ئادىل تۇنىياز
(6)
قەشقەر ____
تېرەكتىكى شەھەر ،
سايىسىدا بىر تۇرغان قەشقەر .
بودەك چوكاننىڭ ئالدىدا زەرگەر
سەرلىمەكتە ئالتۇن زەنجىرنى .
چوغدانغا سېلىپ ، قىزىتىپ ئېلىپ
سوغ سۇغا سالدى ، سۇدا زەر قالدى .
گىژىلدار چىۋىن ، قارا ، يېشىل باش
گۆش چانىماقتا شاپ بۇرۇت قاسساپ .
پاخلان دەپ ساتتى ئۆچكە گۆشىنى
گۆش ئالغۇچىمۇ ئىدى بىر كاززاپ .
ھەسەل يۇقى ھەسەلچى قولى ،
كوزىلارغا شېكەر ققوشۇپ ئۇ
ساپ ھەسەل دەپ ساتار بۇ ئىشنىڭ يولى .
ياش يۇمغاقسۈتنى سېسىقى بىلەن
بىر باغلاپ ساتار كۆكتاتچى لىۋەن .
بىر پۇتى تڭىق دىۋانە دەيدۇ ،
زەرداردەك كىيىپ ، ئاقسىماي بېرىپ
بەزمىخانىدا كەچتە گۆش يەيدۇ .
سەكسەن خالتا
چۈچۈكبۇيا جىڭلاپ بەرمەكتە
تارازىسىنىڭ تەڭشىكى خفتا .
قولىدا كىتاب ، يۈزىدە نىقاب ،
بىرزات بىزلەرگە قىلماقتا خىتاب .
ئاندىن يۈزلەندى بىر قارا توپقا
يۈزلىرىدە باشقا بىر نىقاب .
كۆزلىرى قىزارغان ئىككى ياش بالا
كۆۋرۈك ئاستىدا ئاق چېكەر راسا .
قارا داۋزىغا ماڭدى بىر كىشى
ئايغاقچىلىق ، قەسىت قىلىش ئىشى .
سەككىز ئايلىق بولغان بىر بوۋاق
ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا
قورقۇنىچتىن كەتتى تىپىرلاپ .
چىقتى سوتتىن بىر يېشىل ئۆلۈك .
ئۈچ كۆزلۈك بوۋاق دۇنياغا كەلدى .
تىكلەندى بازارنىڭ كىندىكىگە
پاھىشىنىڭ ئالتۇن ھەيكىلى .
كەتتى ئوغلى
دادىسىنىڭ جەسىتىنى
تۆت كوچىغا تاشلاپ قويۇپ .
بىنالاردىن ئۇچۇپ چۈشكەن قاغىلار
يېمەكتە ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇپ .
كىلون ئادەم تەختكە چىقتى .
ئۆپكىسى يوق بېلىق ماي يولدا چاپماقتا ،
بىر ئەمچەكلىك قۇشناچىم شولا چاچماقتا .
مىراخور ئۆلمىدى .
ئات قايتىپ كەلدى .
پادىشاھ ھاڭ-تاڭ بولۇپ مۇنەججىمنى چاقىردى .
تېرە كىتابىنى ئېچىپ ئوقۇغانسىرى مۇنەججىمنىڭ چىرايىدا قان قالمىدى .
ئاسمان بۇرجىدىكى يۇلتۇزلارغا نەزەر تاشلاپ پۇت-قولىدا جان قالمىدى .
-نېمە بولسا ئېيتىۋەر ،-دەپ ئەمىر قىلدى پادىشاھ زەئىپ ئاۋازدا .
-خەۋپ-خەتەر قىل ئۈستىدە تۇرۇپتۇ ، يەر يۈزىدە ئادەمزات قالمايدىكەن ...
قەشقەرــ
سامادىكى شەھەر ،
بىز ماڭغان كوچا ـــــ
ئالەمدىكى يول .
« دېڭىزدىكى كوچا » دىن ئېلىندى