تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Tursunay
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 0
    314337031@qq.com

    يازما سانى : 0
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2012-7-15 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    سىز سۆيىدىغان ئايال كىم؟



     

    سىز  سۆيىدىغان ئايال كىم؟



    قاراڭغۇ  تۈن. چېركاۋنىڭ تۆۋبىخانىسىدا بىر ئەر يۈكۈنۈپ تۆۋبە قىلىۋاتاتتى....
    ........
    ـــ ئىي پەرۋەردىگارىم، مەن بىر توي قىلغان ئەر، ئەمما مەن باشقا بىر ئايالنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم...
    ـــ سىز ھازىر ياخشى كۆرۈپ قالغان ئاشۇ ئايالنى ھاياتىمدىكى بىردىن -بىر ۋە شۇنداقلا ئاداققى  سۆيگىنىم دەپ جەزىملەشتۈرەلەمسىز؟
    ـــ شۇنداق.
    ـــ ئەمىسە ئاجرىشىپ كېتىپ، ئاشۇ ئايالنى ئېلىڭ.
    ـــ بىراق، ھازىرقى ئايالىممۇ شۇنداق مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل، ئىشچان ئايال ئىدى... مەن بۇنداق قىلسام ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك ياكى ئەخلاقسىزلىق بوپ قالارمۇ؟
    ـــ نىكاھدا مۇھەببەت بولماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ ئادالەتسىزلىك ھەم ئەخلاقسىزلىق! سىز ھازىرقى ئايالىڭىزنى ياخشى كۆرمىسىڭىز؟ سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزمۇتلەق توغرا!
    ـــ بىراق ئايالىم مېنى سۆيەتتى.... بەكلا...
    ـــ ئۇ پەقەتلا ئايالىڭىزنىڭ بەختى.
    ـــ مەن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلسام... ئۇ بەكمۇ ئازابلىنىشى مۈمكىن. ئۇنى قانداقمۇ بەختلىك دېگىلى بولسۇن....
    ـــ نىكاھدا ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى بار، ئەمما سىز نىكاھدا مۇھەببەتتىن ئايرىلىپ قالدىڭىز، چۈنكى سىز باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز... "ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بەخت، يوقۇتۇش ئازاب." دەپ ئاڭلىمىغانمۇ؟ شۇڭلاشقا ئازابلىنىدىغىنى سىز بولۇشىڭىز كېرەك.
    ـــ ئەمما،  مەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلسام، يوقاتقىنى ئۇ بولۇشى ، ئازابلىنىدىغىنىمۇ ئۇ بولۇشى كېرەكقۇ؟
    ـــ خاتالاشتىڭىز، سىز پەقەت  نىكاھىڭلاردىكى سۆيۈلگۈچى ئوبيېكت. سىز يوق بولغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ سۆيگۈسى مۇقەررەركى باشقا بىرىگە بېغىشلانغان بولاتتى. ئايالىڭىز ھېلىھەم ئەنە شۇ سۆيگۈسىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق، شۇڭلاشقا بەختلىكى ئۇ، بەختسىزى سىز بولۇشىڭىز كېرەك.
    ـــ ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا بىر مېنىلا سۆيىدىغانلىقىنى دېگەن، مېنىڭچە ئۇ سۆيگۈسىنى باشقىلارغا بېغىشلىيالمايدۇ...
    ـــ بۇنداق گەپلەرنى سىزمۇ دېگەن بولغىيتىڭىز؟
    ـــ مەن......
    ـــ سىز ئاۋۇ ئۈستەلدىكى 3 تال شامغا قاراڭ. قايسىسى بەكرەك يورۇقكەن؟ 
    ـــ بىلەلمىدىمغۇ؟ ھەممىسىلا ئوخشاشتەك؟
    ـــ ئەشۇ 3 تال شامنى 3 ئايالغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، سىز پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز خالاس. سىز ئەشۇ 3 تال شامنىڭ ئىچىدىن ئوخشىمايدىغان، يورۇقراق بىرىنى تاپالمىدىڭىز يەنى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئايالنى تاپالمىدىڭىز دېگەن گەپ. ئەجىبا سىز نەچچە مىليون ئايالنىڭ ئىچىدىن ئاشۇ ئايالنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھاياتىڭىزدىكى بىردىن-بىر ھەم ئاداققى سۆيگىنىڭىز ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلدىڭىز؟
    ـــ مەن.........
    ـــ سىز ھازىر ئەشۇ شاملارنىڭ  بىرىنى ئەكىلىپ ئالدىڭىزغا قويۇڭ ۋە دىققەت قىلىڭ، قايسىسى بەكرەك يورۇقكىن.
    ـــ ئەلۋەتتە مۇشۇ ئالدىمدىكىسى يورۇق كۆرۈنىدۇ-دە؟
    ـــ ئەمىسە ئۇنى ئەسلى جايىغا قويۇپ قويۇپ، ئاندىن يەنە قاراپ بېقىڭ...
    ـــ مەن يەنىلا قايسىسىنىڭ بەكرەك يورۇق ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمىدىم...
    ـــ ئەمەلىيەتتە، بايا سىز قولىڭىزغا ئالغىنىڭىزنى سىز ھازىر ياخشى كۆرۈپ قالغان ئايال دېيىشكە بولىدۇ. مۇھەببەت يۈرەكتىن تۇغۇلىدۇ دېگەن گەپ بار، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان چېغىڭىزدا، ئۇنى كۆزىڭىز بىلەن ئەمەس يۈرىكىڭىز بىلەن كۈزىتىسىز ھەم ئۇنىڭ ھەممىدىن يورۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز... ئەسلى جايىغا قويۇپ قويغاندا بولسا ئۇنىڭ باشقا شاملارغا ئوخشاشلا ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇنداقتا سىزنىڭ بىردىن-بىر، ئاداققى سۆيگىنىڭىز زادى نېمە؟
    ـــ ..... بىلدىم. سىز ئاجراشماڭ دېمەكچى شۇنداقمۇ؟
    ـــ بىلگەن بولسىڭىز دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. قايتسىڭىز بولىدۇ.
    ـــ مەن ھازىر كىمنى ھەممىدىن بەكرەك سۆيۈش كېرەكلىكىنى بىلدىم. ئۇ دەل مېنىڭ ھازىرقى ئايالىم ئىكەن.
    ـــ پەرۋەردىگار سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي~ ئامىن~!
    ـــ ئامىن~

    مەنبە:يەتتە قىز تورى



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : - , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-27 11:18:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 1 كۆزىتىش : 992
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证