تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    Hechkim
    ئادمىرال
    دەرىجىسى : 1
    جۇغلانما نۇمۇر : 15041
    abdurehim@qarluq.com
    0
    يازما سانى : 38
    باھا يازما سانى : 1
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-11-29 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھازىرقى بالىلار كارامەت (01)



     

    بىرىنچى مەكتۇب

    ساۋاقدىشىم ئەخمەت:

     

    سەن بىلەن داۋاملىق خەت يېزىشىپ تۇرۇشقا ۋەدىلەشكەندە، سەن ماڭا ئىشەنمەي "ئەنقەرەگە بارغاندا يېڭى دوستلارنى تېپىۋالارسەن، بىزنى ئۇنتۇپ كېتەرسەن زەينەپ" دېگەندىڭ. مانا، سىلەرنى زادى ئۇنتۇمىدىم، ۋەدەمدە تۇردۇم.

     

    ئەنقەرەدىكى ئۆيىمىزگە ئورۇنلاشقىنىمىزغا بىر ھەپتە بولدى. ساڭا بالدۇرراق خەت يازالمىدىم. چۈنكى، بۇيەردە مەكتەپكە يېڭى يېزىلدىم. يېڭى ئۆيىمىزنىڭ ئادرېسىنى دادامدىن تۈنۈگۈن سوراپ، بۈگۈن بىرىنچى بولۇپ ساڭا بۇ خەتنىيازدىم.

     

    ئوقۇش مەۋسۇمى ئوتتۇرىسىدا ئىستانبۇلدىكى مەكتىپىمدىن زادى ئايرىلغۇم يوق ئىدى، تۆت يىلدىن ئارتۇق بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمدىنمۇ ئايرىلغۇم كەلمەيتى، بىراق دادامنىڭ يېڭى خىزمىتى ئەنقەرەدە بولۇپ قالدى. ئىستانبۇلدىكى ۋاقتىمدا مەن ساڭا ئېيتقان دادامنىڭ يېقىن دوستلىرى ئۇنى بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى بىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. دادام ئۈچ دوستى بىلەن بىللە بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار بىلەن بىر بىنادا ئولتۇرىمىز. دادامنىڭ دوستلىرى دادامغا ھەم ئەنقەرەدىن ئىش تېپىپ بەردى ھەم ئۆزلىرى ئولتۇرىدىغان بىنادىن ئۆي تېپىپ بەردى. دادامنىڭ ئۈچىلى دوستىنىڭ بالىلىرى بار، ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇيمىز. ئىنىم مەتىن يېڭى مەكتىپى بىلەن يېڭى ساۋاقداشلىرىغا تېخى كۆنەلمىدى. مەن بۇ يەرنى زادى يات كۆرمىدىم.

     

    بىز بىر-بىرىمىزگە بېشىمىزدىن ئۆتكەن مۇھىم ۋەقەلەرنى يېزىشقا ۋەدىلەشكەنىدۇق. يېڭى ئۆيگە كۆچۈش، يېڭى مەكتەپكە كىرىش، يېڭى ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشۇش خېلىلا مۇھىم ئىش ئىكەن. ھازىرچە بۇلاردىن باشقا يېزىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم ئىش چىقمىدى. ئىستانبۇلدىكى ساۋاقداشلىرىمنى بەكمۇ سېغىندىم. سىلەر بىلەن بەلكىم قەيەردە قاچاندۇ كۆرۈشۈپ قالارمىز.

     

    سېنىڭمۇ ۋەدەڭدە تۇرۇپ خەت يېزىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممە ساۋاقداشلارغا سالام يوللايمەن، ھەممىڭلارغا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمەن.

     

    ساۋاقدىشىڭ: زەينەپ يالقىر

    1963- يىلى 12- نويابىر، ئەنقەرە.

     

    مۇندەرىجىگە قايتىش



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ھازىرقى بالىلار كارامەت , ئەزىز نەسىن
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-23 23:04:09
    تەھرىر : Hechkim
    باھا : 0 كۆزىتىش : 303
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证