تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 16
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12697
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 126
    باھا يازما سانى : 9
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 16



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر

    (زىيا گۆكئالىپ ھەققىدە - 01)

     

        ئەزىز قېرىنداشلار! بۈگۈنكى پىروگراممىزدا تۈرك تەپەككۈر تارىخىنىڭ ئەڭ كاتتا شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان جەمئىيەتشۇناس يازغۇچى ۋە شائىر زىيا گۆكئالىپنى تونۇشتۇرىمىز.

         زىيا گۆكئالىپ تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرى بويىچە ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇ تۈرك تارىخىنى ۋە تۈرك ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلغان ئۇلۇغ ئۇستاز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دېموكراتىك دەۋرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەدە دۆلەتچىلىك ۋە خەلقچىللىق ئېڭىنى ئويغاتقان بىر ئىددىئالىستىك يول باشلىغۇچى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

         غەرپ پەلەسەپىسى بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەمدە تۈرك تارىخى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ چىققان زىيا گۆكئالىپقا نىسبەتەن «شەخس يوق، خەلق بار» دېگەن بىرلا پىرىنسىپ بار بولۇپ، ئۇ  قىلغان ۋە قىلدۇرماقچى بولغان پۈتۈن ئىشلارنىڭ مۇقەددىمىسى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى  ھەردائىم  دەل ئەشۇ پىرىنسىپقا ئەگەشتۈرگەن ئىدى. ئۇ ھاياتى بويى دۇچ كەلگەن نامراتلىق، ئۆيسىز قىلىش دېگەنگە ئوخشاش تۇرمۇش قېيىنچىلىقلىرىغا قەتئىي كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدى. ئۇ پەقەت ئۆزى ئىشەنگەنگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقان، پىكىرلىرى بىلەن پۈتۈن خەلقنى ئۆزىگە باغلىغان، تۈرك خەلقى ئۈچۈن سىزىپ چىققان خىزمەت يولىغا «تۈركچىلىك» دەپ نام قويغان ئىدى. ئۇسمان ئىمپېرىيەسى يېمىرىلگەن دەۋردە، تۈرك خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى دۆلەت ئېڭىنىڭ ئويغۇنىشىدىن ۋە تېخىمۇ كۈچلىنىشىدىن شۇنداقلا دۆلەت ئىتتىپاقلىقىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدىن ئىزدىگەن ئىدى. گۆكئالىپ ھەرگىزمۇ ئىرقىۋاز ئەمەس ئىدى، ئۇ ئىرقىۋازلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكى قۇرلاردا مۇنداق ئوچۇق چۈشەندۈرگەن ئىدى؛

        «شەكشۈبھىسىزكى، ئاتلارنىڭ ئىرىقى ـ نەسلىگە قاراش لازىم. چۈنكى ھايۋانلارنىڭ ئىرقى ـ نەسلى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما ئىنسانلاردا ئىرق، ئىجتمائىي قىممەت قاراشلىرىغا ھېچ قانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بولغاچقا ئىرقى ـ نەسلىگە قاراپ يۈرۈش توغرا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا دۆلىتىمىزدىكى مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ»

        زىيا گۆكئالىپنى ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن كىشى يەنىلا ئۇنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛

        «قەلبىمنى خوشال تۇتۇشنىڭ يولىنى مەن ناھايىتى ياخشى بىلىمەن. پويلاسۇپلارنىڭ بىرلا ئۆتكۈر قورالى باركى، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىنى خوشال تۇتىشىدۇر. پەيلسوپلۇقتا ھاۋايى ـ ھەۋەس، مەغرۇرۇلۇق ۋە ئاچكۆزلۈك تۇيغۇلىرى بولمايدۇ. ئىنساننى تاشقى دۇنيانىڭ تەپەككۈرىغا ئەسىر قىلىدىغان نەرسە دەل ئەشۇ خىل تۇيغۇلاردۇر. بۇ تۇيغۇلاردىن ئۇزاق تۇرىدىغان ئىنسان، يالغۇز ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىلا ياشايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا يالغۇز ئۆزىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولىدۇ»

        زىيا گۆك ئالىپ كەلگۈسى دۇنيانى چۈشەندۈرۈپ يەنە مۇنداق دەيدۇ؛

        «ئىنسانلارنى قۇتقازغۇچى، ئۇلارنىڭ يېتىشنى ئارزۇ قىلغان غايىلىرىدۇر. بۇ غايىلەر ھەر بىر دۆلەتنى بىردىن جەننەتكە ئايلاندۈرىدۇ. ھەر بىر خەلق ئۆز جەننىتىدە ھۆر، ئازات، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇنۇڭدىن كېيىن كەلگۈسىدە ناھەقچىلىك، ئادالەتسىزلىك ۋە ھۆررىيەتسىزلىك بولمايدۇ. غەزەپ ـ نەپرەت، قىزغىنىش ۋە ئاچكۆزلۈك بولمايدۇ. ئىنسانلار بىر ـ بىرىنى سۆيىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ بىر ـ بىرىنى سۆيىدۇ. دىنلارمۇ بىر ـ بىرىنى سۆيىدۇ. مەدەنىيەتلەرمۇ بىر ـ بىرىنى سۆيىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت بىر كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرماقتا. بۇ جەننەت بىلەن جەھەننەم ئارىسىدىكى كۆۋرۈك. يەنى، ھاياتتا ھەر قانداق ئىنسان ۋە ھەرقانداق خەلق تەبىئەتنىڭ يوشۇرۇن غەزىنىلىرىنى ئەمگەم ئاچقۇچلىرى ئارقىلىق ئېچىپ، ئەشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمىسە بولمايدۇ»

    ******************************************************

        زىيا گۆكئالىپ 1876 ـ يىلى دىياربەكىردە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ جەمىتى قەدىمىي بىر تۈرك ئائىلىسىگە تۇتىشاتتى. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تەلىم ـ تەربىيىسىنى دىياربەكىردە تاماملىغاندىن كېيىن، "مۈلكىيە ئىدادى" (يەنى، دۆلەتلىك ئوتتۇرا نېخنىمكوم) مەكتىپىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ مەكتەپتە ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز نامىق كامالنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇدى. ئۇ ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئەشۇ كاتا زاتتىن سىڭدۇرگەن ئىدى. ئۇنىڭغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر كىشى ھاسىپ ئەپەندى ئىدى. ئۇ ئەرەپچە ۋە فارىسچە تىللىرىنى ھاسىپ ئەپەندىدىن ئۆگەنگەن ھەمدە فەرابى، ئىبنى سىنا، غەززالى، مۇھيىددىن ئەرابى قاتارلىق ئالىملارنىڭ تەرجىمېھالىرىنى ئوقۇپ، ئۇلارنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئىدى.

         زىيا گۆكئالىپ فىرانسوزچە ئۆگەنگەندىن كېيىن، غەرب ئالىملىرىدىن دارك ھايم، ئالفېرد فۆي، ئوگۇست كانت، تارد، ۋە قەدىمقى يۇنان پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بىلىم دائىرىسىنىمۇ تېخىمۇ كېڭەيتتى. ئۇ تەسەۋۇپقىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى. 

         "مۈلكىيە ئىدادى" (يەنى، دۆلەتلىك ئوتتۇرا نېخنىمكوم) مەكتىپىدىن تېخى تاماملىماي تۇرۇپلا ئايرىلىپ، ئىستانبۇلدا كۈتكۈچىلەر مەكتىپىگە كىردى. بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللاردا سۇلتان 2 ـ ئابدۇلھەمىد ھاكىمىيتىگە قارشى قۇرۇلغان مەخپى ئورگانلار بىلەن ھەمكارلاشتى. كېيىنكى چاغدا ھۆكۈمەتكە قارشى يىغىنلارنى ئاچقانلىقى ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق كىتابلارنى نەشىر قىلغانلىقى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى. بۇ ۋەقە ئۇنىڭ ئوقۇش ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشى بولۇپ قالغان ئىدى. بىراق ئۇ سىياسەت بىلەن ھەپىلىشىشتىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى.  تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ يەنە قايتا قولغا ئېلىنىپ بىر مەزگىل قاماقتا ياتتى. كېيىنچە ئۆي ـ ئوچاقلىق بولدى. تاغىسىدىن قالغان مىراس ئۇنىڭ باياشات تۈرمىشىغا يېتىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنى يېزىقچىلىققا ئاتىدى. ئۇ ئاساسەن دېگۈدەك پەلسەپە ۋە جەمشۇنناسلىق سەھەسىدە كۆپرەك ئەسەر يازدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرى ۋە شىئىرلىرى ھەر خىل گېزىت ـ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى. بۇ جەرياندا سۇلتان 2 ـ ئابدۇل ھەمىد خان ھاكىمىيتىگە قارشى ماقىلىلىرى ۋە شىئىرلىرى نەشىر قىلىنىپ تۇردى. ئۇ 2 ـ مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ دىياربەكىر شۆبىسىنى قۇردى. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتى خىزمەت، يېزىقلچىلىق ۋە جەمئىيەتتىكى ۋەزىپىسى بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتىدىغان بولدى. بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ سەلانىكتە ئۆتكۈزگەن ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان گۆكئالىپ، شۇ پارتىيەنىڭ باش مەركەز ئەزالىقىغا سايلاندى.  گۆكئالىپ يىغىنلاردا ئۆزگىچە پىكىرلىرىنى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياشلار توپلىنىغان ۋە ئۇنىڭ بىلىم، چۈشەنچىسىدىن چۇڭقۇر تەسىر ئالدىغان بولغان ئىدى.

        ئۇ كېيىنچە سەلانىكنى تاشلاپ ئىستانبۇلغا كەلدى ۋە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتېتىنىڭ پىروفېسسورى بولدى. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئىلمىي ماقالە ۋە شىئىرلىرىنى يېزىشنى توختاتمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۇنى تونۇغان ياشلار ئارىسىدا «ئۇستاز» دەپ تونۇلدى. ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىزمىتى 1919 ـ يىلىغا قەدەر داۋام قىلدى.  بۇ جەرياندا ئۆتكەن دەرسلىرى، سۆزلىگەن لېكسىيەلىرى، ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە سۆھبەتلىرى بىلەن «تۈركچىلىك» ئېقىمىنى ھەممىگە تونۇتتى. ئۇ "تۈركچىلىك"نىڭ تىلدا، سەنئەتتە، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ۋە سىياسەتتە قانداق تەتبىقلىنىدىغانلىقىنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتتى.

        زىيا گۆكئالىپ "مۇتارىكە" مەزگىلىدە «ئۇرۇشنىڭ سەۋەپكارلىرى» دەپ كۆرسىتىلگەن بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە مەلۇم مەزگىل قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن، 1919 ـ يىلى ماي ئېيىدا ئىنگىلىزلەر تەرىپىدىن مالتا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى. ئەنقەرە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تەخمىنەن 2 يىل داۋاملاشقان سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئۇ تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە دىيابەكىردە ئورۇنلاشتى.

    *****************************************************

         زىيا گۆكئالىپ، دىياربەكىردىكى مەزگىلدە ھەم چىقارغان ژورنىلى بىلەن، ھەم دەرس ئۆتۈش بىلەن ياشلارغا ئېلىم نۇرى چاچتى. ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت قوللىغۇچىلىرىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ لوزان تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۇنىۋېرسىتېتقا چاقرىتىلغان گۆكئالىپ،   ماددىي قېيىنچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولالمىدى. 1923 ـ يىلى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىگە تەۋە مۇھىم بىر ئورگاننىڭ باشلىقلىقىغا تەيلەندى. ئارقىدىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك سايلىمىدا، ئاتاتۈركنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن دىياربەكىردىن پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلاندى.

         ئەنقەرەدە ئۆتكەن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك خزمەتلەرنى قىلدى. بىر يىل ئىچىدىلا كۈندىلىك گېزىتلەردە دېموكراتىيەنى تەتقىق قىلغان ماقالىلارنى ئېلان قىلغاندىن باشقا يەنە، 4 كىتاب يېزىپ چىقتى. 1924 ـ يىلى  ئۆكتەبىر ئېيىدا تۇيۇخسىز كېسەل بولۇپ قىلىپ، داۋالىنىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا باردى. بىراق داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى ۋە سولتان ئەھمەت قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

        زىيا گۆك ئالىپ، ئۆز خەلقىنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشقان، چېرىپ كەتكەن ئىدىيەلەر بىلەن ئۇيقۇغا كەتكەن رۇھلارنى ئويغۇتۇپ، ھەرىكەتكە سالىدىغان تەڭداشسىز كۈچكە ئايلانغان ئىدى. ئۇ ئوسمانلىچە تۈركچە يېزىقىنى ھازىرقى تۈركچە يېزىقىغا ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدىمۇ بايراقدار بولغان ئىدى. گۆكئالىپنىڭ ھارىزقى تۈركچە بىلەن يازغان شىئىرلىرى دەرھال ئۆزلىشىپ ئەقىللەردىن ئورۇن ئالاتتى.

     

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جەمئىيەتشۇناس , يازغۇچى , شائىر , زىيا گۆكئالىپ , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-31 11:26:13
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 204
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证