نەۋرىلەر
(ساتىرا)
ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ئوقالمىدى نەۋرىلەر .
ھەجىلەپمۇ قۇچقاچتەك چوقالمىدى نەۋرىلەر .
نە ئۈچۈن دەپ سورىغان سوئالىغا دادامنىڭ ،
ساپ ئۇيغۇرچە باھانە توقالمىدى نەۋرىلەر .
"سادىرمەنۇ سادىرمەن "،دادام باقتى ئۈمۈتتە ،
"سادىر بولماي كىمدۇرمەن" ،دېيەلمىدى نەۋرىلەر .
ئاھ، تىلىم دەپ باغاقنى سۆيۈپ كەتتى جان دادام ،
دادام سۆيگەن باغاقنى سۆيەلمىدى نەۋرىلەر .
قانداق ئۇيغۇر بولۇرمىز، ئانا تىلنى بىلمىسەك ،
دادام سوئال ياغدۇردى ، ئۇقالمىدى نەۋرىلەر .
كۆپ تىل بىلىش شەرەپ ئىش ،تىلدىن كېلۇر يۈكسىلىش ،
"ئانا تىلسىز يېزىم -قىش" دېيەلمىدى نەۋرىلەر .
ئاھ مىللىتىم دەپ ئاخىر ، دادام يىغلاپ تاشلىدى .
يىغلاپ تۇرۇپ دادامنى بەزلەلمىدى نەۋرىلەر !
ئون نەۋرىلىك بوپتىمەن ئىككى قىز، بەش ئوغولدىن .
ئالىم ئەمەس ،ئىلاھىم :ئۇيغۇر بولسۇن نەۋرىلەر .