، يەنە بىللە بولدۇق. مەكتىپىمنى ڭمېنى دوكتۇرلاقتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلىشلىرى قۇلىقىمغا كىرىپمۇ قويمىدى، مەن بەختىمنى تېپىپ توي قىلىش، بالىلىق بولۇشقا ئالدىرايتتىم.
      بىز توي خېتى ئېلىش ئۈچۈن سۈرەتكە چۈشتۇق.
     
    -ياخشىراق ئويلىشىپ بېقىڭ، كېيىن پۇشايمان قىلمايدىغانسىز،-دېدى سۇبات.
    -ياق، پەقەت سىز پۇشايمان قىلمىسىڭىزلا مەن پۇشايمان قىلمايمەن،-دېدىم مەن.
    شۇلارنى ئويلىغاچ قولۇمدىكى ئاجرىشىش خېتىگە قاراپ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم، توي خېتىگە سۈرەتكە چۈشكەن شۇ كۈننى ئويلاپ قالدىم. سۈرەتكە ھەقىقەتەن چىرايلىق چۈشكەنىدۇق، كۆزلىرىمىدىن ھەقىقەتەن بەخت ئۇچقۇنى چاقناپ تۇراتتى. 
    -سىز ئەمدى مېنىڭ بولدىڭىز،-ئۇ ئوتلۇق كۆزىنى ماڭا تىكىپ ئالتۇن ئۈزۈكنى قولۇمغا سالدى.
    -سىزمۇ شۇنداق،-بۇ كۈننى كۈتكىنىمگە بەك ئۇزاق بولغاچقىمىكىن كۆزۈم ئىختىيارسىز نەملەشتى.
    -قارا، ماۋۇ يىغلاڭغۇنى،-ئۇ قولياغلىقنى چىقىرىپ يېشىمنى سۈرتتى.
    -ئەمدى ھەرگىز ئايرىلمايمىز،-ئورتاق بىر سادا، قوش يۈرەكتىن ياڭرىدى.
    -كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن بىلەن توي قىلغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلارسىزمۇ؟-سورىدىم مەن بىركۈنى ئۇنىڭدىن ئۆزۈمچىلا.
    -ياق، مەن دوستلىرىم ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ھەم تەلەيلىكى،-دېدى ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى.
    -تويغا خەجلىگەن شۇ پۇلغا شېرىن ئاي ئۆتكۈزسەك قانداق،-دېدى سۇبات بىركۈنى.
    -بەك ياخشى ئويلاپسىز، بىز بۇ سەپەردەشىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت ئورۇنلىرىنى ساياھەت قىلايلى،-دېدىم مەن خۇشاللىق بىلەن. شۇنداق قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىز تويىمىزنى ئاددىيلا ئۆتكۈزىۋالدۇق. يېقىن دوستلىرىمىز بىزنى بېكەتكىچە ئۇزىتىپ قالدى. مەن بۇ سەپەردە ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن جايلارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. كۆڭلۈم شادلىقتىن يايراپ كەتتى. تاھىر-زۆھرەنىڭ روھىمۇ بىزگە قاراپ كۈلدى. ئۆي سەنئىتى ئەقلىمنى لال قىلدى. ھايھات، بۇرۇنقىلار نېمانچە ئەقىللىق-ھە. ئنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزدە نېمىشقا يەنە بۇنداق مۆجىزىلەر يۈز بەرمەيدۇ. ئەجابا، بىزنىڭ ئەقلىمىز كەينىگە مېڭىۋاتامدۇ. مەن ھاياجاندىن ئاغزىمنى يۇمالماي سۇباتقا قاراپ توختىماي سۆزلەيتتىم. ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قوياتتى.
    -قاراڭ، سۇبات، ئاماننىساخان نېمانچە ئەقىللىقتۇ-ھە! ئون ئىككى مۇقامنى قانداق يادلاپ  بولغان بولغىيتتى! ھەي، مەندىمۇ ئۇنىڭ يېرىمىچىلىك ئەقىل بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە!-ئاماننىساخاننىڭ ھەيكىلىگە قاراپ يەنە ھاياجانلاندىم.
    -سىزمۇ ئەقىللىق، ئۆزىڭىزنى ئەيىپلىمەڭ،-دېدى ئۇ پېشانەمگە چۈشۈپ قالغان ئۇششاق چاچلىرىمنى قولى بىلەن ئارقىغا قىلىپ.
      بىز مۇھەببەتنىڭ شېرىن كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق. كۈنلەر تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى.
    -خېنىم، ئۆيىڭىز قايسى بىنادا؟-تاكسى شوپۇرىنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۇزىۋەتتى. مەن مەھەللىگە كېلىپ قالغانىدىم. شۇندىلا قىزىم يادىمغا كەلدى. يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىردىم، كىرىپلا يۈرىكىم ئىزىغا چۈشتى. چۈنكى، ئۇ دۇنيادىن، قايغۇ-ئەلەمدىن خەۋەرسىز ھالدا خىرامان ئۇخلاۋاتاتتى. ئىسىت، مەنمۇ كىچىك بولۇپ قالسامچۇ؟
    -ھەدە، چاي ئىچىۋېلىڭ!-تۇرمۇشىمىزنىۇ گۇۋاھچىسى بولغان رەشىدە ئەتكەن چاينى ئالدىمغا قويدى، شۇن تاپتا گېلىمدىن قانداقمۇ تاماق ئۆتسۇن؟ مەن پىيالىدىكى ئەتكەنچايغا قارىغىنىمچە تۇرمۇشىمىزنى، مۇھەببىتىمىزگە تپسالغۇ بولغان ھەربىر نۇقتىلارنى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. بىز نېمىشقا بۇ كۈنگە قالدۇق؟ بەلكىم سەۋەبى يەنىلا كۆپرەك مەندىدۇر، ئەسلى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماي قايتىپ كەلسەم بوپتىكەن، بەلكىم شۇنداق قىلغان بولسام ھەممە ئىشلار ئوڭشىلىپ كېتەر ئىدى. 
      مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپلا ئوتتۇرا سوتقا خىزمەتكە چۈشتۈم، سوتچى بولدۇم. سۇبات بولسا رايونلۇق سوتتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېرىشقاندەك ئۇ سوتچىلىق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي تېخىچىلا پۈتۈكچى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى. مەن بۇ ئىشلارنى تۇرمۇشىمىزغا ھېچقانداق تەسر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارايتتىم ھەم ئۇنىڭمۇ شۇنداق ئويلاردا بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن، ئىشلار دەل مەن ئويلغىنىمنىڭ ئەكسىچە بولۇۋاتاتتى. بىز توي قىلىپ بىرەر يىلغىچە مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ئۆتۈشكە باشلىدۇق. يېڭى بىرجاننىڭ پەيدا بولۇشى بىزنى تېخىمۇ شادلاندۇردى. ھەسسىلەپ كۆيۈنۈشكە مۇيەسسەر بولماقتا ئىدىم. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا بۇ يۇرتقا مۇساپىر بولغاچقا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزى ئىشلەپ تاماققىمۇ خېلى پىشىپ قالغانىدى. مېنى ئاشخانىغا يېقىن يولاتمايتتى. ئەممە، مەن دائىم خىجىل بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كىرىۋالاتتىم. 
    -يېتىپ ئارام ئېلىڭ، سىزنى كۈتۈش مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم، ھەرگىز بىئەپ ھېس قىلماڭ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاشخانىغا كىر دېسىڭىزمۇ كىرمەيمەن،-دەيتتى ئۇ مېنى خاتىرجەملەندۈرۈپ. ئۇنىڭدىن دىلىم سۆيۈنۈپ كېتەتتى.
     
    -ئاپا! دادام قېنى؟-قىزىمنىڭ ئاۋازى بىلەن رېئاللىققا قايتتىم، راستىنى دېسەم، ئاشۇ گۈزەل ئۆتمۈشۈمدىن رېئاللىققا پەقەتلا قايتقۇم يوق ئىدى!
    -داداڭ…توغرا، داداڭ يىراق جايغا ئىشلىگىلى كەتتى…-ش گەپلەرنى دېدىميۇ، كۆڭلۈم بۇزۇلدى. بۇ بالىنى قاچانغىچە ئالداپ ئۆتەرمەن؟ ئەجابا بۈگۈندىن باشلاپ ئۇ يېتىم بولۇپ ياشارمۇ؟
      راست، نەفىسە تۇغۇلغاندا ئۇ بەك خۇش بولغان، بۇ ئىسىمنىمۇ ئۇ ئۆزى تاللىغانىدى. بىز ئەسلى بەختلىك ئائىلە ئىدۇق، كۆز تەگدى. قاياقتىندۇر چىققان قارا بوران بەختىمىزنى خازاندەك ئاللىقاياقلارغا ئۇچرۇپ تاشلىدى.
      كۈلەر ئۆتۈشكە باشلىدى، مېنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىدىغانلار كۈنسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئورنۇمدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى، مەن باش سوتچىلىقققا ئۆستۈرۈلدۈم. ناممىممۇ چىقىپ قالدى. بەزى ئىشلار بەكمۇ تەتۈر بولىدىكەن، قېرىشقاندەك ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايۋاتاتتى. بارغانسىرى كەم سۆز بولۇپ ئائىلىدە ماڭىمۇ تۈزۈك گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتىم.
    -ئىچكىرىگە بېرىپ ئوقۇپ كېلەمسىز يە؟=دېدىم مەن بىركۈنى ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ.
    -سوتچى خېنىم، ماڭا كۆڭۈل بۆلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. مېنىڭچە، ئائىلىمىزدە بىر سوتچىنىڭ بولغىنىنىڭ ئۆزىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ،-دېدى ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويماستىن. مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئارىمىزدا بولشۇق پەيدا بلۇشقا باشلىدى. ئۇ ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماس بولۇپ قېلىۋاتاتتى. بەزى كۈنلىرى كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەي قوياتتى، تېلفۇن بەرسەم تېلفۇننى ئالمايتتى. ئەجابا ئۇ باشقا بىرسىنى تېپىۋالمىغاندۇ-ھە؟ مەن كېچە-كېچىلەپ ئۈنسىز ياش تۆكۈپ چىقاتتىم. ئۇنىڭدىن سوراي دېسەممۇ سورىيالمايتتىم. ئوچۇقنى ئېيتقاندا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەيتتىم. قانداق قىلىش ھەققىدە توختىماي ئويلىناتتىم. مېنىڭ ئىچىم پۇشۇپ ئۆلەي دەيمەنۇ، ئەجابا ئۇنىڭ ئىچى سىقىلمامدىغاندۇ؟ مەن ئويلىناتتىم، ئەمما ئۇ سوئاللىرىمغا جاۋاپ تاپالمايتتىم.
     
      كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى كۈندىن-كۈنگە قوپاللاشماقتا ئىدى. شۇنداق كۈلەرنى بىرىدە ئۇ غەرق مەست ھالەتتە ئۆيگە كەلدى. مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۇنى يۆلىۋالماقچى بولدۇم.
    -مېنى تۇتقۇچى بولماڭ،-ئۇ مېنى ئىتتىرىۋەتتى. گويا توك تېپىۋەتكەن ئادەمدەكنىمە قىلىشىمنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.-سىزگە نېمە بولدى، مەن زادى نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدۈم؟ ئېيتىڭە، نېمە بولغانلىقىنى بىلىپ قالاي،- بۇ نۆۋەت ئۆزۈمنى ھەرقانچە قىلىپمۇ تۇتىۋالالماي قالدىم.-بىلگۈڭىز بولسا ئولتۇرۇڭ،-ئۇ كېرىسلونى ئىشارەت قىلدى.
     
    -سۈرىيە، سىز ھازىر داڭلىق سوتچى بولدىڭىز، مائاشىڭىزمۇ مېنىڭكىدىن يۇقىرى، سىزنى تونىمايدىغانلار يوق دېيەرلىك، ئەمما مەن بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەر تاھازىرغىچە پۈتۈكچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن، بىر ئايدا تاپقان كىرىمىم سىز تاپقان كىرىمنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ چىقمايدۇ. دېمەك، ھازىر بۇ ئائىلىنى سىز بېقىۋاتىسىز، دوستلىرممۇ مېنى دائىم مازاق قىلىدىغان بولدى. سۈرىيە، مېنىڭ پەقەت چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى،-ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىرخىل ئازاپ ئۇچقۇنى ئەكس ئېتەتتى.
    -سۇبات، دوستلىرىڭىز سىزنى نېمىدەپ مازاق قىلىدىكەن،-سورىدىم مەن ئەجەپلىنىپ.
    -نېمىدەپ بولاتتى، سوتچى خانىمىڭنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەچەر ئال، نېمىلا دېگەنبىلەن ئائىلەڭلەرنى ئۇ بېقىۋاتىدۇ. كېيىنكى كۈلەردى ئۆسۈپ قالسا بىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ،-دەيدىغان بولدى.
    -سىزنىڭ ئاغىنىلىرىڭىز نېمىدىگەن مەدەنىيەتسىز،-دېدىم مەن ئاچچىقلىنىپ.
    -لېكىن بۇ ئەمەلىيەت تۇرسا. مەن راستىنلا سىزگە تايىنىپ ياشاۋاتمامدىم. خەقتىن كۆرۈپ نېمە قىلىمىز؟-ئۇ ھەسرەتلىك كۆزىنى ماڭا تىكتى.
    -سۇبات، مېنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟-سورىدىم مەن.
    -بىلمەيمەن، مېنىڭ نەزىرىمدە سىز بىر داڭلىق ئادۋوكات، يەنە كېلىپ داڭلىق سوتچى، مەن سىزنىڭ كاتىپىڭىز، خالاس…-ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىكەنمەن.-سۇبات، سىز بۇ ئىشلارنى ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماڭ. سىز دېگەن سىز، مەن يەنىلا سۈرىيە، سىزنىڭ ئايالىڭىز. مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ.
    -سۈرىيە، مەنمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزۈمگە شۇنداق تەسەللىي بەرگەن. ئەمما رېئاللىق دىگەن ھامان رېئاللىقكەن، رېئاللىقنى قوبۇل قىلماق تەسئىكەن،-ئۇ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بۇ كېچە مەن پەقەت ئۇخلىيالمىدىم. 
      بۇرۇن ئايال كىشى دېگەن چىداملىق كېلىدۇ دېسە تېگىگە يەتمەپتىكەنمەن. ئەمدى يېتىشكە باشلىدىم، مېنىڭ كۈنلىرىم قايغۇ بىلەن يىغلاپ ئۆتۈشكە باشلىدى. قانچىلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز يىغلاپ ئۆتۈزدۈم، مېنىڭ ھېلىقى ئامرا ئېرىم زىنھار ئارقىغا قايتمىدى. مەن كۆپ ئوقۇغانلىقىم تۈپەيلى جازاغا تارتىلىشقا باشلىدىم.، ئۇ بار كۈچى بىلەن مەندىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان بولدى. باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشمنىمۇ توسۇشقا باشلىدى، مەن ئۇنى كۆرسەم قورققىنىمدىن ياپراق كەبى تىترەيتتىم. مەن سوتچى بولغاندىكىن، ئاياللارنىڭ، ئاجىزلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم دەپ قارايتتىم.  ئەمما، مۇشۇ تۇرقۇمدا مەن باشقا ئاياللارنى ئەمەس، بەلكى ئۆز ھوقۇقۇمنى قوغدىيالماس بولۇپ قالغاندىم.
    -ئاۋازىڭىز نېمانداق قوپال، سۆزلىرىڭىزچۇ، خۇددى مومامدەك نەسھەت قىلىپ كېتىشلىرىڭىزدىن ئايلىناي،- دېدى ئۇ بىركۈنى يۈرىكىمگە زەھەر سانجىپ.
    -بۇرۇنمۇ شۇنداق ئىدىغۇ،-دېدىم مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا تىكىلىپ.
    -توۋا، شۇ چاغلاردا سىزنى قانداقمۇ ياقتۇرۇپ قالغان بولغىيتتىم،-سۇبات ماڭا قاراپ مەنسىتمەسلىك بىلەن كۈلدى.ئۇ قەستەن مەن بىلەن جېدەللەشمەكچىدەك قىلاتتى. مەن زادى قانداق قىلسام توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگۈم كېلەتتى، ئەمما ئۇ ماڭا پۇرسەت بەرمەيتتى. مەن ئۆزۈم تاللاپ سۆيگەن، پۈتكۈل ئاياللىق مېھرىمنى بەرگەن 《قەدىردانىم》تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە باشلىدىم. مېنىڭ ئەقىدەمنى بار كۈچى بىلەن دەسسەپ چەيلەشكە، ۋۇجۇدۇم ئۇنىڭ ئايىقى ئاستىدا مىجىلىشقا باشلىدى، مەن ئاچچىق تولغىنىپ ئىڭرىدىم.ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، ئۇ ماڭا قاراپمۇ قويمىدى، ئۇنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرىدىغانلىقىنى، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتىم، ئويلايتتىم، ئويلىغانسىرى يۈرىكىم سىقىلاتتى. ئۇنىڭ كۈنلەرنى بىرىدە رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 
      مەن ئاستا ئالبومنى ئېلىپ تويلۇق سۈرەتلەرنى بىر-بىرلەپ كۆيدۈرۈشكە باشلىدىم، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كۆزۈم ياشقا لىق تولدى، ئەجابا بۇ سۈرەتلەرنى مۇشۇنداق كيدۈرۈش ئۈچۈن چۈشكەنمىدۇق؟
    بىر ئادەمنى ئالدىراپ چۈشىنىمەن دېيىش ھەقىقەتەن خاتا ئىكەن، ئۆز بېشىمغا كەلگەندە بۇنىڭ توغرىلىقنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بەخت ئىزدىدىم، ئەمما ئۇنى تاپالمىدىم. مېنىڭ ئېرىم يولىدىن يانايمۇ دېمىدى، ئۇ كېچە-كېچىلەپ ئۆيگە قايتمايتتى، ماڭىمۇ كۆپ سۆزلىمەيتتى، بەزى كۈنلىرى غەرق مەست كېلەتتى-دە، مېنى باغرىغا باساتتى. مەن ئۇنىڭ باغرىدا ئېرىپ كېتەتتىم، ھەسرىتىمنى ئۇنتۇيتتۇم، ئەمما ئەتىسى ھەممە ئىش ئاۋالقىدەكلا بولاتتى. ئۇ گويا باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئازغىشىپ كىرىپ قالغان مېھمانغا ئوخشاش، ئەتارپقا بىر پەس قارىغاندىن كېيىن ئۆز يولىغا راۋان بولاتتى، مەن نېمە قىلىشمنى بىلمىگەن ھالدا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم، تەقدىرنىڭ بۇ قىسمەتلىرىدن قاقشايتتىم.
    -يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بوپسىز، دىققەت قىلىڭ، خاپا بولىدىغان ئىشلارنى ئازراق ئويلاڭ، بولمىسا ئەھۋالىڭىز خەتەرلىك،-دېدى دوختۇر. ئەمدىلا 35 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغىنىمدا يۈرەك كېسىلى بوپتىمەن. مۇبادا ئەمدى بىر قارارغا كەلمىسەم دەرد ئەلەمدە ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى. دۇنيادىن خەۋەرسىز قىزىم ئۈچۈن بولسىمۇ ئالەمدە ياشىشىم، ئۇنى ئانىلىق مېھرىم بىلەن قاتارغا قوشۇشۇم، ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىم كېرەك. شۇ مەقسەتتە مەن ئاخىرقى قېتىم ئېرىم بىلەن سۆھبەتلەشتىم.
    -ماڭا نىسبەتەن قىلچىمۇ ھېسىياتىڭىز قالمىدىمۇ؟-سورىدىىم مەن تەمكىنلىك بىلەن.
    -شۇنداق، سەن بىلەن بىللە ماڭغۇم، بىللە تۇرغۇممۇ كەلمەيدۇ، سەن بىلەن بىللە بولغاندىن تارتىپ كۆڭلۈم بىركۈنمۇ سۇ ئىچىپ باقمىدى، روھىم چۈشكۈنلىشىپ ، كېچىچە ئۇيقۇسىز قان يۇتۇپ چىقىمەن،-ئۇ مېنى سەنلەپ سۆزلەشكە باشلىدى.
    -ئېسىڭىزدىمۇ، سىز ماڭا《سىزنى مەڭگۈ بەختلىك قىلىمەن》دېگەنىدىڭىز،-سورىدىم مەن.
    -ئۇ دېگەن بۇرۇنقى گەپ،-دېدى ئۇ تەپ تارتماستىن.
    -قانداق قىلاي دەيسىز؟-سورىدىم مەن.
    -ئاجراشماقچى،-ئۇ تولىمۇ كەسكىن ئىدى.
    -بولىدۇ، مەن قوشۇلدۇم،-مەن قولۇمدىكى تويىمىزنىڭ خاتىرىسى بولغان ئۈزۈكنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.
    -خاتىرە بولۇپ قالسۇن.
    -رەھمەت، مېنىڭچە، سىزدىن ماڭا قالغان خاتىرىلەر بەكمۇ كۆپ، بىر بالىغا ئانا بولغىنىمدىنمۇ ئارتۇق خاتىرە بولماس،-مەن نەپرەتلىك كۆزۈمنى ئۇنىڭغا تىكتىم.
    -دادامنىڭ سۈرىتىنى نېمىدەپ كۆيدۈرىسەن؟-قىزىمنىڭ يىغا ئاۋازى مېنى خىيال دېڭىزىدىن تارتىپ چىقتى. قىزىم دادىسىنىڭ سۈرىتىنى تۇتۇپ تۇتۇپ بارلىق كۆچى بىلەن يىغلاۋاتاتتى. بىرجۈپ سەبىي كۆزى ماڭا نەپرەت بىلەن چەكچىيىۋاتاتتى.
     
    -سەن بەك ئەسكىكەنسەن، ئەسكى…-ئۇ يىغلىغىنىچە سۈرەتلەرنى كۆتۈرۈپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى، تېخى تۈنۈگۈن كەچتىلا دادىسى بىلەن ئات بولۇشۇپ ئويناشقان بالا بۈگۈنكى بۇ شەپقەتسىز رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمايۋاتسا كېرەك، ھېچ بىلمىدىم، مەن زادى نېمە ئىشنى خاتا قىلدىم؟!
      مەن كوچىغا چىقتىم، ئاياغ ئاستىمدا ھېلىلا شېخدىن ئاجرىغان كۈز ياپرىقى. مەن كېتىۋاتىمەن، ئاستا-ئاستا چىقىۋاتقان كۈزنىڭ مەيىن شامىلى ياش بىلەن بويالغان مەڭزىمنى، قىسقىغىنا بۈدۈر قىلىنغان چېچىمنى ئاستا سۆيۈپ ئۆتمەكتە. شۇ ئەسنادا بىرتال سارغايغان ياپراق مەڭزىمگە قوندى. مەن ياپراقنى ئاستا ئېلىپ يەرگە تاشلىدىم-دە، خىياللارغا پاتتىم. بۇ ياپراقلار باھاردا ياشناپ، يازدا سايە تاشلاپ، كىشىلەرگە سايىۋەن بولىدۇ. كۈزدە يۈرگە چۈشۈپ زېمىنغا سېرىق تون كىيدۈرىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى شۇنچە قىسقا، ئەمما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، بىز ئىنسانلارچۇ؟ مەنچۇ؟ ئاشۇ تۇپراققا دەپنە قىلىنغۇچە ياپراقچىلىك بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك بىرەر ئىش قىلارمەنمۇ؟ قىلىشىم كېرەك، ھېچبولمىغاندا قىزىم ئۈچۈن بولسىمۇ قىلىشىم كېرەك.
     
      -ھايات شۇنداق بىر نەرسە ئىكەن، ئۇ بىزنى بىردە كۈلدۈرۈپ، بىردەم ئاچچىق يىغلىتىدىكەن، ئېرىم بىلەن گۈزەل بىرمەزگىللەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن، مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى بىللە يازغانىدۇق، سۆيۈپ، سۆيۈلگەنىدىم. قانچىلىغان يىگىتلەرنى دەردكە تاشلاپ، ئاتا-ئانامنىڭ كۆزىنى ياشلاپ، يۇرتۇمنى تاشلاپ ئۇنى ئۆمۈرلۈك جورا قىلىپ تاللىغانىدىم. ئەپسۇس، تەقدىرىمىز مەڭگۈ قېتىلمىدى، ئۇ ئۆز ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى، مەندەك پاك بىر ئايالنىڭ پاك ئەقىدىسىنى خارلىدى، دەپسەندە قىلدى. ئۇ زادى قانداق ئىنسان بولغىيدى؟ مەن بۇ ھەقتا كۆپ ئويلاندىم، ئىزدەندىم. بىراق، جاۋاپ تاپالمىدىم. لېكىن، ئۇنىڭدىن رەنجىگۈم، تىللىغۇممۇ يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا مۇرەككەپ بولغان تەقدىرنىڭ شۇم قۇربانى. تەقدىر دېگەن شۇنداق بولىدىكەن، ئۇنى ھېچكىممۇ ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسكەن. مەن تەقدىرنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتىم، ئەمما ئۆزگەرتەلمىدىم. بۇ ئائىلىنى قوغداپ قالاي دېدىم، ئەمما مادارىم يەتمىدى. مانا بۈگۈن ھەممە نەرسە تۇپراققا دەپنە قىلىندى، ئۆلدى، بىراق مەن قىزىم بىلەن داۋاملىق ياششىم كېرەك. ئەتە بەلكىم بىزگە كۈلۈپ باقار. بەلكىم سۇبات كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەقىقەتەنى چۈشەنگەندە بىزنى قايتىدىن تاپار.


    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : بەخت , تۇرمۇش , ھايات , خاتىرە... , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-6-1 17:45:52
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 384
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证