تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› مۇلاھىزە ›› تەھلىل ۋە مۇلاھىزە ›› يەسلىدىكى «تەتقىقات»، «تەجرىبە» ۋە ئەدەپ
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    gulen
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13082
    opalbay@ku.edu

    يازما سانى : 16
    باھا يازما سانى : 8
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-1-10 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    يەسلىدىكى «تەتقىقات»، «تەجرىبە» ۋە ئەدەپ



      

    يەسلىدىكى "تەجرىبە"، "تەتقىقات" ۋە ئەدەپ

    "سازاڭ ئوت يەيدۇ" ۋەقەسىدىن كېيىن بۇ گەپنىڭ نېمە سەۋەپتىن چىققانلىقىنى بىلىشكە قىزىقتىم. سوراشتۇرسام بالىلارغا كۈندە بىر قېتىم تەبىئەت بىلىملىرى چۈشەندۈرىلىدىكەن. بۇ تەربىيە مەكتەپنىڭ باغىچىسى (مەكتىپىمىزنىڭ باغچىسى بەك چوڭ، بىنالار ئورمانلار، چىملىقلار ئارىسىغا بېزەك ئۈچۈن قىستۇرۇپ قويۇلغاندەكلا كۆرۈنىدۇ)، تەبىئەت مۇزىيى، تەبىئەت تارىخى مۇزىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋام قىلىدىكەن. بالىلار ئاۋال مەكتەپ باغىچىسىدا ئۆسۈملۈك ۋە ھاشاراتلاردىن ئەۋرىشكە توپلايدىكەن، ئاندىن سىرىتتا كۆرگەنلىرىنى مۇئەللىمىگە ۋە ساۋاقداشلىرىغا سۆزلەپ بېرىدىكەن. بەزىدە تېخى سىرىتتا كۆرگەن نەرسىلىرىنى سىزىپ ئوينايدىكەن. بىر كۈنى قىزىم تەبىئەت تەربىيىسىدىن بىلگەنلىرىنى مۇنداق بىر رەسىمگە يىغىنچاقلاپتۇ. رەسىمدە بىر ئۆي، ئۆينىڭ ئالدىدا چىملىق، چىملىقتا تىيىن، مۈشۈك، دەرەخ، ئاسماندا شالاڭ بۇلۇت، قۇياش ۋە ھەسەن-ھۈسەن. مەن ھەسەن ھۈسەننىڭ يەتتە خىل رەڭدا بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇ رەڭلەرنىڭ مەلۇم تەرتىپتە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. بۇنى قىزىمدىن ئۆگەندىم، ئوقۇتقۇچىسى رەسىم سىزىش جەيانىدا كۆرسۈتۈپ قويۇپتۇ. مەن ئىككى نەرسىدىن ھەيران قالدىم؛ بىرى قىزىمنىڭ شۇنچە كۆپ نەرسىنى بىر ۋاراق قەغەزگە چىرايلىق بىر رەۋشتە ئورۇنلاشتۇرالىغىنىدىن، يەنە بىرى رەڭلەرنى ماسلاشتۇرالىغىنىدىن. دېمەك قىزىم كۆڭۈلدىكى تۇيغۇنىڭ قانداق تەرتىپتە ۋە قانداق رەڭلەردە شەكىلگە كىرىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى قىزىم ئورمان دېگەن بىر ناخشىنى بەك ئوقۇپ كەتتى، قىزىقسىنىپ "بالام ئورماندا نېمە بار" دېسەم، ساناپ تۇرۇپ 28 ھايۋاننىڭ ئىسمىنى دەپ بەردى. بەزى ھايۋانلارنىڭ ئىسىمىنى ھەتتا مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن.

    بىر جۈمە كەچتە قىزىم مەن تەتقىقات قىلىمەن دەپ قالدى. ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، چۈنكى تەتقىقات دېگەن سۆزنى مەن تۆت ياشلىق بالىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىم تۇنجى قېتىم ئېدى. ئېيتىشىچە پىلانى بارمىش، مۇئەللىمىگە دۈشەنبە كۈنى دوكىلات قىلىدىكەن. تېمىسىنى مۈشۈك ھەققىدە بېكىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىمنى شەنبە كۈنى تەبىئەت مۇزىيىغا، يەكشەنبە كۈنى شەھەرلىك كۈتۈپخانىنىڭ بالىلار سارىيىغا ئاپىرىپ مۈشۈككە دائىر بىلىملەر بىلەن ئۇچراشتۇردۇق. مەخسۇس مۈشۈكنىڭ پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان سنتەخسە ئېلىپ بەردۇق. قىزىم ھەرخىل مۈشۈك تۈرلىرىنىڭ رەسىمى، مۈشۈك ياخشى كۆرىدىغان ۋە ياقتۇمايدىغان نەرسلەرنىڭ رەسىملىرىنى چوڭ بىر ۋاراق قەغەزگە سىزىپ، بەزىلىرىنى قىيىپ چاپلاپ دۈشەنبە كۈنى يەسلىگە يۈرۈپ كەتتى. بىركۈنى تاماقتىن كېيىن كولا ئىچىپ تۇرسام قىزىم "دادا، كولا چىشقا زىيانلىق، قاراپ تۇرسام ئىككى قۇتا ئىچىۋەتتىڭ" دەيدۇ. نەدىن بىلگىنىنى سورىسام يەسلىدە مۇئەللىمى تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپات بېرىپتۇ. قىزىم ساڭا كۆرسىتىپ قوياي دەپ ئاۋال بىر ئىستاكانغا كولانى قۇيۇپ ئىچىگە بىر تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سالدى. ئىككى سائەت ساقلايدىكەنمىز. ئىش بىلەن بولۇپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بىر چاغدا چاقىرىدۇ، قارىسام ھېلىقى شاكال كولا ئىچىدە ئېرىپ كېتىپتۇ. قىزىمنىڭ چۈشەندۈرىشىچە بىزنىڭ چىشىمىز تۇخۇمنىڭ شاكىلىغا ئوخشايمىش. تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى ئېرىتىپ تاشلىغان كولا، زىيادە ئىچىلسە چىشنىمۇ چىرىتىپ تاشلايمىش.

    بالامنىڭ يەسلىسىدە مېنى قىزىقتۇرغان يەنە بىر نەرسە گولوبۇس بولدى. سىنىپتا ھەر بىر بالىغا بىردىن يەتكۈدەك گولۇبۇس تۇراتتى. 4-5 ياشلىق بالىلار ئوقۇيدىغان قىزىمدىن يۇقىرى يىللىقنىڭ مۇئەللمىدىن قىزىقىپ سورۇسام بەزى بالىلار گولۇبۇستىكى خەتلەرنى ئوقۇماي تۇرۇپلا قايسى دۆلەتنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى دەپ بېرەلەيدىكەن. يەسلىدە ھەر تۆت بالىغا بىر ئوقۇتقۇچى توغرا كېلىدىغان بولۇپ قايسى نېمە ئوينىسا مۇئەلىلىم شۇنى كۈزىتىدىكەن، ئەگەر بىرەر سۇئال سورىغۇدەك بولسا بېرىپ چۈشەندۈرىدىكەن، ياكى ئويناۋاتقان بالىنىڭ قېشىغا بېرىپ سۇئال سورايدىكەن. يەسلىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ مەقسىدى ئاساسەن بالىلارنىڭ قىزىقىشغا سورۇن ھازىرلاش، قىزىقىشنى يېتەكلەش ۋە رىغبەلەندۈرۈش ئىكەن. ئوقۇتۇش ئۇسۇلى پاراڭلىشىش شەكلىدە بولىدىكەن. ئوقۇتۇقۇچىلار بالىلارنىڭ قولىنى يالاش، بۇرنىنى كولاش، يەل قويۇۋېتىش، قوپاللىق قىلىش قاتارلىق قىلىقلىرىغا ئايرىم ئايرىم چۈشەنچە بېرىدىكەن. بۇندىن باشقا باشقىلار ئىسمىنى چاقىرغاندا قانداق قىلىش، باشقىلاردىن يارىدەم سورۇغاندا نېمە دېيىش، باشقىلار يارىدەم بەرگەندە قانداق رەخمەت ئېيتىش، باشقىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە نېمە دېيىش، باشقىلار بىلەن تاساددىپى دوقۇرۇشۇپ قالغاندا نېمە دېيىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى كۈندە تەكىتلەپ ئۆگىتىدىكەن. بۇ ئامېرىكىلىقلارنى نېمىشقا ئورتاق بۇنداق ئەدەپلىك، سلىق سۆز، يارىدەمسۆيەر كېلىدىكىن دېسەم بۇ يەسلىدىن تارتىپ سىدۈرۈلگەنلىكتىن ئىكەن. ئەگەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار بولسا ئاۋال ئەسكەرتىدىكەن، يەنە ئاڭلىمىسا تۇرغان يېرىگىلا ئولتۇرغۇزۇپ قويىدىكەن. مەسئۇدە بىر يىل ئىچىدە بىر قېتىممۇ مېنى بىرسى ئۇردى ياكى تىللىدى دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كەلمىدى. بىزنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەتتا ئۇنۋېرىستىتلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىش ۋە بولۇش مەسلىسى خېلى كەڭرى بولغاچقا بۇ ھەقتە سورۇدۇم. مەكتەپتە بالىلارنىڭ بىر بىرىنى بۆزەك قىلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. باشقىلارنى سەۋەبسىز ھاقارەت قىغلۇچى بالا ئەڭ يېنىك بولغاندىمۇ مەكتەپتىن بىر ھەپتىلىك قالدۇرلىدىكەن، بۇ ئىش ئىككىنچى قېتىم يۈز بەسە گەپ يوق قوغلىنىدىكەن. بىر مەكتەپتىن قوغلانغان بالىنىڭ يەنە بىر مەكتەپتىن قوبۇل ئالمىقى بەكمۇ مۈشكۈلكەن. كىچىكىدىن بۇنداق قائىدىلىك چوڭ بولغان بالىلارنىڭ بىراقلا بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە. بىزنىڭ ئەدەپ قائىدىلىرىمىز پەقەت ئۆيدىلا تەكىتلىنىدۇ. مەكتەپلەر يا ئۆزى تەرغىپ قىلىۋاتقان جوڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەخلاقىنى يا كومۇنىستىك ئىدىيىنى سىڭدۈرەلمەي، ئۆز ئەخلاقىمىزنى مائارىپ ئارقىلىق ئىلمىي ئۆگەتمەي، مەدەنىيەتكىمۇ، پۇقراغىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتىدۇ.  مەن ئامېرىكا يەسلىلىرىنىڭ بالىلارغا ھەم بىلىم ھەم تەجرىبە ۋە ئەخلاقنى تەڭ ئۆگىتىپ ماڭىدىغان نۇرغۇن ئۇسۇل ۋە شەكىللىرىنى ئۆگەندىم. ئاللاھ خالىسا بىزمۇ شۇنداق تەربىيە شارائىتى يارىتىپ ئويلىيالايدىغان، ئىشلىيەلەيدىغان، قىلىقلىرى ۋە خۇيلىرى يېقىشلىق بالىلارنى تەربىيەلىسەك دەيمەن. مەن ساغلاملىق تەربىيىسى، مۇۋەپپەقىيەت تەربىيىسى ۋە بالىلار تەربىيىسى ساھەسىدە ھەمكارلىشىپ باقساق دەيمەن. بۇلارنى يېزىشتىكى مەقسەد بىر ئەندىزىنى تونۇشتۇرۇش، تەھقىقكى، بۇ شۇنداق ئەندىزىنى ئۆزىمىزدە بەرپا قىلىش ئۈچۈن موھىم.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : پەرزەنت , تەبىيە , تەبىئەت
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-15 7:44:48
    تەھرىر : admiral
    باھا : 1 كۆزىتىش : 433
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证