تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› سىگانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى

    Tursunay
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12887
    zaytunxehi@126.com

    يازما سانى : 131
    باھا يازما سانى : 12
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-15 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    سىگانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى

       سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت بولۇپ 2010-يىلىدىكى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بايانىغا قارىغاندا دۇنيادا تەخمىنەن 10مىلىيۇن ئۆپچۆرىسىدە، ياۋروپادا تەخمىنەن 5مىلىيۇن ئۆپچۆرىسىدە سىگان بار ئىكەن. ئەمما سىگانلار تەشكىلاتى دۇنيادا 30مىلىيۇن، ياۋروپادا 15مىلىيۇن سىگان بار دەپ قارايدۇ. سىگانلار شەرقى ياۋروپادا روما، جەنۇبى ياۋروپادا كالې دەپ ئاتىلىدۇ، سابىق ئوسمان ئىمپىرىيىسى زىمىنىدا ياشىغان بىر قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەندىن باشقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىپتىدائى دىنىغا، ياكى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خىرىستان دىنىنىڭ مەزھەبلىرىگە ئىشىنىدۇ. 500مىڭدىن ئارتۇق سىگان ئولتۇراقلاشقان فرانسىيە، رومىنىيە، ۋېنگىرىيە، ئىسپانىيە، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەر ھەتتا ئۆز دۆلىتىدە سىگان ئاتلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلىپ ئۇلارنى پەقەت تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىسيىسىدىكى كىشىلەر توپى دەپ قارايدۇ.

       سىگان تىلى ئاللىبۇرۇن شالغۇتلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلى شۇ جايدىكى سىگان تىلى لېكسىكىسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي ئاساسەن شەرقى ياۋروپادىكى  تەخمىنەن 2مىلىيۇندىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسى ھىندى-ئىران تىل ئائىلىسى، ئىندى ئارىيان تىل ئائىلىسىگە تەۋە سىگان تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

      ئەسلى يۇرتى ھىندىستان پاكىتان چېگرىسىدىكى راجاستان بولغان سىگانلار مىلادى 5_ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ پەنجاپقا كەلگەن، مىلادى 10-ئەسىردىن كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى قوشۇنلىرىنىڭ قەتلىئامىغا ئۇچراپ  ئۇزۇن يول بېسىپ ياۋروپانىڭ شەرقى دەرۋازىسى بولغان شەرقى رىم ئىمپىرىيىسىگە بېقىنغان ۋە تەدرىجى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. سىگانلارنىڭ ياۋروپادىكى نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن. «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى ئوغرى، مەينەت، ھۇرۇن دەپ سۈپەتلىگەن. سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ.

      مىللەتچىلىك باش كۆتەرگەن 15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغرىلۇق ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن دۆلەتتىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2- دەرىجىلىك پۇقرا. ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ 2010-يىلىدىكى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى.

         بىراق سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ. سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى شەرەپلىك دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.
     
          ئۇلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن، ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش. قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا.     سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسىدۇر.

    ماقالە ئەسلى مەنبەسى : kangsay tori 
     
    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سىگان , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-23 12:44:40
    تەھرىر : admiral
    باھا : 0 كۆزىتىش : 598
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证