تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› ساغلاملىق ۋە پىسخولوگىيە ›› مىدىتسىنا ۋە ساغلاملىق ›› 10ياشقا تولمىغان بالىلار پەرھىز تۇتۇشقا تېگىلشىك يېمەكلىكلەر
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12887
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 131
    باھا يازما سانى : 12
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    10ياشقا تولمىغان بالىلار پەرھىز تۇتۇشقا تېگىلشىك يېمەكلىكلەر



     

     

    10ياشقا تولمىغان بالىلار پەرھىز تۇتۇشقا تېگىلشىك يېمەكلىكلەر

     

         ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىلىرى جەريانىدا پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان .

         1. ئۈچ ئايلىق بولمىغان بۇۋاق تۇز ئېستىمال قىلسا بولمايدۇ.

    ئۈچ ئايلىق ئىچىدىكى بۇۋاقلار تۇزغا ئىھتىياجلىق بولمايدۇ،بەلكى ئاناسۈتى ۋە كالاسۈتى قاتارلىقلاردىن قۇبۇل قىلىدىغان تۇز مىقدارى يېتىپ- ئاشىدۇ.ئۈچ ئايدىن كېيىن تۇزغا بولغان ئىھتىياجى ئاز-ئازدىن ئىشىپ ماڭىدۇ.ئالتە ئايلىق بولغاندىن كېيىن بۇۋاقنىڭ ھەركۈندىكى يېمەكلىدىكى تۇز مىقدارى 1گېرام ئەتىراپىدا كونتۇرۇل قىلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

         2. بىر ياشقا توشمىغان بالىغا ھەسەل بىرىشكە بولمايدۇ

    يىشىغا تولمىغان بالىلارنىڭ ئۈچەي يوللىرىنىڭ ئىچىدە ئاكتىپ زەمبۇرۇغلار يېتىلىپ بولمىغان بولۇپ، ھەسەل ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن ئاسانلا يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇپ، كۆڭلى ئېلىشش، قۇسۇش،،ئىچى سۈرۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.بالىلار بىرياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئۇچەي يوللىرىدىكى ئاكتىپ زەمبۇرۇغلار پەيدىن –پەي يېتىلىشكە باشلايدۇ ،ئاندىن نۇرمال مىقداردا ھەسەل ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
          3. ئۈچ ياشقا تولمىغان بالىغا چاي ئىچۇرۇشكە بولمايدۇ.

    چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدە مول مىقدارداتاننىن كىسلاتاسى باربولۇپ ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ يېمەكلىكلەردىن ئاقسىل قۇبۇل قىلىشغا تەسىر كۆرسىتىدۇ،ئۇندىن باشقا كالتسىي ،سىنىك ،تۆمۇرماددىلىرىنىڭ سۈمۈرۇلىشىگىمۇ پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ بالىلارنىڭ نۇرمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز ئامىللارنى ئىلىپ كىلىدۇ.
    يۇقارقىلاردىن باشقا چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى كوفىين ئىنتايىن كۈچلۇك روھلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بۇ ياشتىكى بالىلاردا ئۇششاق ھەرىكىتى كۆپ بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ.

          4. بەش ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن بالىلار قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرىنى ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ

    بەش ياشقىچە بولغان مەزگىلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلار، قۇۋۋەت يېمەكلىكلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ھورمۇن ياكى ھورمۇن تېپىدىكى ماددىلار بولىدۇ،بۇلار سۆڭەكنىڭ ئۆسۇش قىسمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تورمۇزلاپ،سۆڭەكنىڭ ئۆسۇش ۋاقتىنى قىسقارتىۋىتىدۇ ،نەتىجىدە بالىلاردا بويى ئۆسمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۇلۇشتىن سىرت ،ھورمۇننىڭ تەسىرىدە بالىلاردا بالدۇر يېتىلىپ كېتىش غەيرى ئەھۋاللار كۆرۇلىدۇ.
    يۇقارقىلاردىن باشقا بۇۋاقلارغا كۆپ مىقداردا قۇۋۋەت يىمەكلىكلىرىنى تولۇقلىغاندا ،چىش مىلىكى قاناش، چاڭقاقلىق، قەۋزىيەت، قان بىسىمى ئۆرلەش،قورساق كۆپۇش قاتارلىق كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.

         5. ئون ياشقا تولمىغان بالىلارتۇزغا چىلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستمال قىلسا بولمايدۇ

    بۇنىڭ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەبى بار :
    بىرىنچى . تۇزغا چىلانغا يېمەكلىلەر (تۇزلانغان بىلىق،تۇزلانغان گۆش،تۇزلانغان كۆكتاتلار،…) لەردە تۇز مىقدارى زىيارە كۆپ،بۇنداق يېمەكلىلەر بالىلاردا ئاسانلا يۇقىرى قان بىسىمى كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
          ئىككىنچى.تۇزغاچىلانغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نىترىدئوئىدبار بولۇپ ،ئۇ ۋە ئافلاتوكسىن ،فېنىل ئانىن ئۈچى دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئۈچ چوڭ راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلاردۇر. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللاردىن كۆرۇۋىلىشقا بولۇدىكى ئون ياشقا تولماي تۇرۇپ تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ئادەتلەتلەندۈرگەن بالىنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن راك كىسىلىگە گىرىپدار بولۇش نسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ،بولۇپمۇ يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولىدۇ.

     


    مەنبە: ۋەتەن تور خاتىرىسى http://weten.me/

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : - , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-27 11:36:13
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 797
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证