ئادەمدەك ياشا
ماھىرە
ئادەم سەن ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،
ئۆزەڭگە قويمىغىن زىنھار تەمەننا.
كېلىشىڭ نەسەۋەپ كېتىشىڭ قايان،
ئويلىغىن دوستلىرىم غەپلەتتە قالما.
ئادەمسەن ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،
يىيىشىڭ ،ئىچىشىڭ ئەمەستۇر دۇنيا .
كۆرەڭلەپ كىبىردە يۈرسەڭ ئەگەر سەن ،
قالىسەن بىر كۈنى ھەسرەت ئارماندا .
ئادەم سەم ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،
يوللۇرۇڭ قۇد بولسۇن مېھنەت قىل راسا.
مۈشكۈللەر توسسىمۇ ،ۋايسىما ھەرگىز،
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلاپ ھاتەمدەك ياشا .
2011-يىلى 15- ماي