تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    halisa
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13022
    115170089@qq.com

    يازما سانى : 51
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-5-20 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    心理学 – پىسخولوگىيە



     

    心理学– پىسخولوگىيە

     

      پىسخولوگىيە ئىنىگلىزتىلىدا Psychologyدەپ ئاتىلىىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەم ۋە ھايۋانلاردىكى پىسخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىياتى ۋە پائالىيەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدۇر. پىسخولوگىيە ھەم ھايۋاناتلارنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىنى ھەم ئادەملەرنىڭ پىسخىكىلىق پائالىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەمما بۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدە ئادەملەرنىڭ پىسخىكىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا پىسخولوگىيىنى بىز ئومۇملاشتۇرۇپ پىسخىكىلىق ھادىسە ۋە پىسخىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم دەپ ئاتايمىز.

      پىسخولوگىيە سۆزى گىرىتسىيە تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، روھقا مۇناسىۋەتلىك ئىلىم دېگەن مەنىگە ئىگە. روھ دېگەن سۆزنىڭ گىرىتسىيە تىلىدا يەنە گاز جىسىم ياكى نەپەس ئېلىش دېگەن مەنىلەرىمۇ بار، چۈنكى قەدىمكى كىشىلەر ھاياتلىق نەپەستە، نەپەس توختىغان ھامان ھاياتلىقمۇ ئاخىرلىشىدۇ دەپ ھېسابلايتتى. دېمەك ئۇلار پىسخولوگىيىنى شۇنچىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئىدى. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ پىسخولوگىيىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى روھتىن قەلبكە قاراپ ئۆزگەردى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىلا، مائارىپشۇناس خېربات پىسخولوگىيىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇستەقىل پەن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ھالبۇكى، بۇنىڭدىن بۇرۇن پىسخولوگىيە ۋە پىداگوگىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پەلسەپە كاتىگورىيىسىدىكى پەنلەر دەپ قارىلاتتى. ئىلمىي بولغان پىسخولوگىيە پىسخىك ھادىسىلەرگە قارىتا ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپلا قالماي، يەنە ئەڭ مۇھىمى پىسخىك ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىش قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

    بىز يۇقىرىدا  پىسخولوگىيەنى كىشىلەر ئېلىپ بارغان پىسخىك پائالىيەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دەپ ئۆتكەنىدۇق، پىسخىكىشۇناسلار ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق، ۋاستىلىك ھالدا كىشىلەرنىڭ سېزىم، ھېسيات، دىققەت، ئەستە تۇتۇش، تەپەككۇر، ئىدراك ۋە تەسەۋۋۇر قاتارلىق پىسخىك جەريانلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقلىرى بارلىقىنى، نېمىشقا شۇنداق پەرقلەر پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ مەقسەت، ئىقتىدار، سالاپەت ۋە خاراكتېر قاتارلىق خاسلىقلىرىنى كۈزىتىدۇ ۋە تەھلىل قىلىدۇ، ھەمدە مۇشۇ خىل قانۇنىيەتلەر ئارقىلىق، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىنى تېخى ئەتراپلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

      پىسخولوگىيە زادى ئىجتىمائىي پەنگە تەۋەمۇ ياكى تەبىئىي پەنگە تەۋەمۇ، دېگەن مەسىلىگە قارىتا ھەر خىل كۆز-قاراشلار مەۋجۇت، چۈنكى پىسخولوگىيە ھەم تەبىئىي پەنلەرگە خاس ئالاھىدىلىككە ھەم ئىجتىمائىي پەنلەرگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. چۈنكى ئاساسىي پىسخولوگىيە تەبىئىي پەن كاتىگورىيىسىگە، قوللىنىشچان پىسخولوگىيە بولسا ئىجتىمائىي پەنلەر كاتىگورىيىسىگە كىرىدىغان بولغاچقا، پىسخولوگىيە ئارىلىقتىكى پەن دەپ قارىلىدۇ.

      پىسخولوگىيە روھنى ئاساس قىلغان، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ مەزمۇنى ۋە تەتقىق قىلىش ئوبيېكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن مائارىپ پىسخولوگىيىسى، تەجرىبە پىسخولوگىيىسى، جىنىسىي پىسخولوگىيە، تىببىي پىسخولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت پىسخولوگىيىسى، تونۇش پىسخولوگىيىسى، ئادىمىيلىك پىسخولوگىيىسى، ھەربىي ئىشلار پىسخولوگىيىسى، جىنايەت پىسخولوگىيىسى، سىتاتىستىكا پىسخولوگىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

      پىسخولوگىيىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى دېگىنىمىز، پىسخىكىلىق ھادىسىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا قوللانغان ھەر خىل ئۇسۇل ۋە ۋاستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئۈسكۈنە ۋە قۇراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى دەل پىسخولوگىيىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلىغا كىرىدۇ. پىسخولوگىيىنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقلىرىدىن، تەجرىبە ئۇسۇلى، كۈزىتىش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئارخىپ ئۇسۇللىرى بار.

      ھەممىمىزگە ئايان، پىسخولوگىيىنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ بولۇپ، ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارغانسېرى روشەنلىشىپ، قوللىنىلىش دائىرىسى بارغانسېرى زورايماقتا. پىسخىكىشۇناسلار پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە مائارىپ، مېدىتسىنا، سانائەت، سودا، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ.تۆۋەندە بىز پىسخولوگىيىنىڭ بىر قانچە قوللىنىلىش ساھەلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

    1.  مائارىپ پىسخولوگىيىسى

    مائارىپ پىسخولوگىيىسى ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن پىسخىكىلىق ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ مائارىپ بىلەن پىسخولوگىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پىسخولوگىيىنىڭ تەتقىقات مېۋىلىرىنى مائارىپ ساھەسىگە ئىشلىتىپ، مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشىدۇ.

    1.  مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسى

    مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسى كېسەللىك ۋە ساغلاملىققا دائىر بولغان پىسخىكىلىق تەتقىقات بولۇپ، پىسخولوگىيىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، داۋالاش ئىشلىرىدىكى دوختۇر-سېستىرالارنىڭ بىمارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.

    1.  سانائەت پىسخولوگىيىسى

    سانائەت پىسخولوگىيىسى دېگىنىمىز، زامانىۋىي سانائەتتىكى ئادەم بىلەن ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق پىسخولوگىيە بولۇپ، ئۇ قۇرۇلۇش لاھىيىسىدە ماشىنىنى ئادەم ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۈرتكە بولىدۇ.

    1.  جىنايەت پىسخولوگىيىسى

    ئۇ مەخسۇس جىنايەتچىلەرنىڭ ئىرادىسى، تەپەككۇرى، ئىدىيىسى ۋە غەرەز-مەقسەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن بولۇپ، ئۇ ئاساسلىق جىنايى قىلمىشنىڭ شەكىللىنىش جەريانى مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ، جىنايى قىلمىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.

    1.  ھەربىي ئىشلار پىسخولوگىيىسى

    ئۇ ئادەملەرنىڭ ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدىكى پىسخىكىلىق ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئاساسلىقى ھەربىيلەرنىڭ تاللىنىشى ۋە گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىشى، ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى ۋە قۇرال ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش جەريانى، ھەربىي ئىشلار پەيدا قىلغان ھەر خىل پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر، پىسخىكىلىق تاكتىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پىسخولوگىيە , روھ , تەجرىبە , كۈزىتىش , _
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-26 18:41:49
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 124
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证