تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ئاتالغۇلارغا ئىزاھ ›› ئىقتىساد ›› 新闻学 – ئاخباراتچىلىق
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13022
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 51
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    新闻学 – ئاخباراتچىلىق



    新闻学ئاخباراتچىلىق

     

    ئاخباراتچىلىق بولسا ئاخبارات ھادىسىلىرى ۋە ئاخبارات خىزمەتلىرىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق ئاخبارات ئىشلىرى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى، مىدىيا ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى، ئاخباراتنىڭ تارىخى، بۈگۈنى شۇنداقلا تەرەققىيات قانۇنىيىتى، ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ باشقۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

      ئاخبارات ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ نەزەرىيە، ئەمەلىيەت ۋە تارىختىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ باشلىنىشىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇش كەچۈرۈش  ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلغان. بۇ خىل ئۇچۇرلار بارغانسېرى ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغان ۋاقىت دەل ئاخباراتچىلىق مەيدانغا كەلگەن مەزگىللەردۇر.

      جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭ يېڭىلىنىشىغا قارىتا تەلىپى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، ئاخباراتنىڭ جەمئىيەتتىكى نوپوزىمۇ كۈنسېرى يۇقىرىلاپ بارماقتا. ئاخبارات ئىشلىرى ئەڭ دەسلەپكى ئاغزاكى تارقىتىشتىن، يازما تارقىتىش، باسما تارقىتىش ، سىمسىز تارقىتىش شۇنداقلا ھازىرقى تېلىۋىزور، رادىئو، تور قاتارلىق زامانىۋىي مىدىيا ۋاستىلىرى ئارقىلىق تارقىتىلىشقىچە بولغان جەريانلاردا، كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بولمىسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

      ئاخبارات ئىلمى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا، ئاخباراتنىڭ تارقىتىشنى يادرو قىلغان ئۇچۇر تارقىتىش ئىشلىرىدىكى رولى بارا-بارا زورايماقتا.

    ئاخباراتچىلىق ئىلمى ئەخلاقىي، ئەقلىي ، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن، زامانغا لايىق، ئاخباراتچىلارغا خاس سەزگۈرلۈك ۋە مىدىيا باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشقا دائىر نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن قۇراللانغان ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە ئىز-باسارلارنى تەربيىلەپ، ئۇلارغا دۆلىتىمىزنىڭ فاڭجىن-سىياسەتلىرى ۋە  ئاخبارات تارقىتىش سىياسەتلىرىنى پۇختا تونۇتۇپ، خەلقئارالىق ئاخبارات سەھنىسىدىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاخباراتچىلىقتا تەربىيىلەنگەنلەر گېزىتخانا، رادىئو-تېلىۋېزىيە ئىستانسسىلىرى ۋە ئاگېنتلىقلارغا يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇخبىر، تەھرىر ۋە ئاخبارات ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىملىرى  بولالايدۇ.

    ئاخباراتچىلىق ئىلمى تار ۋە كەڭ مەنىدىكى ئاخبارات دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كەڭ مەنىدىكى ئاخبارات، ئاخباراتچىلىق تارىخى، ئاخباراتچىلىق نەزەرىيىسى، ئاخباراتچىلىق ئەمەلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تار مەنىدىكى ئاخبارات بولسا ئاساسلىقى ئاخبارات نەزىرىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.

    ئۇچۇر خاراكتېرىنى ئالغان تارقىتىش بىر قانچە مىڭ يىللىغان دەۋرلەر بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەنىدى. يېقىنقى زامان گېزىتچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى كاپىتالىزىمنىڭ فېئودالىزىمنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئاخباراتچىلىقنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى رولىمۇ بارغانسېرى روشەنلەشكەنىدى. دۇنيادا ئەڭ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن باسما گېزىت 1566-يىلى ئىتالىيىدە بارلىققا كەلگەن <ۋېنتسىيە گېزىتى> بولۇپ، 17-ئەسىرنىڭ با شلىرىدا، قەرەلسىز گېزىت ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا كەڭ تارقالغان. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مەخسۇس ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئاخباراتچىلىق كەسپىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. جۇڭگو يېقىنقى زامان  گېزىتچىلىكى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىدىن 200 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 19-ئەسىردە جۇڭگو يېرىم فېئوداللىق يېرىم مۇستەملىكە جەريانىدا، غەرب دىندارلىرى جۇڭگوغا كېلىپ گېزىت تەسسىس قىلغانىدى. جۇڭگو يېقىنقى زامان گېزىتچىلىقىدىكى ئەڭ بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن گېزىت <ئۆرپ-ئادەتنى تەكشۈرگۈچى ئايلىق گېزىت> تۇر. 1911-يىلى يۈز بەرگەن <شىنخەي ئىنقىلابى> دۆلىتىمىزنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مىسلىسىز گۈللىنىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. 1912-يىلىدىكى دۆلىتىمىزدە تەسىس قىلىنغان گېزىتلەرنىڭ سانى 495 كە يېتىپ، 1901-يىلىدىكى گېزىت سانىدىن 4 ھەسسە كۆپەيدى. 1978-يىلى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن، جۇڭگو ئاخباراتچىلىقى يېڭى بىر تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. 1988-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئوچۇق-ئاشكارا تارقىتىلغان گېزىت تۈرلىرى 1628 خىلغا يەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارماق ئاگېنتلىقى 31 گە يېتىپ، ئۇ دۇنيادىكى سەككىز چوڭ ئاگېنتلىقنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.  تەيۋەن ئۆلكىسىدىكى گېزىتلەر 31 خىلغا، كۈندىلىك تارقىتىلىش مىقدارى  3 مىليۇن 500 مىڭغا يەتتى.

      ئاخباراتچىلىق تۈزۈلمىسى دەل بارلىق ئاخبارات پائالىيەتلىرىنىڭ تۈزۈلمىسىدۇر. ئۇ مىدىيا باشقۇرۇشنىڭ ئۇسۇلىنى، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، مىدىيا ۋاستىلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى، كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا بولغان تەشنالىقى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مائارىپ بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى. كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ سانىمۇ كۆپىيىپ باردى، شۇنداق قىلىپ ئاخبارات كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئۇچۇر قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلەردىن بولۇپ قالدى.

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاخباراتچىلىق , ئۇچۇر , ئوقۇرمەنلەر , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-27 18:53:56
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 102
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证