تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› سىياسى شەخسلەر ›› قىتان خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    قىتان خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار



      

    قىتانق

    قق

    قىتان خانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار  

     

    يۈسۈپجان ياسىن

     

    مەنبەسى ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ژورنىلى، 2008-يىلى،12-سان.

     

    مانجۇ -- توڭگۇس تىللىق خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان قىتانلار ئەسلىدە لىياۋخې دەرياسى بويلىرىدا ياشايتتى. ئۇلار مىلادى 10- ئەسىردە قۇدرەتلىك بىر سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئىلگىرى-- كېيىن بولۇپ ئاۋارلار، كۆكتۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھإكۈمرانلىقىدا بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇلار بۇ مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچراپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا زور يۈكسىلىش بولغان، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ساھەسىدە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشى قىتانلاردا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئالاھىدە يېقىنچىلىق مۇناسىۋىتى پەيدا قىلغان. شۇڭا، مىلادى 840- يىلى ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندا، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى قىتانلار ئارىسىغا قېچىپ بارغان، ئۇلار قىتانلارنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە ئىرىشكەن. بۇ ۋەقەدىن بۇرۇنمۇ، يەنى ئۇيغۇر خانلىقى سەلتەنەت سۈرىۋاتقان مەزگىللەردە قىتانلارغا نازارەتچى ئەمەلدار سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن تۇدۇنلار بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ يېرىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئارىلىشىپ ياشىغان. دېمەك، قىتانلار مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇشتىن بۇرۇنلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. مانا شۇ ئۇيغۇرلار تارىختا ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ باش كۆتۈرىشى، قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى، مۇستەھكەملىنىشى ۋە گۈللىنىشىدە زور رول ئوينىغان. قىتانلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسىدىن سۆز ئېچىلغاندا، ھەممىدىن ئاۋۋال شۈلۈگ ئۇرۇغى تىلغا ئېلىنىدۇ.

    جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى تىياتىرى ۋە خەلق قىسسىسى <<ياڭ ئائىلىسىنىڭ پالۋانلىرى>>دا  شياۋ فامىلىلىك بىر خانىش سۆزلىنىدۇ. تارىختا بۇ خانىش چىڭتيەن خانىش دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى لياۋ شىڭزۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت(983-1031) قىتان خانلىقى گۈللىنىپ ئەڭ قۇدرەت تاپقان مەزگىل ھېساپلىنىدۇ. قىتان خانلىقى سەلتەنەت سۈرگەن 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت جەرىيانىدا ئۇنىڭغا ئوخشاش خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقىنى تۇتقانلاردىن جەمئىي شياۋ فامىلىلىك ئۈچ خانىش ئۆتكەن. ئۇلار چىڭتيەن خانىش، قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاجايىپ زور رول ئوينىغان چۈنچىن خانىش ۋە چىنئەي خانىشلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۈچ خانىشنىڭ ئەجدادى قىتانلاردىن بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلاردىن ئىدى. بۇ توغرىسىدا <<قىتان تارىخى، خانىشلار تەزكىرىسى>>دە :<<تەيزۇنىڭ خانىشى چۈنچىن شۈلۈگ ئۇرۇغىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇرلاردىن بولغان نوسىل دېگەن كىشى ئىدى>> دېيىلسە، <<قىتان تارىخى، شىرەم تۇغقانلار تەزكىرىسى>>دە: <<شۈلۈگ ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن بولغان نوسىل دېگەن كىشىنىڭ ئەۋلادى ئىدى>> دېيىلگەن. مانا بۇ پاكىتلار شۈلۈگ ئۇرۇغىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئۇرۇغى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

    كېيىن شۈلۈگ خانىش-- چۈنچىن خانىشنىڭ جيەنى شياۋخەنگە قىتان خانلىقىنىڭ پادىشاھى ياللۇغ دېگۇاڭ(تەيزۇڭ) تەرىپىدىن ئاشۇ نام تارتۇقلانغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇنىڭدىن باشلاپ فامىلىسىنى <<شياۋ>>غا ئۆزگەرتكەن. <<قىتان تارىخى، شىرەم تۇغقانلار تەزكىرىسى>>دە دېيىلىشىچە، قىتانلارنىڭ ياللۇغ ئۇرۇغى ئەسلىدە بالى ۋە يىش ئۇرۇغىدىن نىكاھلىناتتى. كېيىن ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ شۈلۈگ خانىشقا ئۆيلىنىشى بىلەن ئۇلارغا قۇدا -- باجىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغان يېڭى بىر ئۇرۇغ قوشۇلغان. مىلادى 947- يىلى شۈلۈگ ئۇرۇغى ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى شياۋغا ئۆزگەرتكەن. شۇنىڭ بىلەن قىتانلار تارىخىدا بالى، يىش ۋە شۈلۈگ ئۇرۇغى بىرلەشتۈرۈلۈپ، <<شياۋ فامىلىلىكلەر>> دەپ ئاتالغان.

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى بولغان مانا شۇ شۈلۈگ ئۇرۇغىدىكىلەرنىڭ قىتان خانلىقىنىڭ تارىخىدا ئوينىغان مۇھىم رولى ۋە تۆھپىلىرى تارىخىي مەنبەلەردە تەپسىلى خاتىرىلەنگەن. شۇ مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ خانىشى شۈلۈگنىڭ تۈزگەن تەدبىر -- چارىلىرى قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش يولىدىكى چوڭ توسالغۇلارنى پۈتۈنلەي سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قىتان تارىخىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىغا ئاساس سالغان.

    قىتانلار ئەسلىدە سەككىز قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، مىلادى 10- ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە تۆرە قەبىلىسى تىز كۈچەيگەن. بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقى ياللۇغ ئاباۋجى 400 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ، قىتانلارنى بىرلەشتۈرۈپ كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرۇش يولىغا ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا يەتتە قەبىلە بىرلىشىپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققان. ياللۇغ ئاباۋجى ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى بىر قانچە قېتىم باستۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان ھۇجۇمى ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەلىپىگە قوشۇلۇشقا مەجبۇر بولغان. مۇشۇنداق جىددى پەيتتە ئۇنىڭ خانىشى شۈلۈگ بىر پىلان تۈزۈپ چىققان. بۇ پىلان بويىچە ياللۇغ ئاباۋجى يەتتە قەبىلىنىڭ باشلىقىنى زىياپەتكە چاقىرغان ۋە زىياپەت سورىنىدا ئۇلارنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ ۋەقە مىلادى 915- يىلى يۈز بەرگەن. شۇنداق قىلىپ خانىش شۈلۈگنىڭ كۆرسەتكەن پىلانى بويىچە ياللۇغ ئاباۋجى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئاخىرقى توسالغۇلارنى تەلتۈكۈس يوقىتىپ، مىلادى 916-يىلى قىتان خانلىقىنى قۇرغان.

    خانىش شۈلۈگ ناھايىتى ئەقىللىق ۋە چارە-- تەدبىر تۈزۈشكە ماھىر ئايال بولغاچقا، ئۇ پادىشاھ ياللۇغ ئاباۋجى بىلەن بىرلىكتە  دإلەتنى ئىدار قىلىشقا ئارىلاشقان ئىدى.  ئاباۋجىنىڭ ئاساسلىق مەسلىھەتچىسى خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان خەن يەنۋېي دېگەن كىشى بولۇپ، ئۇ خانىش شۈلۈگنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئاشۇ ئورۇنغا قويۇلغان ئىدى. خانىش يەنە ئۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ پىشقان ئايال قوماندان ئىدى. ياللۇغ ئاباۋجى غەرپتىكى تاڭغۇتلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلغاندا، شۈلۈگ خانىشقا ئۆزىنىڭ قارارگاھىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. بۇ چاغدا شىرۋىيلەرنىڭ ئىككى قەبىلىسى بىرلىشىپ، ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ قارارگاھىغا ھوجۇم قىلغان. شۈلۈگ خانىش بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال قوشۇن باشلاپ، قايتارما زەربە بېرىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ داڭقى يات قەۋملەرگە پۇر كەتكەن. <<ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر>> دېگەن كىتاپتا ئۇنىڭغا :<<شۈلۈگ خانىش ناھايىتى جاسارەتلىك، قەتئىي ئىرادىلىك،  پىلان تۈزۈشكە ماھىر ئايال بولۇپ، ئاباۋجى ھەربىي يۈرۈش قىلىشتا ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا  ھەمىشە ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالاتتى>> دەپ باھا بىرىلگەن بولسا، <<قىتان تارىخى، جۇغراپىيە تەزكىرىسى>>دە: << تەيزۇنىڭ تۆت ئەتراپنى ئۆزلەشتۈرۈپ، بوخەينى تىنجىتىشىدا خانىش شۈلۈگ ناھايىتى زور كۈچ قوشقان>> دېيىلگەن.

    شۈلۈگ خانىش مىلادى 926 - يىلى پادىشاھ ياللۇغ ئاباۋجى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلىرىنى ئۆزى مۇستەقىل ئىدارە قىلىشقا باشلىغان. ئەسلىدە ياللۇغ ئاباۋجى ئۆزىنىڭ چوڭ ئوغلىنى تەخت ۋارىسى قىلىپ بىكىتكەن ئىدى. لېكىن خانىش شۈلۈگ ئىككىنجى ئوغلىنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى خانلىق تەختىگە چىقارغان ئىدى. بۇ پادىشاھمۇ دۆلەتنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا شۈلۈگ خانىشنىڭ دېگىنىدەك قىلغان. دېمەك، بۇ مەزگىلدە خانىش شۈلۈگ قىتانلارنىڭ ئەڭ ئالىي ئەمەلىي ھوقۇقلۇق ھإكۈمرانىغا ئايلانغان ئىدى.

    شۈلۈگ خانىشنىڭ قېرىنداشلىرىدىن تىلۇ ۋە ئاگۇچلارمۇ قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مۇستەھكەملىنىشىدە زور خىزمەت كۆرسەتكەن. ئاباۋجى ھەر قېتىم ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، بۇ ئىككىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلاتتى. باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. شۇڭا، ئاباۋجى ئۇلارنى نۆۋەت بىلەن شىمالىي ئوردىنىڭ ۋەزىرى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. ئاباۋجىنىڭ تۆھپىكار ۋەزىرلىرى ئىچىدە تىلۇ <<كۈچلۈك بىلەك>>كە ئوخشىتىلاتتى.

    شۈلۈگ ئۇرۇغىدىكى بىر ئائىلىنىڭ قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىدا زور رول ئوينىشى  بىر تەرەپتىن ئۇلاردىكى <<باتۇر، جەڭگىۋار ۋە ئۇرۇشقا ماھىر مىللەت>> بولۇشتەك  ئىرسىي خاراكتېرلىق ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتتىن بۇ ئۇرۇغنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. خانىش شۈلۈگنىڭ ئوغلى تەيزۇڭ: << خانىشنىڭ ئۇرۇغى قەدىمىي قارىغاينىڭ يىلتىزىدەك كۈچلۈك، ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ چېقىلغىلى بولمايدۇ>> دەپ باھا بەرگەن بولسا، <<يېڭى بەش دەۋر تارىخى>>دا: <<خانىش شۈلۈگنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى چوڭ ئۇرۇغ>> دېيىلگەن.

    شۈلۈگ ئۇرۇغىدا تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى خانىشنىڭ ئائىلىسى بولۇپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئۆتكۈر قورال-- ياراغلارغا ئىگە بولغاچقا، ياللۇغ ئاباۋجىنىڭ دإلەت قۇرۇشتەك ئۇلۇغ ئىشىغا ئىشتىراك قىلىپ تۆھپە ياراتقان. مانا بۇ تەرەپلەر بۇ ئائىلىنىڭ قىتانلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنى بەلگىلىگەن ئىدى.

    قىتان خانلىقىدا فامىلىسىنى <<شياۋ>>غا ئۆزگەرتكەن ئۈچ شىرەم ئۇرۇغ ئىچىدە شۈلۈگ ئۇرۇغى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۈستۈن ئىمتىيازغا ئىگە ئىدى. <<قىتان تارىخى، خانىشلار تەزكىرىسى>> دە تىلغا ئېلىنغان ئون خانىشنىڭ توققۇزى شۈلۈگ ئۇرۇغىدىن بولۇپ، ئۇلار چۈنچىن خانىش(شۈلۈگ خانىش)، چىڭئەن خانىش(تىلۇنىڭ قىزى)، خۇەيجى خانىش(ئاگۇچنىڭ قىزى)، رۇيجى خانىش، رېندى خانىش، چىنئەي خانىش، رېنىي خانىش، شۈەنيى خانىش، تيەنزۇ خانىش  قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خانىشلاردىن مۇزۇڭ خانىشنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى شياۋ جىفەن دېيىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شەجەرىسى ئېنىق خاتېرىلەنمىگەن.

    شۈلۈگ ئۇرۇغىدىكى ئەرلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر قىتان خانلىقىنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان ئىدى. بۇلاردىن بىلگە خان، ۋەزىر، دىۋان بېگى، ۋالىي قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىرى شىمالىي ئوردا ۋەزىرى تىلۇ، شىمالىي ئوردا ۋەزىرى ئاگۇچ، ۋېي بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ سىۋېن، شىمالىي ئوردا ۋەزىرى شىياۋ جىشەن، شىمالىي ئوردا ۋەزىرى شياۋ خەن، ۋۇ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋمۇ، چۇ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ شياۋجۇڭ، چېن بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ شياۋشيەن، فىڭ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ شياۋيۈ، ۋىلايەت بېگى شياۋ گاۋجۇ، ۋۇنىڭ ۋىلايىتىنىڭ بېگى شياۋ سابا، خەن بەگلىكىنىڭ بېگى ۋە جەنۇبىي ئوردا دېۋان بېگى شياۋ ئاسۇ، شەرقنى تىنجىتىش بېگى شياۋ پەييا قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. <<قىتان تارىخى، دازۇڭخان تەزكىرىسى>>دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىن 300 دىن ئارتۇق كىشى قىتان خانلىقىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىلىرىگە قويۇلغان. مانا شۇ ئۇيغۇرلار قىتان خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ تاكى ئاخىرلاشقىچە بولغان تارىخىدا خانلىقنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت شياۋ شياۋمۇنىڭ ئىش-- ئىزلىرىنى مىسال قىلىپ ئإتىدىغان بولساق، ئۇ شۈلۈگ خانىشنىڭ ئىنىسى ئاگۇچنىڭ بەشىنجى ئەۋلادىدىن بولۇپ، نۇرغۇن قېتىم قوشۇن باشلاپ يۈرۈش قىلىپ، جەڭ غەلىبىلىرى بىلەن داڭق چىقارغان. ئۇ خانلىقتىكى ئاھالىنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ھاشار- سەيسىنى رەتكە سېلىپ، باج- سېلىقنى تەڭشىگەن. خەلقنى تىنچلاندۇرۇپ، جەنۇپ بىلەن شىمال ئالاقىسى  كۈچەيتكەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەر ئۇنى ھإرمەتلەپ، <<دۆلەتنىڭ گۆھەر ۋەزىرى>> دەپ ئاتىغان.

    خۇددى <<قىتان تارىخى>>دا دېيىلگىنىدەك، <<قىتان خانلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ياللۇغ ۋە شۈلۈگ(شياۋ) دىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇغ تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خانلىقنى ياللۇغ ئۇرۇغىنى ئاساس، ئۇيغۇرلارنىڭ شۈلۈگ ئۇرۇغىنى قوشۇمچە قىلغان ئىككى چوڭ ئۇرۇغنىڭ بىرلەشمە ھاكىمىيىتى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. قىتان خانلىقى ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىللەردە زېمىنى شەرقتە كۇرىيىدىن غەرپتە ئالتاي ۋە تەڭرى تاغلىرىغىچە، شىمالدا ئورخۇن ۋە سېلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىدىن جەنۇپتا خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىغىچە كېڭەيگەن ئىدى. قىتان خانلىقى مىلادى1125-يىلى جۇرجىتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. قىتان خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خان جەمەتىدىن بولغان ياللۇغ تاشىن بىر تۈركۈم قىتانلارنى باشلاپ غەرپكە كۆچكەن. بۇ قىتانلار تارىخىتا <<قارا قىتانلار>> دەپ ئاتالغان. قارا قىتانلار دەستلەپتە ئىمىلدە بازا قۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، مىلادى 1133-يىلى بالاساغۇننى پايتەخت قىلىپ قاراقىتان خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىقتىمۇ ئۇيغۇرلار مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇلغان. بۇ چاغدا ئۇيغۇر بەگزادىلىرى قارا قىتانلارنىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەللەرنى تۇتقان بولسا، ئۇيغۇر زىيالىلىرى يەنە شۇ سارايدا ھإكۈمدار پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتقان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قارا يىغاچ بۇيرۇقنىڭ نامى ناھىيىتى مەشھۇر. ئۇ دەستلەپتە ئىدىقۇت خانلىقىدا يارغۇچى – سوتچى بولغان، كېيىن قارا قىتان سارىيىدا ھۆكۈمدارنىڭ پەرزەتلىرىگە ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.   

     

     

     

                    ى

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قىتانلار , ئۇيغۇرلار , شۇلۇگ خانىش ۋە ئۇنىڭ جەمەتى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-15 11:12:39
    تەھرىر : halil
    باھا : 1 كۆزىتىش : 890
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证