تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› شەخسلەر ›› ئەدىپ-مۇتەپەككۈرلەر ›› ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان : ئەلىشىر نەۋائى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    hunwolf
    كاپىتان
    دەرىجىسى : 2
    جۇغلانما نۇمۇر : 13273
    uygurtuku@yahoo.com.cn

    يازما سانى : 42
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-2-28 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان : ئەلىشىر نەۋائى



      

     

    ئەلىشىر نەۋائى

    ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان

     

     

    تۈركچىدىن يۈسۈپجان ياسىن تەرجىمە قىلغان

     

    بۇ ماقالىنى بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋائىي(نەۋائى،نەۋايى) تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىغا بېغىشلايمىز

    20- ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر تارىخچىلاردىن بىرى بولغان  ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان 1890- يىلى 12- ئاينىڭ 10- كۈنى بۈگۈنكى باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشىمباي ناھىيىسىدىكى كۈزەن يېزىسىدا تۇغۇلغان. دادىسى ئەھمەدشاھنىڭ مەدرىسىدە باشلانغۇچ تەربىيىنى، 1902- يىلىدىن باشلاپ ئۈتەكتىكى تاغىسى ھەبىب نەججارنىڭ مەدرىسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالغان زەكى ۋەلىدى 1908- يىلى قازاندىكى قاسىمىيە مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1909-يىلى قاسىمىيە مەدرىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاشۇ  مەدرىسدە تۆت يىل  تۈرك تارىخى ۋە ئەدەبىياتى دەرسلىرىنى ئۆتكەن. 1912- يىلى تۇنجى كىتابى ‹‹تۈرك ۋە تاتار تارىخى›› نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، روسىيە تەۋەسىدە ‹‹ۋەلىدوف›› دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر بىر تارىخچىغا ئايلانغان ھەم ئاشۇ كىتابىنىڭ شۆھرىتى بىلەن 1913- يىلى قازان ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگىيە ۋە تارىخ جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. 1913-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1914- يىلىنىڭ باشلىرىدا قازان ئۈنىۋېرسىتېتى نامىدىن قەدىمكى قول يازمىلارنى تەتقىق قىلىش مەقسىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇخارا ۋە پەرغانە قاتارلىق شەھەرلەردە  ئۈچ ئاي ئىلمىي زىيارەتتە بولغان. بۇ زىيارىتىنىڭ دوكلاتى پېتېربورگ ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتى، قازان ۋە تاشكەنت ئارخېئولوگىيە جەمئىيەتلىرىنىڭ مەجمۇئەلىرىدە ئىلان قىلىنغان. بۇ زىيارىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقلىرىدىن بىرى ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››نىڭ پەرغانە نۇسخىسىنى بايقاپ، بۇنى ئىلىم دۇنياسىغا  تۇنۇتقانلىقىدۇر.

    بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە رۇسىيە ھاكىمىيتىدە پارلامېنتنىڭ كۈچىيىشى بىلەن زەكى ۋەلىدى سىياسىي ساھەگە قەدەم قويغان. ئۇ ئۇفا ۋىلايىتى مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە 1916- يىلى ‹‹دۇما››نىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، رۇسىيە تۈركلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈرلۈك سىياسىي تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ،  ھەر خىل كونگىرسلەرگە قاتناشقان. 1917- يىلى رۇسىيە قۇرغۇچىلار مەجلىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. بولشىۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان. بولشىۋىك ئىنقىلاۋى پارتلاپ  22 كۈندىن كېيىن، يەنى 1917- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى باشقۇردىستان مۇختارىيات ئىلان قىلغان. 1918-يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى سوۋېت ئارمىيىسى ئورېنبۇرگنى ئىشغال قىلغاندا، زەكى ۋەلىدى قولغا ئېلىنغان. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى تۇرمىدىن قېچىپ چىققان. 1919-1920- يىللاردا باشقۇردىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 1920- يىلى باشقۇردىستاننىڭ دۆلەت رەئىسى بولغان. لېكىن، سوۋېت سىياسەتچىلىرىدىن لېنىن، ستالىن ۋە تروتىسكى قاتارلىقلار بىلەن كۆپ  قېتىم كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، سوۋىت- باشقۇردىستان مەسلىسى ھەل بولمىغانلىقتىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا چېكىنىپ، ‹‹باسمىچىلار›› بىلەن ھەمكارلاشقان ۋە  ئۇلارنىڭ سوۋېتكە قارشى ئۇرۇشىدا يىتەكچى شەخسلەر قاتارىدا رول ئوينىغان. بۇ ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئاۋۋال سەپدىشى ئابدۇلقادىر ئىنان بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا بېرىپ، مەشھەدتىكى رەۋزە كۇتۇپخانىسىدا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا كېلىپ، كابۇل كۇتۇپخانىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1923- يىلى ھىندىستان ئارقىلىق  ياۋروپاغا كەتكەن. ئاۋۋال پارىژدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا، كېيىن بېرلىندىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا شەرق قول يازمىلىرى مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلىگەن. نۇرغۇن  قول يازمىلارنى رەتلەپ ئىلىم دۇنياسىغا تۇنۇتقان  ۋە بۇ قول يازمىلار ئاساسىدا خېلى كۆپ تارىخىي مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغان. مەسىلەن، 1924- يىلى بېرلىن دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ئىشلەۋاتقاندا، ‹‹جاھاننامە›› دېگەن ئەسەرنىڭ مەشھۇر تارىخچى مىرزا ھەيدەر كوراگاننىڭ شېئىرىي رومانى ئىكىنلىكىنى دەلىللىگەن.[1] بۇ چاغدا پارىز، لوندۇن ۋە بېرلىندىكى نۇرغۇن شەرقشۇناسلار ۋە تارىخچىلار ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ  ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇ تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرى ھامدۇللاھ سۇپھى، مەشھۇر ئالىم م. فۇئاد كۆپرۈلۈ، رىزا نۇر ۋە يۇسۇف ئاقچۇرانىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ،  1925- يىلى تۈركىيىگە كەلگەن ۋە ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنىدا تۈرك تارىخى مۇدەررىسى(پروفېسسور) بولغان. شۇ ۋاقىتقا قەدەر ‹‹ۋەلىدوف›› ياكى ‹‹ۋەلىدى›› دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان زەكى ۋەلىدى ئەمدى تۈركچە ئېيتىلىشى بويىچە ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىشقا باشلىغان. ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى كۇتۇپخانىلارنىڭ كىتاپ مەنبەسىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە ياۋروپادىن ناھايىتى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئەكەلدۈرگەن.  1932 -يىلى ئېچىلغان بىرىنجى قېتىملىق تۈرك تارىخى كونگرېسىدا مېدىستىنا دوكتۇرى رەشات گالىپ تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دەستلەپ دېڭىز بولۇپ، كېيىن قۇرۇغانلىقى ھەققىدىكى ماقالىسىنى تەنقىت قىلغاندا، توغانغا  قارشى پىكىر سېپى ئېچىلغان. ھەقسىز بىر مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان شۇ يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ۋېناغا كەتكەن. ئۇ يەردە ‹‹ئىبن فازلان ساياھەتنامىسى›› دېگەن دىسسىرتاتسىيەسى بىلەن 1935- يىلى پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن ۋە  بۇ ئەسىرى بىلەن خەلقارا ئىلىم ساھەسىدىمۇ  زور شۆھرەت قازانغان.  1935- يىلىدىن باشلاپ بونن ئۇنىۋېرسىتېتىدە، 1938- يىلى گۆتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدە دەرس ئۆتكەن. 1939-يىلى تۈركىيە مىللىي مائارىپ مىنىستىرىنىڭ تەكلىۋى بىلەن قايتىدىن تۈركىيەگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۈنىۋېرسىتېتىدە تارىخ پروفېسسورى بولغان. بۇ فاكۇلتېتنىڭ قارمىقىدا ئومۇمىي تۈرك تارىخى بۆلۈمىنى ۋە  ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. 1953-يىلىدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. بۇ ئارىدا بولۇپمۇ 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرانچىلىق ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن گۇناھ بىلەن قولغا ئېلىنىپ 10 يىللىق كىسىلگەن. لېكىن، ھەربىي مەھكىمە بۇ قارارنى بوزغان، ئەھمەد زەكىي ۋەلىدى توغان ئاقىلانغان. 1948- يىلىدىن باشلاپ يېڭىباشتىن ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغان. 1951- يىلى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 21- قېتىملىق دۇنيا شەرقشۇناسلىق كونگرىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. بۇ يىللاردا ئۇ ئىلمىي شۆھرىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقتى.

    ئون ئىككى يېشىغىچە پارسچە ۋە رۇسچىنى، 18- يېشىغىچە ئەرەبچىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن، دوچ(گېرمان)، ئېنگلىز، فرانسۇز تىللىرىنى ۋە باشقا بىر مۇنچە تىللارنى پىششىق ئىگىلىگەن، ھەمدە 20 ئەسىرنىڭ 10- يىللىرىدا روسىيە تەۋەسىدە، 20- يىللاردا ياۋرۇپادا، 30- يىللاردا پۈتۈن دۇنيادا كاتتا شۆھرەت قازانغان ئوردېنايۈس، پروفېسسور، دوكتۇر ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ئىلان قىلغان ماقالىلىرى  337 پارچىگە،  كىتاپلرىنىڭ سانى 40 پارچىگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەردىن باشقا ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش››، ‹‹ئوغۇز داستانى››،  ‹‹تارىختا ئۇسۇل››، ‹‹قۇرئان ۋە تۈركلەر››، ‹‹ بۈگۈنكى تۈرك ئىلى تۈركىستان ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئۆتمۈشى››، ‹‹ئىستانبۇل كۇتۇپخانىلىرىدىكى مىنياتۇرلارغا دائىر››، ‹‹خاتىرىلەر›› قاتارلىق  كىتاپلىرى  تۈركولوگىيە ئۈچۈن ھەر ۋاقىت مۇراجىئەت قىلىدىغان مۇھىم مەنبەلەر ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا  ئىلان قىلىنمىغان ‹‹تىمۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تارىخى››، ‹‹ئەل بىرۇنىگە دائىر››، ‹‹باشقۇرد تارىخى››، ‹‹ئەلىشىر نەۋائى : ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى››، ‹‹راشىددىن : ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى››، ‹‹ساكلارنىڭ تارىخى›› ۋە ‹‹تۈركلەرنىڭ مەنبەسىگە دائىر رىۋايەتلەر›› قاتارلىق كىتاپلىرى بار. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ناھايىتى ئېتىبارلىق مەلۇماتلارنى بىرىدىغان ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش›› دېگەن كىتابى مەنبەسىنىڭ پەۋقۇلئاددە موللىقى، مېتودىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ شۇ قەدەر كەڭلىكى، شۇنىڭدەك ئەڭ زىل ۋە مۇنازىرىلىك نۇرغۇن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مەسلىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن ھەر قانداق بىر ئىلىم ئىگىسىنى قايىل قىلىدۇ. شۇڭا، ھېربېرت جېنسكىي بۇ ئەسەر ھەققىدە ‹‹ياش تۈركولوگلارغا يول كۆرسەتكەن ئەسەر›› دەپ باھا بەرگەن بولسا، مەشھۇر گېرمان ئالىمى، پروفېسسور، دوكتۇر پ.كوخل ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ئىلمىي سۈپىتىنى ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە جۇغراپىيەسى تېمىسىدىكى مول بىلىملىرى بىلەن 1937- يىلى ۋاپات بولغان ئاكادېمىك ۋ.ۋ. بارتولددىن كېيىن بۇ ساھەنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسىگە ئايلاندى›› دەپ خاراكتىرلەندۈرگەن.  

    بۈيۈك باشقۇرد ئالىمى، مەشھۇر شەرقشۇناس، تۈرك تارىخشۇناسلىقىنىڭ پىشىۋاسى  ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان 1970- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى شەرقشۇناسلىق، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان تۈركولوگىيە ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپمۇ قالماي، تارىخشۇناسلىقتىكى بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشى دەپ  قارالغان. بۇ ھەقتە مەشھۇر شەرقشۇناسلاردىن كارل .جون ‹‹ۋ.ۋ.بارتولد، ۋ. مىنورسىكىيدىن كېيىن 1970- يىلى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاندىن ئايرىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن 19- ئەسىردە ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شەكىللەنگەن رۇسىيە تارىخ ئېقىمى ئاخىرلاشتى›› دەپ كۆرسەتكەنىدى.

     بۇ بۈيۈك ئالىمنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۈگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتى ئىلمىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا. 1990 – يىلى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن  باشقۇردىستاننىڭ پايتەختى ئۇفادا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارالىق كونفرانىس بىلەن ئالىمنىڭ ئىلمىي مىراسلىرىنى ئۈگىنىشنىڭ يېڭى بىر دەۋرى باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جۇمھۇرىيەتتە ‹‹ۋەلىدى ئەسەرلىرىنى ئوقۇش›› نامىدا كونفرانىسلارنى ئۆتكۈزۈش بىر ئەنئەنىگە ئايلاندى. ئەسەرلىرىمۇ باشقۇردىستاندا ھەمدە  رۇسىيە، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە ئۆزبەكىستاندا يېڭىدىن نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى. باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي كۇتۇپخانىسىنىڭ نامى ‹‹باشقۇردىستان جۇمھۇرىيىتى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان مىللىي كۇتۇپخانىسى›› دەپ ئۆزگەرتىلدى. ئالىم ھەققىدە باشقۇردچە، رۇسچە ۋە تۈركچە بىر مۇنچە ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىلدى، ھۆججەتلىك فىلىملەر ئىشلەندى. ئۇفانىڭ مەركىزىي كوچىلىرىنىڭ بىرىگە ئۇنىڭ نامى بىرىلدى. تاشكەنتتىمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئاتالغان بىر كوچا بار. ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى كۈزەن يېزىسىدىمۇ ئۇنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر موزېي قۇرۇلدى. 2008- يىلى ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان سائىنت پېتېرۇرگ ئۈنىۋېرىستېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىدا تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ھويلىسىدا ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننىڭ ھەيكىلى(بەلنىڭ ئۈستى قىسمى) تىكلەندى. ئالىمنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 120 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2010- يىلى باشقۇردىستاننىڭ جۇمھۇر باشقانى(رەئىسى) مۇرتازا رەھىموف قارار ئىمزالاپ، ئۇفادا ئالىمنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەش ۋە خەلقارالىق سېمپوزيۇم ئۆتكۈزۈشنى بەلگىلىدى. شۇ يىلى باشقۇردىستاننىڭ تەكلىۋى بىلەن ‹‹تۈركسوي››غا ئەزا دۆلەتلەر 2010- يىلىنى ‹‹ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان يىلى›› دەپ ئىلان قىلدى. جۇمھۇر باشقانىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەمىر يولداشبايېف ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان ھەققىدىكى تەتقىقات ئەسەرلىرىنى توپلاپ كىتاپلاشتۇردى. يولداشبايېف يازغان ‹‹دەۋرداشلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە بىلىنگەن ۋە بىلىنمىگەن تەرەپلىرى بىلەن زەكى ۋەلىدى›› دېگەن كىتاپ باشقۇردىستان بىلەن رۇسىيەدە كەڭ سېتىلدى.

    ئەلشىر نەۋائى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 570 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان بۇ ماقالە ئەسلىدە 1978- يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان ‹‹ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى››(تۈركچە، 1- توم) نىڭ ‹‹ئەلىشىر›› ماددىسىدا ئىلان قىلىنغان. بىز ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئومۇملاشقىنى بويىچە ماقالىنىڭ تېمىسىنى ‹‹ئەلىشىر نەۋائى›› دېگەن شەكىلدە ئالدۇق. دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ ئەلىشىر نەۋائى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرىنى بىرمۇ بىر كۆزدىن كەچۈرگەن فۇئاد كۆپرۈلۈنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ئەسەر 1940- يىلىدىن كېيىن يېزىلغان ئەلىشىر نەۋائىگە دائىر ئەسەرلەر ئىچىدە   ‹‹ياخشى ۋە ئەتراپلىق يېزىلغان بىر خۇلاسە››[2] ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئالىم 1946- يىلى يېزىپ تاماملىغان ‹‹ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش›› دېگەن كىتابىدىمۇ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەدەبىي كامالىتى ۋە تارىخىي ئورنىغا يۇقىرى باھا بىرىپ، ‹‹زامانىمىزنىڭ تۈرك زىيالىلار مۇھىتىدا ئۈچ چوڭ ياۋروپا تىلىنى بىلىش نە قەدەر ئەھمىيەتلىك بولسا 14- 15- ئەسىر تۈرك زىيالىلىرى ئۈچۈنمۇ پارسچە ۋە ئەرەبچە ئۈگىنىش شۇنداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. ياۋروپا كلاسسىكلىرى، مەسىلەن، گېئوتى، ۋىكتور ھيۇگو، شېكېسپېر بىزنىڭ دەۋرداش تۈرك زىيالىلىرى مۇھىتىدا قانداق قارالغان بولسا، 15- ئەسىر تۈرك زىيالىلىرى نەزىرىدە فىردەۋسى، نىزامى، خۈسرەھ دىھلەۋى قاتارلىق ئىران كلاسسىك شائىرلىرى ئاشۇ خىل قىممەتكە ئىگە ئىدى. تۈركچە بىر مىللىي ئەدەبىيات يارىتىش بۇ ئىران كلاسسىكلىرىنىڭ شاھ ئەسەرلىرى تىپىدە تۈركچە ئەسەر يارىتىش شەكلىدە تەسەۋۋۇر قىلىناتتى. بۇ خىل ئەسەرلەر ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلۈكىدىكى بۇ مىللىي پائالىيەتنىڭ مەركىزى شەخسىيىتى ھېراتتىكى تىمۇرىيلارنىڭ چوڭ بەگلىرىدىن بىرى بولغان نەسەبى ئۇيغۇر ئەلىشىر نەۋائى(1441-1501) ئىدى››[3]  دەپ يازغان. بۇنىڭدىن باشقا ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان ئەلىشىر نەۋائىنىڭ دۇنيادىكى چوڭ كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان قول يازمىلىرى ئۈستىدىمۇ سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ نۇسخىلار ھەققىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەلۇماتلارنى بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ ‹‹مەجالىسۇن نەفائىس››نىڭ 22 خىل نۇسخىسىنى كۆرگەن.[4] بۇنىڭ ئىچىدە 12 خىل نۇسخا ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بارغان. دېمەك، ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان ئالدى بىلەن ئەلشىر نەۋائىنىڭ كۈنىمىزگىچە يىتىپ كەلگەن  بارلىق ئەسەرلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ھەر خىل نۇسخىلىرىنى تولۇق كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشكەچكە، بۇ ھەققتىكى تەتقىقات ئەسەرلەردىن تەنقىدىي  مەۋقەدە تۇرۇپ پايدىلانغاچقا، يەنە كېلىپ تۈرك تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تەپەككۇر ھاياتى  ھەققىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغاچقا، نەۋائىدىن ئىبارەت بۇ شەخسنى كەڭ دائىرىدىن كۈزىتەلىگەن ۋە ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى، ھاياتى، سىياسىي ۋە ئجتىمائىي پائالىيىتى، ئەدەبىي ۋە سەنئەت ئىجادىيىتى، تۈرك دۇنياسىدىكى    ئورنى ۋە تەسىرى توغرىسىدا ھەم ئىلمىي، ھەم ھەقلىق ۋە ھەم ئىشەنچىلىك قاراشلانى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئېتىبارى بىلەن ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغاننى يەنە مەشھۇر نەۋائىشۇناس دەپ ئاتاش ھەقلىقتۇر. ئاخىرىدا شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىزكى، بۇ بىر ئىلمىي ئەسەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرىگەندە ئاپتور تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن سۆز –ئىبارىلەر، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە ئۇقۇملارنى ئەينى شەكىلدە ئالدۇق. پەقەت ئايرىم ئاتالغۇلارغا ماقالىنىڭ ئىچىدە ۋە بەتنىڭ ئاستىدا ئىزاھات بىرىشنى لايىق تاپتۇق. پايدىلىنىلغان مەنبەلەر بولسا ئەسلىدە ئەسەرنىڭ ئىچىدە بىرىلگەن، بىز بۇنى ئىزاھات نۇمۇرى قويۇش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يۆتكىدۇق.  

     

    -- تەرجىماندىن

     

     

    ئەلىشىر بەگ ياكى ئەمىر ئەلىشىر(1441-1501)نىڭ تەخەللۇسى نەۋائى(نەۋائىي، نەۋايى)بولۇپ، ئۇ تىمۇرىيلار دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەرەققىي قىلغان تۈرك(چاغاتاي) ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك شەخسىيەتلىرىدىن بىرى. موڭغۇللاردىن بۇرۇن، بولۇپمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان (بۈگۈنكى شىنجاڭ-ت)، يەتتەسۇ ۋە قىسمەن ھالدا سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۈۋەنكى ئېقىن  رايونلىرىدا مۇسۇلمان تۈركلەر ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئەدەبىي پائالىيەتلەر موڭغۇللار دەۋرىدە خارەزم، ماۋرەئۈننەھرى ۋە شىمالىي خوراساننىڭ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈركلىشىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، دەستلەپتە قىپچاقچىنىڭ بەزى تەسىرى بىلەن سىر دەريا بويلىرى ۋە خارەزمدە، كېيىن تىمۇر دەۋرىدە قەشقەر ئەدەبىي شىۋىسىگە يېقىن بىر شىۋىدە، ماۋرەئۈننەھرىدە بولۇپمۇ سەمەرقەندتە ۋە ئاخىرىدا تىمۇرىيلاردىن ئوبۇلقاسىم بابۇر ۋە ھۈسەيىن بايقارا دەۋرىدە خوراساندا، تېخىمۇ توغرىسى ھېراتتا گۈللەندى. بۇ ئەدەبىياتنىڭ ھېراتتىكى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ زور ئامىلى ئەلىشىر ئىدى. ئۇ دەۋر ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەدەبىياتى ئىران ئەدەبىي ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىنىڭ مىللىي قۇرۇلمىسىنىڭ بىر تەركىۋى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. ‹‹چاغاتاي ئەدەبىي تىلى›› سەمەرقەند دەۋرىدە،  ئۆزىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ‹‹قەشقەر تىلى›› ئەنئەنىلىرىگە باغلىنىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، خوراساندىكى تۈركلەر ئارىسىدا مۇھىم بىر ئورۇن تۇتقان تۈركمەنلەرنىڭ لەھچىسىدىنمۇ بىر مۇنچە يېڭى تەركىپلەرنى  قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەر، بولۇپمۇ ئەلىشىرنىڭ ئەسەرلىرى شەرقىي تۈركىستان(شىنجاڭ)دىكىگە ئوخشاش، ئىراق ۋە ئاناتولىيە تەرەپلەردىمۇ ئاسانلا چۈشىنىلدى. 16- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قەشقەردىكى چاغاتاي خانى شائىر سەئىدخان (1534- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن) بىلەن ئىراقتا تۈرك-ئەزەرى لەھچىسى بىلەن يازغان غەربىي تۈرك شائىرى فۇزۇلى(1552-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)مۇ بىۋاسىتە ئەلىشىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئۇسلۇبىدا شېئىرلار ھەتتا ئۇنىڭغا نەزىرەلەر يازدى. بۇ ئېتىبارى بىلەن ئەلىشىر يالغۇز شەرقىي تۈرك ئەدەبىياتىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە پۈتكۈل تۈرك ئەدەبىياتى تارىخىدىمۇ تەڭداشسىز بىر ئورۇن تۇتقان شەخسىيەتكە ئايلاندى.

    ئەلىشىرنىڭ ياشلىقى: ئەلشىر ھىجرىيە 844- يىلى رامىزاننىڭ 17-كۈنى(مىلادى 1441- يىلى 2- ئاينىڭ 9-كۈنى) ھېراتتا تۇغۇلغان.(1)ئەلىشىر ياش زاماندىشى ھەيدەر مىرزا دۇغلاتنىڭ ئىپادىسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، دادىسى كىچكىنە[5] باخشى دەپ ئاتالغانىدى.(2)ئەلىشىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىپادىسىغا قارىغاندا، ئەجدادى يەتتە ئەۋلاتتىن بېرى بارلاس ئەمىلىرى، تىمۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ خىزمىتىدە بولغان.(3)باشقا خاتىرىلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەلىشىر مەنسۇپ بولغان ئائىلە، بولۇپمۇ ئۆمەر شەيخ مىرزا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بايقاراغا خىزمەت قىلغان. ئەلىشىرنىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى بۇ سەئىد چىسەك بايقارا مىرزىنىڭ ئۇلۇغ بېگى(بەگلەر بېگى) بولغىنىغا ئوخشاش، دادىسى كىچكىنە باخشى ياكى كىچكىنە باھادىرمۇ دەستلەپتە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئەلىشىر دادىسىنى، بوۋىسىنى ۋە ئانىسىنى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنىڭ ‹‹بايرى قۇللىرى››(بۇرۇنقى ئىشىك ئاغىسى) دەپ ئاتىغان. 1447- يىلى شاھرۇھنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن كېلىپ چىققان مالىمانچىلىق   مەزگىلىدە كىچكىنە باھادىر كىچىك ئوغلى ئەلىشىرنى ئېلىپ يەزد ئارقىلىق ئىراققا كەتتى. بۇ ساياھەتتە ئەلىشىر تىمۇرنىڭ تارىخچىسى شەرەفىددىن يەزدى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئالغانلىقىنى ياشلىقىغا ئائىت مۇھىم بىر خاتىرە سۈپىتىدە تىلغا ئالغان. 1449-1457- يىللىرى ئارىسىدا بايقارا مىرزىنىڭ ئوغۇللىرى ۋە بۇ ئەسنادا ھېراتنىڭ كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمدارى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىرلىكتە كىچكىنە باھادىر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلىشىر شاھرۇھنىڭ شۇ ۋاقىتتا خوراساننى ئىدارە قىلىۋاتقان نەۋرىسى ۋە بايسۇنغۇر مىرزىنىڭ ئوغلى ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قول ئاستىدا بولدى. بۇ دەۋردە كىچكىنە باھادىر بىر مەزگىل سەبزىۋار ۋىلايىتىنى ئىدارە قىلدى.(4)يەنە ئاشۇ ھۆكۈمدار تەرىپىدىن ۋەزىپە بىلەن ئاسترابادقا ئەۋەتىلدى.(5)ئەمىر غىياسىددىن كىچكىنەنىڭ ئىسمى ئوبۇلقاسىم بابۇر ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم مىرزا ھېراتنىڭ ھۆكۈمدارى بولغاندىن كېيىن، 1457- يىلى بەلختە تۇرىۋاتقان سەمەرقەند ھۆكۈمدارى ئەمىر سەئىد مىرزىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىلگەن ھېرات ئۆلۈمالىرىغا ھەمرا بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇچرايدۇ.(6)ئەلىشىر شۇ  تارىختىن  كېيىن تىمۇرىيلارنىڭ قۇشچى ئەمىرلىرىدىن سەييىد ھەسەن ئەردەشىرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ‹‹ئاتا دەرىجىسدە››(‹‹ئاتادارچىلىق قىلىش مەنىسىدە-ت) بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن كىچكىنە باھادىرنىڭ 1457- يىلى ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ھەر ھالدا بۇ زاتنىڭ سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ چوڭ ئەمىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە دائىر  سان مىرزىنىڭ ئەسىرىدە ۋە ئۇنىڭدىن نەقىل ئالغان باشقا ئەسەرلەردە(مەسىلەن، ‹‹قامۇسۇل ئەلام››) بىرىلگەن مەلۇماتلار ئاساسسىزدۇر. دەۋلەتشاھنىڭ دېگىنىگە قارىغاندا، كىچكىنە باھادىر ‹‹تۈرك›› بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئىلىم ۋە پەزىلەتتىن مەھرۇم قالمىغان ھەم ئوغلىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بەرگەنىدى. ئۇنىڭ تۈرك شەيخلىرىدىن باباكۆكى ئىسىملىك بىرىسىگە قول بەرگەنلىكى(7)ۋە بۇغۇم ۋەزنىدە شېئىر ئوقۇغانلىقى مەلۇم.(8) ئەلىشىرنىڭ تاغىلىرى مىر سەئىد كابۇلى بىلەن مۇھەممەد ئەلى غەرىبىمۇ تۈركچە شېئىر يازغان ۋە مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان ئەمىرلەردىن ئىدى.  مىر سەئىدنىڭ ئوغلى مىر ھەيدەر سەبۇھىمۇ پارسچە ۋە تۈركچە شېئىرلار يازدى. ئەلىشىر بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى دەرۋىش ئەلى بەگكە ھۈسەيىن بايقارا ‹‹كۆكېلتاش ››(ئىمىلداش) دەپ خىتاپ قىلاتتى. ئەلىشىرنىڭ ئۆزى بىلەن ئىمىلداش ئىكەنلىكىنى سۇلتان ھۈسەيىن ئىلان قىلغان بىر پەرماندىمۇ تىلغا ئالغانىدى.(9)يەنە بىر جەھەتتىنمۇ ئەلىشىر سۇلتان ھۈسەيىننىڭ ساۋاقدىشى ئىدى.(10)سۇلتان ھۈسەيىن بىلەن ئەلىشىرنىڭ ئوقۇش ۋە تەربىيىلىنىش ئىشىنى ئوبۇلقاسىم بابۇر بىۋاسىتە تۇتتى. ھۈسەيىن بايقارا بىلەن ئەلىشىر ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ ھايات چېغىدىلا پارسچە ۋە تۈركچە شېئىرلار يازدى. ئۆزىمۇ شائىر بولغان ھۆكۈمدار ئەلىشىرنىڭ شېئىرلىرىنى ناھايىتى ياقتۇراتتى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ‹‹ئوغلۇم›› دەپ ئاتايتتى. ئەلىشىرنىڭ پارسچىدىن بەكرەك تۈركچە شېئىرگە ئېتىبار كۆرسىتىشىدە بىر تەرەپتىن ئائىلە ئەنئەنىسى ۋە ئوبۇلقاسىم بابۇرنىڭ بۇ خۇسۇسقا ئەھمىيەت بېرىشى، يەنە بىر تەرەپتىن دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىدا ئاتادارچىلىق  قىلغان ھەسەن ئەردەشىر  ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە ‹‹پىر›› دەپ تۇنۇشنى تەۋسىيە قىلغان بۈيۈك چاغاتاي شائىرى مەۋلانا لۇتفى سەۋەپ بولدى. ھەسەن ئەردەشىر ئالىم بىر زات بولسىمۇ، دەۋرىنىڭ ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالدا شېئىرلىرىنى كۆپۈنچە تۈركچە يازدى. ئەلىشىر ئالغان تەربىيىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناھايىتى مىننەتدار بولغان ۋە بۇ ھەسەن ئەردەشىر 1489 –يىلى ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ سارىيى ۋە باغچىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغ ئېتىگىدە بىر مەقبەرە ياساتقان.(11)ماۋرەئۈننەھرى ۋە خوراساندا سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ھۆكۈمدارلىق قىلغان دەۋردە(1457-1469) بايقارا مىرزىنىڭ ئەۋلاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەقىپكە ئۇچرىدى. بۇلاردىن ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن ھۈسەيىن بايقار 1459- يىلى ئاستاباتتا مۇستەقىللىق داۋاسى قىلغاچقا، سۇلتان ئەبۇ سەئىد تەرىپىدىن ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىلدى. ھۈسەيىننىڭ شۇ ۋاقىتتا مەھشەتتە ئوقۇۋاتقان دوستى ئەلىشىر ھېراتقا كېلىپ، سۇلتان ئەبۇ سەئىدنىڭ خىزمىتىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئانچە  ھۆرمەتكە ئىرىشمىدى.(12)ھەتتا ھېراتتىن ئايرىلىپ سەمەرقەندكە كېتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى ئەلىشىر ھەسەن ئەردەشىرگە يازغان بىر نەزمىي مەكتۇپتا مۇنداق بايان قىلىدۇ:‹‹ مەن بىر شائىرمەن. ئۆزۈمنى نىزامى ۋە فىردەۋسىدىنمۇ كۈچلۈك دەپ قارايمەن. مۇنەۋۋەر بىر شەخس بولساممۇ،  مەن ھېراتتا زۇلۇم – زۇلخمەتتىن باشقا نەرسە كۆرمىدىم. ھېراتتا سەمەرقەندلىكلەرنىڭ(يەنى ئەبۇ سەئىدنىڭ) ھاكىمىيىتى پەسلىك ۋە بۇلاڭچىلىقنىڭ ھاكىمىيىتى دېمەكتۇر. بۇلار قارا تاشتىن قىزىل ئالتۇن چىقىرىش ۋە قارا مانگىر[6] ئۈچۈن ھۈنەرۋەن كىشىلەرنىڭ  كىپەنلىرىنى يىشىۋېلىش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. ھازىر مىنىڭ بۇ يەردە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان بىرەر دوستۇم يوق. جانپىدالىق بىلەن ئىشلەشنى تەمىن ئەتكۈدەك مۇئاشمۇ بىكىتىشمىدى، ھەتتا بىر ئۆيمۇ بەرمىدى. شۇ ھالدا ۋەتەننى تەرك ئېتىشتىن باشقا نە چارە بار. يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم تەھسىل قىلىشقىمۇ ئېھتىياجلىقمەن.›› ئەبۇ سەئىد مىرزا تەرىپىدىن سەمەرقەند ۋىلايىتىنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەنگەن قەشقەرلىك ئەھمەد ھاجىبەگ ئەلىشىرنىڭ  كونا دوستى بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق بىر ياردەمنى ئايىمىدى. ئەلىشىرمۇ ئۇ يەردە يەرلىك شائىرلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىدى ۋە فەزلۇللاھ ئەبۇل لەيسىنىڭ خانىقاسىدا ئىككى يىل تۇرۇپ ئىلىم تەھسىل قىلدى.

    ئەلىشىرنىڭ سىياسىي ھاياتى: 1469- يىلى سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ئىراققا سەپەر قىلغانلىقىدىن پايدىلىنىپ خوراساننىڭ ئىچ بۆلگىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ھۈسەيىن بايقارا ھېراتقا تەھدىت پەيدا قىلغاندا، ئەبۇ سەئىدنىڭ سەمەرقەندنى ئىدارە قىلىۋاتقان ئوغلى سۇلتان ئەھمەد مىرزا قورقۇنچقا چۈشتى ۋە ئامۇ دەرياسىدىن كىسىپ ئۆتۈپ خوراسانغا يۈرۈش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. سۇلتان ئەھمەدنىڭ قول ئاستىدا قانداقلا بولمىسۇن ئەلىشىرمۇ بار ئىدى. شۇ  ۋاقىتتا ئەبۇ سەئىدنىڭ  ئاققويۇنلۇ ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كەلدى. ھۈسەيىن بايقارامۇ شۇ يىلى 23- مارت كۈنى ھېراتنى ئىشغال قىلىپ، خوراسان سۇلتانى بولدى. سۇلتان ئەھمەد مىرزىمۇ بۇ ۋەقەلەر سەۋەبىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ھۈسەيىن بايقار سۇلتان ئەھمەد بىلەن مەكتۇپلىشىپ، ئۇنىڭدىن دوستى ئەلىشىرنى ھېراتقا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈندى ۋە بۇ ئۆتۈنۈش قوبۇل قىلىنىپ، ئەلىشىر ئىززەت-ئىكرام بىلەن ھېراتقا ئەۋەتىلدى. ئەلىشىر 24 – ئاپرېل كۈنىگە توغرا كەلگەن شېكەر بايرىمىدىن بىر –ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى ھېرات سۇلتان ھۈسەيىن تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، 29 كۈن  ئۆتكەندىن كېيىن بۇ شەھەرگە يىتىپ كەلدى ۋە بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن سۇلتاننى تەبرىكلەپ يازغان ‹‹ھىلالىيە›› دېگەن قەسىدىسىنى تەقدىم قىلدى. سۇلتان ھۈسەيىن  ئۆزىنىڭ دوستى دەپ قارايدىغان ئەلىشىرنى قارشى ئېلىپ، شەرىپىگە ھېراتنىڭ سىرتىدىكى ‹‹باغى زاغان›› سارىيىدا زىياپەت بەردى ۋە ئەلىشىرنى ئالدى بىلەن مۆھۈردار(نىشانچى) قىلىپ تەيىنلىدى. ئەلىشىرنىڭ يۇقىرىدا ئىسىملىرى  تىلغا ئېلىنغان تاغىلىرى مىر سەئىد بىلەن مۇھەممەد ئەلى بەگلەر ئەبۇ سەئىد مىرزا ھۆكۈمدارلىق قىلغان دەۋردە ھۈسەيىن بايقارا تەرەپدارى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. ئەلىشىر 1470- يىلى  5- ئايدا ئاققويۇنلۇ تۈركمەنلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ھېراتنى ئىشغال قىلغان يادىكار مۇھەممەد مىرزا ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ئىشىدا كۆرسەتكەن تۆھپىسى بىلەن دوستى ھۈسەيىن بايقاراغا بولغان پېداكارلىقىنى ئىسپاتلىدى. سۇلتان مۇرغاپتىن ئۈچ كۈنلۈك يولنى بىر كۈندە بېسىپ، ‹‹باغى زاغان›› سارىيىنى كىچىلەپ مۇھاسىرىگە ئالدى. قول ئاستىدىكى خادىمى ئەلىشىر  ئۆزىگە پەقەت بىرلا كىشىنى ھەمرا قىلىپ،  قىلىچىنى يالىڭاچلاپ، سارايغا كىرىپ يادىكار مىرزىنى تۇتۇپ سۇلتان ھۈسەيىنگە تاپشۇردى. شاھزادە دەرھال ئۆلتۈرۈلۈپ، سۇلتان ھۈسەيىن تەخت رەقىبىدىن قۇتۇلدى. بۇ خىل سەمىمىي ۋە پېداكىرانە ھەرىكەتلەر شائىر سۇلتاننىڭ شائىر بېگىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. سۇلتان ئۈچۈن ئەلىشىر شۇ ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ ۋە سۇلتانلىقنىڭ بىر تايانچىسى(رۇكنەل سەلتەنە) ئىدى. 1472- يىلى سۇلتان ئەلىشىرنى ‹‹دىۋان بېگى›› قىلىپ تەيىنلىدى. سۇلتان مۇھەممەد بىن ئەمىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇ ‹‹ئەمىرى دىۋانى مال›› قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى.(13)سۇلتان ھۈسەيىننىڭ پەرمانىغا ئاساسلانغاندا بولسا، ئەلىشىر ‹‹ئەمىرى دىۋانى بۇزرۇگى ئەمارەت››، يەنى ‹‹تۇۋاچى دىۋانىنىڭ بېگى›› قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. ‹‹تۇۋاچى دىۋانى›› شۇ ۋاقىتتا قوشۇننى ۋە تۈركلەردىن بولغان پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشقا مەسئۇل دىۋان ئىدى. بۇ ‹‹تۈرك دىۋانى›› دەپمۇ ئاتىلاتتى. ‹‹دىۋانى مال›› بولسا، مالىيە ۋە تۈرك بولمىغان ئىرانلىق رەئىيە(خەلق) نىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل دىۋان بولۇپ، بۇ ‹‹سارت دىۋانى›› دەپمۇ ئاتىلاتتى. بۇ دىۋانلارنى باشقۇرغان تۈرك بەگلىرىگە ‹‹دىۋان بېگى›› دېگەن نام بېرىلدى. تۈرك دىۋانىنىڭ كاتىپلىرى ‹‹باخشى›› ياكى ‹‹نۇۋىسەندېگانى تۈرك››، سارت دىۋانىنىڭ كاتىپلىرى بولسا ‹‹ۋەزىر›› ياكى ‹‹نۇۋىسەندەگانى تاجىك›› دېيىلەتتى. تۈرك ۋە سارت دىۋانلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان تۈرك بېگى ‹‹ئۇلۇغ بەگ›› دەپ ئاتىلاتتى. ئەلىشىر بولسا ‹‹ئۇلۇغ بەگ›› ئەمەس، باشقا بەزى بەگلەرگە ئوخشاش ‹‹دىۋانى ئالى››(يەنى تۈرك دىۋانى) نىڭ ئەزاسى ۋە ‹‹ئىچكى››(يەنى سۇلتاننىڭ يېقىن ئادىمى ۋە دوستى) ئىدى. ئەلىشىرنى سۇلتان ھۈسەيىننىڭ ۋەزىرى دەپ ھېساپلاش خاتا. چۈنكى ‹‹ۋەزىر›› نامى ئۇ چاغدا پەقەت تۈرك بەگلىرىگە تەۋە بولغان ئەجەم كاتىپلار ئۈچۈن قوللىنىلاتتى. ئەلىشىر 1487-1488-يىللىرىدا 15 ئايغا يېقىن ئاستەراباد ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋالىسى بولدى. باشقا بارلىق ۋاقتىنى بولسا ھېراتتا ئۆتكۈزدى. يۈرۈشلەردە سۇلتاننىڭ يېنىدا بولدى ياكى بەزى يۈرۈشلەر بولغاندا ھېراتتا قېلىپ، سۇلتاننىڭ ئەنىشتەسى(ھەدىسىنىڭ ئىرى-ت) مىرانشاھنىڭ  نەۋرىسى  ۋە دەستلەپكى چاغاتاي شائىرلىرىدىن بىرى بولغان سىدى ئەھمەد مىرزىنىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد مىرزا بىلەن بىرلىكتە سۇلتانغا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتىدى. دوستى ھەسەن ئەردەشىرمۇ  ئەلىشىر بىلەن بىر يىلدا ‹‹دىۋانى ئالى››نىڭ بېگى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. 1484 - يىلى ئىنىسى دەرۋىش ئەلىمۇ دىۋان بېگى بولدى. ئەلىشىرنىڭ دەستلەپ ئۆتىگەن مۆھۈردارلىق ۋەزىپىسى بولسا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى، شائىر شەيخىم ئەھمەد سۇھەيلىگە بىرىلدى. ئەلىشىر ئىدارە قىلىش ئىشلىرىدا ھۆكۈمداردىن قالسا ئەڭ چوڭ نۇپۇزلۇق كىشى ئىدى. لېكىن، ئۇ رەسمىي ۋەزىپىلەردىن چېكىنىپ، پەقەت ‹‹ئىچكى›› سۈپىتىدە قېلىشنى ئارزۇ قىلدى. بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار ئىدى. بىرى، ناھايىتى مۈلۈكدار كىشى بولغانلىقتىن رەسمىي ۋەزىپىلەردىن ماددى جەھەتتە پايدىلىنىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىدى. يەنە بىرى، تۈرك ۋە موڭغۇل ‹‹تۆرە››سى تەلىپى بويىچە ئەلىشىر مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر قەبىلىسى بەگلىرى مۇراسىملاردا ۋە مەجلىسلەردە بارلاس، ئارلات، تارخان، قىيات ۋە قوڭرات بەگلىرىدىن كېيىن ئورۇن ئېلىشقا مەجبۇر ئىدى. ئەلىشىرمۇ دۆلەتتە ھۆكۈمداردىن قالسا ئىككىنجى نومۇرلۇق شەخس بولسىمۇ، دىۋان مەجلىسلىرىدە، مۇراسىملاردا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەبىلە بەگلىرىدىن كېيىن ئولتۇرۇشقا، پەرمانلاردا ئۆز مۆھۈرىنى ئۇلارنىڭ مۆھۈرىنىڭ ئاستىغا بېسىشقا مەجبۇر بولاتتى. ئۆزى مەغرۇر بىر زات بولغاچقا، بۇنىڭغا زادى چىداپ تۇرالمايتتى. بەزى قەبىلە بەگلىرىنى باشقا قەبىلە بەگلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇندا ئولتۇرغۇزۇش ھۆكۈمدارنىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى، بۇ چاغاتاي ئۇلۇسى تۈرك – موڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئورنىنى ئۆزگەرتىش  دېگەنلىك بولاتتى. ھۆكۈمدارنىڭ يېنىدا باشقا قەبىلە بەگلىرىدىن تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇن تۇتۇش ئۈچۈن بىردىنبىر چارە رەسمىي مەنسەپتىن ۋاز كىچىپ سۇلتاننىڭ يېقىن ئادىمى بولۇش ئىدى. نىھايەت، ئەلىشىر 1490- يىلى دىۋان بەگلىكىنى ئۆز ئادەملىرىدىن بابا ئەلى ئىشىك ئاغا دېگەن بىر  بەگكە ئۆتۈنۈپ بەردى. بۇنىمۇ ئۇ ‹‹مۆھۈر سۇندۇرۇش›› دېگەن نام بىلەن ئىپادە قىلدى. بۇ ۋەقەنى ئەلىشىر بىر شېئىرىدە مۇنداق بايان قىلغان:

    چۈن باڭا لۇتف ئەتتى شەھ دىۋاندا مۈھر

    بۇ ئىدى ئىلدىن قۇيى مۈھر ئۇرماغىم

    كىم غۇرۇرى نەفسى سەركەش مەنئىغە

    بارچەدىن بولغاي قۇيى ئولتۇرماغىم 

    چۈن شىكەستى نەفسى ھاسىل بولمادى

    مۇندىن ئولدى مۈھرۈمى سىندىرماغىم.

    بابۇر مىرزا ئەلىشىرنىڭ بۇ ئىستىپادىن كېيىنكى ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، ‹‹ئەلىشىر بەگ مىرزىنىڭ(يەنى سۇلتان ھۈسەيىننىڭ) بېگى ئەمەس، يېقىن ئادىمى ئىدى›› دېگەنىدى. دىۋان بەگلىكىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئەلىشىرنىڭ دۆلەت ئىشلىرىدىكى نۇپۇزى ۋە ئەمىرلەر ئارىسىدىكى ئېتىبارى بۇرۇنقىدىنمۇ زور بولدى. ئارزۇ قىلغىنىغا قارىماي، دۆلەت ئىشلىرىدىن ھىچقاچان ئايرىلالمىدى. مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى ئەمىرلەرنىڭ،  شۇ ئەسنادا بەلخ ۋالىسى بولغان قېرىندىشى دەرۋىش ئەلىنىڭ ئىسيانلىرىنى ۋە خانىدان ئىچىدىكى نىزالارنى بېسىقتۇرۇشتا ئەڭ مۇھىم رول ئوينىدى. سۇلتاننىڭ دۆلەت ئىشلىرىدە ئەلىشىرنىڭ ياردىمىگە بولغان ئېھتىياجى شۇ قەدەر زور ئىدىكى، ئەلىشىر 1499- يىلى ھەجگە بېرىش ئۈچۈن ئىجازەت قىلىشنى قەتئىي تەلەپ قىلغاندا، سۇلتان ئاخىرى بىر پەرمان چىقىرىپ ئىجازەت بىرىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ‹‹تېخى ۋاقتى ئەمەس›› دەپ، ئۇ ئىجازەتتىن ‹‹ھازىرچە پايدىلانماي تۇرۇشنى›› ئۇنىڭدىن ئۆتۈندى. ئەلىشىرمۇ ھەجگە بارالمىدى. ئوتتۇز ئىككى يىلغا يېقىن سۇلتان ھۈسەيىننىڭ يېنىدا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن كېيىن، 1500-يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئاستەراباد يۈرۈشىدىن قايتقان سۇلتاننى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كىتىۋاتقاندا يۈرەك كىسىلى قوزغالدى. ھۆكۈمدار  ئۇنى  ئۆز تەھتىرۋانىدا ھېراتقا ئېلىپ كەلدى. ئەلىشىر ھەر ۋاقىت ئۆزى بىۋاسىتە كېلىپ ھال -ئەھۋال سوراپ تۇرغان دوستى سۇلتاننىڭ كۆز ئالدىدا 1501- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى 60 يېشىدا ئۆز سارىيىدا ۋاپات بولدى ۋە سارىيى ئەتراپىغا بىنا قىلدۇرغان قۇدسىيە جامەسىنىڭ يېنىدا بۇرۇن ياسىتىپ قويغان گۈمبەزگە دەپنە قىلىندى. ئەلىشىر دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سارىيىدا ئۈچ كۈن تۇرغان سۇلتاننىڭ  بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمى بىلەن يەتتە كۈندىن كېيىن شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ‹‹ھەۋزى ماھىيان››دا يەنە ھۆكۈمدارنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكىدە بىرىلگەن تۈرك ئۇسۇلىدىكى ‹‹ئاش››(يەنى ‹‹يوغ›› ئېشى-نەزىرە) ھېرات تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە بولدى. بۇ مۇراسىمدا شاھزادىلار ۋە مەملىكەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەمىرلىرى، خاندەمىرنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، ‹‹ئادەتتىكى جارچىلارغا ئوخشاش›› يۈگۈرۈپ – يۈرۈپ خىزمەت قىلىپ، بۇ بۈيۈك ئىنسانغا  بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى كۆرسەتكەنىدى.

    ئەلىشىر تىمۇرىيلار دەۋرى ئەمىرلىرى ئىچىدە ھاياتى تەپسىلى ئېنىقلانغان بىردىنبىر شەخستۇر. ھاياتىنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلغانلاردىن  خاندەمىر ئەلىشىر ھەققىدە ‹‹مەكارىمى ئەخلاق›› نامى بىلەن بىر ئەسەر تۈزگەنىدى.(14)زەينەلدىن مۇھەممەد ۋاسىفىمۇ   ئەلىشىرگە ۋە ئەلىشىر دەۋرىدىكى ھېراتنىڭ ھاياتىغا دائىر مول خاتىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.(15)ئەلىشىرنىڭ ھاسىغا تايىنىپ تۇرغان ۋاقتىدا تىمۇرىيلاردىن چۈچۈك مىرزا تەرىپىدىن ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلىنغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن ۋە توپقاپى سارىيىدا ساقلانغان نۇسخىسىدىن ئېلىنىپ، تۈرك تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان رەسىمىدە ئەلى ئىسىملىك بىرىسىنىڭ ئىمزاسى بار. ئاشۇ رەسىمنىڭ ئەلىشىرنىڭ خۇسۇسىي رەسساملىرىدىن مەھمۇد مۇزەھھىب تەرىپىدىن سىزىلغان ۋە بىراز ئۆزگەرتىلگەن باشقا بىر نۇسخىسىدا شائىرنىڭ  ياشانغان چاغلىرى تەسۋىرلەنگەن.(16)ئەلىشىرنى مۇشۇنداق ھاسىغا تايىنىپ تۇرغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن رەسىمنىڭ تۇنجى بولۇپ بېھزاد تەرىپىدىن سىزىلغانلىقى زەينەلدىن ۋاسىفىنىڭ ئەسىرىدە تەپسىلاتى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ.(17)ھەر ھالدا توپقاپى سارىيىدىكى رەسىمنىڭ بېھزاد تەرىپىدىن سىزىلغان ئەسەرنىڭ باشقا بىر نۇسخىسى ئىكەنلىكى، يەنى توغرىلىقى ئېنىقتۇر. خاندەمىرنىڭ ئەسىرىدىكىگە ئوخشاش(18)، ھەيدەر مىرزا(19)ۋە سۇلتان مۇھەممەد بىن ئەمىرىنىڭ ئەسىرىدىمۇ(20)ئەلىشىرنىڭ ھاياتى گۈزەل ئەخلاقنىڭ بىر نەمۇنىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. مىرخاند ئەلىشىرنىڭ خاراكتېرىنى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك بىر شەكىلدە مۇنداق كۆرسەتكەن :‹‹ساپ ئەخلاقلىق، سەمىمىي بىر ئىنسان، تەدبىرلىك ۋە ھەيۋەتلىك دۆلەت ئادىمى››، ‹‹ئۇنىڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى ئۆمرۈنى ۋە ئەمگىكىنى پەقەت  ئۇلۇغ ۋە گۈزەل ئىشلارغا بېغىشلاش، چاكىنىلىق ۋە كىچىك ئىشلاردىن  ساقلىنىشتۇر.››(21)ئەلىشىر زور بايلىققا ئىگە بولۇپ، رەسمىي  مەمۇرىيەتتە  بولغان چاغلاردا دۆلەتتىن مۇئاش ئالمىغان، ئەكسىچە ئۇ ھەر يىلى دۆلەتكە زور مەبلەغ بىرىپ ياردەمدە بولغانىدى. ئەلىشىر ئەبۇ سەئىد مىرزا دەۋرىدە ئۆزىگە مۇئاش بىكىتمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلغان ۋە سەمەرقەنتە قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ شۆبھىسىزكى پەقەت مال-مۈلۈك تەمەسىدىن يىراق تۇرغان بىر باينىڭ شىكايىتىدۇر. ھېراتقا بېرىپ بىر قانچە يىلدىن كېيىن ئىگە بولغان زور  بايلىقلىرى بارتولدنىڭ دېگىنىدەك،  دۆلەت مەمۇرى بولغان مەزگىلىدە توپلىغان مال – مۈلۈك بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ئەجدادىدىن مىراس قالغان  بايلىق ئىكەنلىكى مەلۇم.(22) ئەلىشىر ھېراتنىڭ شىمالىدىكى ئىنجىل قانىلى بىلەن گازىرگاھ ئارىسىدىكى ئۆزىگە سۇلتان تەرىپىدىن بىرىلگەن كەڭ زىمىننى گۈللەندۈرۈپ، ئۆز نامىدا ئاتالغان بىر مەھەللە بىنا قىلدى ۋە سارىيى(ئۇنسىيە) يېنىغا چوڭ بىر جامە(قۇدسىيە)، ‹‹ئىخلاسىيە›› نامىدا بىر مەدرەسە، ‹‹خالاسىيە›› نامىدا بىر خانىقاھ (تەككە)، بىر شىپاھخانا ۋە بىر دارۇلھۇففاز[7]  بىنا قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا باغچىلارنى ياساتتى. بۇ جامائەت مۇئەسسىسەلىرى ئۈچۈن بەش مىليۇن كەپەك دىنارى(ھازىرقى تۈرك پۇل بىرلىكى بويىچە ھېساپلىغاندا تەخمىنەن 2-3 مىليون تۈرك لىراسى) قىممىتىدە مال- مۈلۈك ۋەھپە قىلدى. ئەلىشىرنىڭ ھەم ھېراتتا، ھەم خوراساننىڭ  باشقا جايلىرىدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن  مەدرىسە، خانىقاھ، كارۋانساراي، كۆۋرۈك ۋە مەقبەرىلەرنىڭ سانى 370 كە يىتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئەلىشىر خوراسان تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ساخاۋەتچى سۈپىتىدە خاراكتېرلەندۈرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ بىر مۇنچىسىنى دۆلەتشاھ(23)بىلەن خاندەمىر(24)تىلغا ئالغان. بۇلاردىن پەقەت مەشھەدنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ‹‹رابات سەنگى بەست›› نىڭ(25)، نىشاپوردىكى فەرىددىن ئەتتار مەقبەرىسىنىڭ(26)، ھېراتتىكى ‹‹جامىئى كەبىر››نىڭ ئەلىشىر تەرىپىدىن يېڭىدىن ياسىتىلغان قىسمى  بىلەن مەزار ئەبۇل ۋەلىدنىڭ رەسىملىرىنى ئو.نېدىرمېيېر ئەلىشىرنىڭ ئەسەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ئىلان قىلغان.(27)ئەلىشىرنىڭ ھېراتتىكى مۇھىم ئەسىرى مەھەللەئى ئەلىشىر ھازىر پۈتۈنلەي خاراپ بولغان بولۇپ، ئورنىغا باغچە ۋە ئورمانلىقلار بىنا قىلىنغان. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ يەر ھازىرمۇ ‹‹كۇچەئى ئەلىشىر›› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇرۇنقى قۇدسىيە جامەسى خارابىسىنىڭ يېنىدا بولغان قەبرىسىمۇ (‹‹مەزارى شاھى غارى بان ئەلشىىر››) بىر زىيارەتگاھقا ئايلانغان.

    ئەلىشىر شائىر ۋە مۇتەپەككۇر : ئەلىشىر شائىر ۋە ئەدىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ دەۋردىكى تۈرك زىيالىلىرى ھەيران بولغان ئىران ئەدەبىياتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى تۈرك روھىغا ئۇيغۇن بىر شەكىلگە كەلتۈرۈپ، تۈركچىنى يۈكسەك بىر سەنئەت تىلىغا ئايلاندۇرۇش ۋە زىيالىي تۈركنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان تۈركچە يۈكسەك سەنئەت ئەسەرلىرى يارىتىشنى غايە قىلدى. ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىران شائىرلىرىدىن نىزامى ۋە خۇسرەۋ دىھلەۋى ئۇسلۇبىدا بەش نەزمىي ئەسەرنى ئاساس قىلىپ تۈزگەن ۋە 1484- يىلى تاماملىغان 64 مىڭ مىسرالىق ‹‹ھەمسە››سىدۇر. بۇ ‹‹خەمسە››نىڭ بىرىنجى پارچىسى بولغان ‹‹ھەيراتۇل ئەبرار›› ئەخلاق ۋە تەسەۋۋۇپقا ئائىت سۆھبەت ۋە ھېكايىلاردىن، باشقىلىرى بولسا فەرھاد ۋە شىرىن، لەيلى ۋە مەجنۇن، ئىسكەندەر ۋە بەھرام گۇرغا دائىر شېئىرىي رومانلاردىن ئىبارەتتۇر. باشقا چوڭ ئەسىرى ‹‹خەزائىنۇل مەئانى›› دېگەن نام بىلەن ئاتىغان، 55 مىڭ مىسرالىق تۈركچە دىۋانى بولۇپ، ھاياتىنىڭ تۆت دەۋرىدە يازغان شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئېتىبارى بىلەن ‹‹غەرايىبۇس- سىغەر››، ‹‹نەۋادىرۇش – شەباب››، ‹‹بەدايىئۇل – ۋەسەت››، ‹‹فەۋائىدۇل –كىبەر›› دېگەن  تۆت قىسىمدىن تۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا تەخمىنەن 12 مىڭ مىسرا  كىلىدىغان پارسچە دىۋانىمۇ بار. ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا (1498-يىلى) فەرىددىن ئەتتارنىڭ ‹‹مەنتىقۇتتەير›› ناملىق ئەسىرىگە نەزىرە سۈپىتىدە يەتتە مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان ‹‹لىسانۇتتەير›› دېگەن بىر ئەسەر يازدى. بۇنىڭدىن باشقا تەزكىرە خاراكتېرىنى ئالغان ‹‹مەجالىسۇن – نەفائىس››(1491-يىلى) بىلەن جامىنىڭ ‹‹نەفەھاتۇل - ئۇنس›› دېگەن ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق سۇفىلار ۋە تەسەۋۋۇپچىلار ھاياتىغا ئائىت يازغان ‹‹نەسايىمۇل مەھاببە مىن شەمائىمۇل فۇتۇۋە›› (1495-يىلى) دېگەن ئەسەرلىرى بار. كېيىن دوستلىرىدىن جامى، ھەسەن ئەردەشىر ۋە پەھلىۋان مۇھەممەدكە ئائىت خاتىرىلىرى(‹‹خەمسەتۇل – مۇتەھەييىرىن››، ‹‹ھالاتى ھەسەن ئەردەشىر››، ‹‹ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد كۇشتىگىر››) بىلەن مەكتۇپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەتلەر،  تېپىشماق ۋە ئارۇزغا دائىر رىسالىلىرى، ھېراتتا ئۆز مەھەللىسىدە بىنا قىلغان ئىلىم مۇئەسسىسەلىرىگە ئائىت، تەكەللۇپلۇق بىر تىل بىلەن يېزىلغان ‹‹ۋەھفىيە››سى مۇھىم ئەسەرلەردىن بىرىدۇر. ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا يازغان ئەسەرلەردىن ‹‹مۇھاكەمەتۇل – لۇغەتەين››(1498-يىلى) ۋە ‹‹مەھبۇبۇل - قۇلۇب›› (1500-يىلى)لار بەك مەشھۇر بولغان. بۇ ئەسەرلەردىن ‹‹خەمسە›› 1880-يىلى خىۋەدە، 1904-يىلى تاشكەنتتە، تۆت دىۋانىدىن ‹‹غەرايىبۇس –سىغەر›› 1881- يىلى خىۋەدە بېسىلدى. بولۇپمۇ ‹‹غەرايىبۇس-سىغەر››دىن ئېلىنغان پارچىلار(‹‹مۇنتەھەبات››) تاشكەنت، بۇخارا، تەبرىز ۋە ئىستانبۇلدا كۆپ قېتىم بېسىلدى. باشقا ئەسەرلىرىدىن بەيزاۋىنىڭ كىتابىدىن پايدىلىنىپ يازغان قەدىمكى ئىران تارىخى ‹‹تارىخى مۇلۈكى ئەجەم›› كۇئاترمېرې تەرىپىدىن پارىژدا (1841-يىلى) ۋە بۇنىڭ  قەدىمكى بىر تۈركچە تەرجىمىسى ‹‹تارىخى فەنائى›› نامى بىلەن 1782-يىلى ۋىنادا بېسىلدى. ‹‹مۈنشەئات›› بىلەن ‹‹ۋەھفىيە››سى 1926- يىلى باكۇدا، ‹‹مەجالىسۇن - نەفائىس›› دېگەن ئەسىرىمۇ ‹‹باغى ئىرەم›› ناملىق تەزكىرەنىڭ يان تەرىپىگە (تاشكەنت، 1908-يىلى) بېسىلدى. شائىرنىڭ مىللىي تىل ۋە ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى نامايەن قىلىدىغان ئەسىرى بولۇش ئېتىبارى بىلەن كۆپ ئوقۇلغان ‹‹مۇھاكەمەتۇل - لۇغەتەين›› دېگەن رىسالىسى پارىژ (1841-يىلى)، ئىستانبۇل(1899-يىلى) ۋە قوقاندتا(1918-يىلى)، تۈركمەنچىسى ئاشخابادتا (1925- يىلى) بېسىلدى. ‹‹مەھبۇبۇل – قۇلۇب››مۇ ئىستانبۇل(1889-يىلى)، بۇخارا (1907- يىلى) ۋە تاشكەنتتە بېسىلىپ كەڭ تارقالدى. دىۋانىدىن ‹‹نەۋادىرۇش – شەباب››، ‹‹بەدايىئۇل- ۋەسەت››، ‹‹فەۋائىدۇل - كىبەر›› ۋە بۇلارغا قۇشۇمچە قىلىنغان قىتئەلەر، ساقىينامەلەر، تەرجىئىبەند، قەسىدە ۋە رۇبائىلار بىلەن تۈرك تەسەۋۋۇپى ۋە پىكىر تارىخى جەھەتتىن مۇھىم  بولغان ۋە تىلىمۇ ئاددى يېزىلغان ‹‹نەسايىمۇل - مەھاببە›› دېگەن ئەسىرى تېخىچە تەتقىق قىلىنمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھازىرغا قەدەر بېسىلغان ئەسەرلىرىدىنمۇ ھېچبىرى تەنقىدىي شەكىلدە نەشىر قىلىنمىدى. خاتالىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلاردىن تېخى ھىچقايسىسى ياۋرۇپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنمىدى.(28)ئەلىشىر ئەسەرلىرىدە ھەيران قالغان ئىران كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پىكىرلىرىنى تۈركچىدە قايتا ياراتقاندا، بۇلارنى ئىران ئەدەبىياتىدىكى ئىپادىلەش شەكىللىرى، ئوخشىتىش ۋە كىنايى ۋاسىتىلار ئارقىلىق چۈشەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەسەرلىرىگە تۈرك ھاياتىدىن كۆرۈنىشلەرنى كىرگۈزدى. تىمۇرىيلار دەۋرىدىكى تۈرك ۋە موڭغۇللارنىڭ چىدىر، ئۆي، شەھەر، ئىسىلزادىلەر ۋە ساراي ھاياتىدىن ئېلىنغان مىسال، ئاتالغۇ ۋە تەبىرلەردىنمۇ كەڭ دائىرىدە پايدىلاندى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىران كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق ئىنچىكە تەرەپلىرىنى مۇكەممەل ئىگەللەپلا قالماي، بەلكى يەنە تۈرك تىلىنى، بولۇپمۇ شەرق تۈركچىسىنى، تۈرك ئېتنوگرافىيەسىنى ۋە تارىخىنىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىش لازىم. بۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان شەرقشۇناسلار تېخى مەيدانغا كەلمىدى. ھازىرچە ئەلىشىرنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات سۈپىتىدە پەقەت ئىرانشۇناس بېرتېلسنىڭ ‹‹لىسانۇتتەير››نى ئەتتارنىڭ ‹‹مەنتىقۇتتەير›› بىلەن سېلىشتۇرما قىلغان بىر ماقالىسىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.(29)شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ  نام جەھەتتىن ئىران كلاسسىك ئەسەرلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىغا ۋە شەخسەن ئەلىشىرنىڭمۇ ئەسەرلىرىنى كەمتەرلىك يۈزىسىدىن بۇ ئىران كلاسسىكلىرىدىن ئىلھاملىنىپ ‹‹ئەھمىيەتسىز جاۋاپلار›› دەپ ئاتىغانلىقى(30)نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇلارنى ھىچقانداق ئورگىناللىقى بولمىغان تەقلىتلەردىن ئىبارەتتۇر دەيدىغان چۈشەنچە بويىچە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەرنىڭ(31)تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئەلىشىرنىڭ پەقەت بىرلا ئەسىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ دەستلەپكى تەجىرىبىمۇ يىتەرلىكتۇر. ئەلىشىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئورگىناللىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ‹‹خەمسە››سى ۋە ‹‹دىۋان››ى ئارقىلىق ئېنىق كۆرۈلىدۇ. ئەسلىدە جامىمۇ(32)ئەلىشىرنىڭ ‹‹خەمسە››سىنىڭ نىزامى ۋە خۇسرەۋ دىھلەۋىنىڭ ‹‹خەمسە››لىرىگە نىسبەتەن يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى  ئوتتۇرىغا قويغان. بىزمۇ ئۇنىڭ بۇ پىكرىنى تامامەن ھەقلىق دەپ قارايمىز. ئەلىشىر بۇ بۈيۈك ئەسىرىنىڭ تەركىۋىدە مىللىي غايىگە ئۇيغۇن بىر پىلاننى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئاخىرىغا قەدەر بۇ پىلانغا سادىق بولدى. نىزامى، خۇسرەۋ دىھلەۋى ۋە جامىنىڭ يولىغا  قارشى ھالدا ئەلىشىر ‹‹خەمسە››گە كىرگەن رومانلىرىدا ۋەقەنىڭ جەرىيانىغا ئائىت تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بەرمەي، بەزىدە مەلۇم رىۋايەتلەرنى قىسقارتىش، بەزىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى بىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بايان قىلغان فەرھاد ۋە شىرىن، لەيلى ۋە مەجنۇن، ئىسكەندەر ۋە بەھرام گۇر  تېمىلىرىنىڭ ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئەھمىيىتى گۈزەل سەنئەتكە ۋە ئىجادىيەتكە بولغان مەپتۇنلىقىنى كۆرسىتىش، نازۇك ۋە ئىلاھى تۇيغۇلىرىنى بەدىئىي بىر شەكىلدە ئىپادە قىلىش، تۈرك سۇلتان، بەگ ۋە زىيالىلىرىغا بۇ ئۇلۇغ پىكىرلەرنى تۈركچە ئارقىلىق تۇرك روھىغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە  قوبۇل قىلدۇرۇش، ئۇلارغا ئىدىئال دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىلىرىنى بەدىئىي بىر شەكىلدە سىڭدۇرۇش ئۈچۈن  پۇرسەت يارىتىش  ئىدى. ئۇ فەرھادنى يالغۇز بىر سەنئەتكار، مىمار، رەسسام، قەھرىمان بىر ئەسكەرلا ئەمەس،  يەنە مۇكەممەل بىر ئىنسان بولغان چىن شاھزادىسى، چىن ھۆكۈمدارى بولغان بىر موغۇل خاقانىنىڭ ئوغلى سۈپىتى بىلەن خاراكتىرلەندۈرگەندە، ئۆزىنىڭ چىن سەنئىتىگە بولغان سۆيگۈسىنى، قەھرىمانلىق بىلەن سەنئەتكارلىقنىڭ،  سۆيگۈ بىلەن شەيدالىقنىڭ بىر يەرگە قانداق جەم بولغانلىقىنى، ئۇنىڭچە ئىدىئال بىر ئىنسان بولغان بۇ چىن شاھزادىسىنىڭ مەزلۇم ۋە مەسۇملارنى قوغداش ئۈچۈن قانداق ئىستەكلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ. ئەلىشىر ئۆزى ياراتقان فەرھاد تىپىنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆلگەندىن كېيىن قەبرە تېشىنىڭ فەرھادقا ئوخشاش بىر سەنئەتكار تەرىپىدىن يونۇلۇشىنى خىيال قىلىدۇ. چىن شاھزادىسىنىڭ جەسىتىنىڭ ئىران ۋە ئەرمەنىستان تاغلىرىدا قېلىشىنى خالىمىغان شائىر بۇ دىيارغا باشقا بىر چىن شاھزادىسى بەھرام  دىلاۋەرنىڭ كېلىپ زۇلۇمنى يوقىتىپ، ئادىل بىر ھاكىمىيەت قۇرغانلىقى ۋە فەرھادنىڭ جەسىتىنى چىنگە ئېلىپ كەتكەنلىكىگە دائىر تەپسىلاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىدۇ. ئەلىشىر بەھرام گۇر(‹‹سەبەئى سەييارە››) قىسسەسىدە بۇ ئىران ھۆكۈمدارىنىڭ چىن چېگرىسىدا (باشقا بىر رىۋايەتكە قارىغاندا خوتەن شەھرىدە)  ياشىغان بىر باي سودىگەر خوجىنىڭ قىزى دىلئارامنىڭ گۈزەللىكىگە دائىر مەلۇماتنى چىندىن بۇ قىزنىڭ رەسىمىنى ئېلىپ كەلگەن مانى نەققاشتىن ئاڭلىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بۇ نەققاشنىڭ ياردىمى بىلەن چىنگە بېرىپ قىزغا ئىرىشكەنلىكى ھەققىدىكى ئىجادىيىتىنى ھەقىقىي بىر مىللىي تۈرك ھېكايىسى شەكلىدە بايان قىلىدۇ. بەھرام گۇرنىمۇ سۇلتان ھۈسەيىنگە ئوخشىتىپ، بىر تۈرك ھۆكۈمدارىغا ئوخشاش تەسىۋىرلەيدۇ. ھەتتا ئۇنىڭغا ئائىت ھېكايىنى تۈركچە نەزمىي شەكىلدە يازغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چۈشىدە ھەيران قېلىپ مەدھىيە سۆزلىرىنى دېگەنلىكىنى يازىدۇ. ئەلىشىر دىلئارامنى چىن مۇزىكىسىنىڭ ئۇستادى سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدۇ ۋە نىزامى بىلەن خۈسرەھ دىھلەۋىنىڭ تەسۋىرلىرىدىن پەرقلىق ھالدا دىلئارامنى بەھرام گۇر تەرىپىدىن بىر ئوۋ ئويۇنىدا ئۆلتۈرگۈزۈپ، بەھرامنى بۇ سەۋەپتىن ھەددى ھېساپسىز غەم – ئەندىشىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ ۋە بەھرامنىڭ يەتتە ئىقلىم گۈزەللىرىدىن تەسەللى تېپىش ئېھتىياجىنىمۇ دىلئارامنى كەيپچىلىكتە ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئېغىر ئازاپتا قالغانلىقى بىلەن ئىزاھلىغان بولۇپ، بۇ ئىجادىيەت نىزامى ۋە خۈسرەھ دىھلەۋىنىڭ تەسۋىرلىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئىسكەندەر تېمىسى ئەلىشىرگە ئىدېئال دۆلەت ھەققىدە ئالدىنقى ئاسىيا(غەربىي ئاسىيا-ت) ئارىستوتېلچىلىرىدىن ۋە ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تىن ئىلھاملانغان چۈشەنچىلىرىنى نامايەن قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېغىشلىدى. ئەلىشىر بۇ تېمىنىمۇ خېلىلا تۈركلەشتۈردى. ئۇنىڭچە، دارا ئىسكەندەرگە قارشى تۇرىۋاتقاندا  قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتى (برانغار) شەرقتە سەمەرقەندتىن چىنگە قەدەر سوزۇلغان، يېنىدا 100 مىڭ ئۆزبەك ۋە موغول(موڭغۇل-ت) بىلەن 150 مىڭ قالماق بار بولغان بىر ئالدىنقى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمدارىدۇر. ئەلىشىر كۆپۈنچە شەرق تۈركلىرى(ئۇيغۇرلار-ت) بىلەن بىرلەشتۈرگەن چىن خاقانىنىڭ ئىسكەندەرگە بەرگەن زىياپەتلىرىنى بىر تۈرك ھۆكۈمدارىنىڭ بىر ئەجنەبىي ھۆكۈمدارغا كۆرسەتكەن ئالاھىدە مىھماندوستلۇقى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئويۇن- تاماشالىرى، ئوۋ ۋە قوشۇن تەشكىلاتى جەھەتتە شەخسەن ئىسكەندەرنىمۇ بىر تۈرك ھۆكۈمدارى سۈپىتىدە تۇنۇتۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازىدا سۇلتان ھۈسەيىننى، بولۇپمۇ  ئۇنىڭ ئوغلى بەدىئۇززامان مىرزىنى تەسۋىرلەيدۇ. نىزامى بىلەن خۈسرەۋ دىھلەۋىنىڭ ئەسەرلىرى تىمۇرىيلار دەۋرىدە مىنياتۇرلار ئارقىلىق ناھايىتى گۈزەل بىزەلدى. لېكىن، قەدىمكى پارس كىسرالىرىنى، ھەتتا ئىسكەندەرنى ھەقىقىي بىر ئىران ھۆكۈمدارى تىپىدە خاراكتىرلەندۈرگەن بۇ ئەسەرلەرنى موغۇللار دەۋرىدە، بولۇپمۇ تىمۇرىيلارنىڭ ھېرات دەۋرىدە شۇ ھۆكۈمدارلارنى ھەقىقىي بىر تۈرك ھۆكۈمدارىنىڭ تىپىدەك تەسۋىرلىگەن مىنياتۇرلار ئارقىلىق بىزەش، بۇ ئەسەرلەرنىڭ پارسچە مەتىنلىرىدىكى تەسۋىرلەر بىلەن زىتلىق تەشكىل قىلاتتى. ئەلىشىرنىڭ ئەسەرلىرىدە بولسا بۇ ھۆكۈمدارلار بىلەن رومان قەھرىمانلىرى تۈرك قەھرىمانلىرىغا ئوخشاش تەسۋىرلەنگەنلىكتىن، بۇ ئەسەرلەرگە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نازارىتى ئاستىدىكى ھېرات رەسسمانلىرى تەرىپىدىن سىزىلغان رەسىملەر تېكىست  بىلەن ناھايىتى ماسلاشقانىدى. ئەلىشىر ‹‹ھەيرەتۇل–ئەبرار›› بىلەن ئىسكەندەر رومانىنى بىر مۇنچە ئىسلامىي ھېكايەتلەر بىلەن بىرلىكتە ‹‹فەھر رازى ۋە خارەزمشاھ››، ‹‹چىڭگىزخان ۋە خارەزمشاھ›› ۋە ‹‹سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزانىڭ ئاقىۋىتى›› قاتارلىق تۈرك تارىخىدىن ئېلىنغان ھېكايىلار بىلەنمۇ بېزىدى. ئەلىشىرنىڭ تۆت دىۋانى شائىرنىڭ تەخمىنەن 15 يېشىدىن ئىتىبارەن پۈتۈن ھاياتىنى، ئۆزىنىڭ ۋە مۇھىتنىڭ ھاياجانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى لىرىك شېئىرلاردىن ئىبارەتتۇر. زامانىسىدا بۈيۈك خەتتاتلار تەرىپىدىن يېزىلىپ، سەرخىل نەققاش ۋە رەسساملار تەرىپىدىن بىزەلگەن ‹‹رىكا››لارغا[8] ئاساس بولغان(33)، مۇزىكىشۇناسلار تەرىپىدىن ئاھاڭغا سېلىنغان، بەزمىلەردە ناخشىچى، رەققاس ۋە سورۇن ئەھلىنى ھاياجانلاندۇرغان بۇ غەزەللەر شۇ دەۋرنىڭ ھاياتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. دىۋانغا قوشۇمچە قىلىنغان ساقىينامەلەر، قىتئەلەر  ۋە قەسىدىلەردە تارىخىي ۋەقەلەر، كۈندىلىك ھاياتتىكى ھادىسىلەر، ھەر خىل شەخسلەر سۆز تېمىسى قىلىندى. بۇ بۈيۈك غەزىنە شۇ دەۋرنىڭ تارىخىنى پۈتۈن تەپسىلاتلىرىغا قەدەر بىلىدىغان شەخسلەر تەرىپىدىن تەتقىق قىلىشقا مۇھتاجدۇر. تىمۇرىيلار دەۋرىدىكى، بولۇپمۇ شائىرنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋردىكى شېئىر  ۋە سەنئەت ئەھلىنى خاراكتىرلەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى يامىنىنى ئايرىش مەقسىتىدە  قەلەمگە ئالغان ‹‹مەجالىسۇن –نەفائىس››مۇ شۇ دەۋردىكى پىكىر ھاياتىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن مۇھىم بىر مەنبەدۇر.(34)ئەلىشىر بۇ ئەسىرى ئارقىلىق ناھايىتى ئىنچىكە  بىر  تەنقىتچى ھەم  ئىنسان روھىنى چۈشىنىش ۋە ئىنسانلارغا باھا بىرىشتە پەۋقۇلئاددە ماھارەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ھاياتىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا يازغان ئەسەرلىرىدە ئۇنىڭ چارچىغانلىقى ھېس قىلىنىدۇ. بۇلاردىن ‹‹مەھبۇبۇل-قۇلۇب›› شۇ دەۋردىكى جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلاملىرى، بەگ، باھادىر، ياساۋۇل، نۋۋكەر، ياساقچى، قارا چېرىگ، قۇشچى، رەسسام، مۇزىكىشۇناس، دېھقان ۋە شەھەر ئاھالىسى سۆز تېمىسى قىلىپ يېزىلغان دىداكتىك بىر ئەسەر بولۇپ، زامانىسىنىڭ كىچىك بىر ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››ىدۇر. تۈرك ئاتا سۆزلىرى بىلەنمۇ بىزەلگەن بۇ ئەسەرنىڭ تىلى خېلىلا سەنئەتلىكتۇر.

    ئەلىشىرنىڭ ئەسەرلىرىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان روھ سەمىمىيەت، ساددىلىق، شىجائەت ۋە ئىرادە، خالىس نىيەتلىك، تەكەممۇللۇق ۋە تەمكىنلىك قاتارلىق ئەخلاق پىرىنسىپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنسان بىۋاسىتە ھاياتتىن خوشاللىق ئېلىشى، ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىنى سۆيۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىشقىدا كۆيۈشنى بىلىشى كېرەك. ئەلىشىرنىڭ دىنىي، پەلسەپىۋىي ۋە تەسەۋۋۇپىي مەسىلىلەردە چوڭقۇرلىشىش ئىستىكى بىلەن يازغان پارچىلاردا سۈننىيلىك كۆرۈلىدۇ. ئەكسىچە ئۇ بۇ دىنىي پىكىرلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەن يەرلەردە ناھايىتى ئۇتۇق قازاندى. ئۇ  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۈرك شەيخلىرىگە مايىل بولسىمۇ،  ئۆزىنى نەقشىبەندىلەردىن  ھېساپلايتتى. لېكىن، ئەلىشىر سۇفى ئەمەس، تەسەۋۋۇپجى ئىدى. دىندار بولسىمۇ، باشقا چاغاتاي ۋە موغۇل بەگ ۋە مىرزىلىرىغا ئوخشاش ئەلىشىرنىڭ نەزىرىدىمۇ ئىسلامىيەت تۈرك ئىسىلزادىلىرىنىڭ ھايات ۋە باياشادلىق ئىھتىياجلىرىغا ئۇيغۇن بولغان ۋە ئۇيغۇن بولۇشى زۆرۈر بولغان شاراپ، مۇزىكا، ئىچىملىك، رەسىم، نەقىش، دۆلەت ئىدارە قىلىش ھەتتا باج مەسىلىلىرىگە ئارىلاشمايدىغان ئىلاھىي بىر تۇيغۇدۇر. ئەلىشىرنىڭ شىكايەتلىرى كۆپ، لېكىن بۇلاردىن پەقەت ھەقىقىي دوستلۇق ھەسرىتىگە مەنسۇپ بولغانلىرى سەمىمى ئىدى. بولمىسا ئۇنىڭ روھىدا ئۈمىتسىزلىك يوق ئىدى. ئاللاھنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى سۆيىدۇ، لېكىن ئىنسانلارغا قىيامەتتىن سۆز ئاچمايدۇ. ئۇ ھۈسەيىن بايقاراغا، بەدىئۇززامان مىرزىغا مەملىكەت ئىدارە قىلىشتا ئادالەتلىك ۋە مەرتلىك كۆرسىتىش ۋە چوڭ تەرەققىياتلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئارقىلىق تارىختا ۋە مىللەتنىڭ قەلبىدە ياخشى خاتىرە قالدۇرۇش، لېكىن بوش ۋاقىتلىرىنى ئويۇن-تاماشا بىلەن خوشال ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدى. چۈنكى، ئىنسان دۇنياغا بىر قېتىم كېلىدۇ. ئۇنىڭچە، ئىنسان ھەم ياراتقان تەڭرىسىنى ئۇنۇتماسلىقى ھەم شاراپنى تاشلىماسلىقى، ھەم ناماز ئوقۇشى ھەم  ھەم ئىچىشى، لېكىن ئىچكەندىمۇ نامازنى تاشلىماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەلىشىر خەلىققە يېقىن تۇردى. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ئىنسان پەقەت خەلق ئۈچۈن ياشىغان ئىنساندۇر. شۇنداقتىمۇ ئۆزى ھەر ۋاقىت چاغاتاي ئىسىلزادىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىنى ساقلىدى. ئۇنىڭ ‹‹يا مېنى ھەۋاس ئىچىدە ساپ قىل، يا رەنجى ئاۋامدىن خالاس قىل›› تەرزىدىكى دۇئاسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بابۇر مىرزىنىڭ  مۇشۇ خىل  مەنىدىكى شېئىرىگە ئاساس بولدى. ئەلىشىر ئىنسانلارنىڭ روھىنى يالقۇنجىتىش بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۆزىمۇ ‹‹مۇڭلۇغ››، يەنى قەلبى خەستە، ئەزەلدىن باغرى  كۆيۈكتۇر(مۇڭلۇغ مەن ئو مۇڭ بىلەدىر پەيامىم-مۇڭلۇغ كىشىلەر سۆزىدىر كەلامىم). ئاشىقلىقى كۈچلۈكتۇر، لېكىن بۇ ئىشقتىمۇ يەنە ئەقىل ۋە مەنتىقە ھۆكۈمراندۇر. ئۇ ‹‹فەنا فىل ئىشق››قا ئايلانمىدى. بۇ ئېتىبارى بىلەن گېئوتىنى ئەسلىتىدۇ. ئەلىشىر قوللانغان تۈركچە خىتاپ قىلغۇچىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۈيۈك ئىران شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ۋە بىۋاسىتە پارسچە شېئىرلارنى يازغان يۇقىرى قاتلام تۈرك ئىسىلزادىلىرىنىڭ زوقىغا ئۇيغۇن قىلىپ يازغان نەسىر ۋە شېئىرلار ئىران كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بارلىق ئىنچىكە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن قىممىتى ئالاھىدە ئۈستۈندۇر. بۇ خىل ئەسەرلەردە ئەلىشىر سېنتاكىس جەھەتتىنمۇ تۈركچىنى مەجبۇرى قوللاندى. ساددىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان تۈركلەرگە خىتاپ قىلغاندا، مەسىلەن، ھېراتقا كەلگەن ئالتۇن ئوردۇ شاھزادىسى باھادىر سۇلتاننىڭ قۇرۇلتىيى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان ‹‹ساقىينامە››دە، دوستى ھەسەن ئەردەشىرگە بېغىشلىغان ئۇزۇن نەزمىي سۆھبەتلىرىدە،  شۇنىڭدەك ئەسەرلىرىدە شەخسەن ئۆزىنى ھاياجانلاندۇرغان ۋەقەلەرنى خاراكتېرلەندۈرگەندە ئاددى ۋە تەكەللۇپسىز بىر تۈركچىنى قوللانغاندى. ئەلىشىرنىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىيىتى ناھايىتى ئوچۇق ھالەتتە كۆرۈلگەن مىللەتچىلىگىدۇر. ئىسلام ۋە ئىران چۈشەنچىلىرى ئەلىشىرنىڭ روھىدا مۇھىم  ئورۇن تۇتقان بولسىمۇ، ئۇ ئۆز مىللىتىنى ۋە تىلىنى سۆيۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى تۈرك شېئىرىيىتىگە بېغىشلىدى ۋە بۇ جەھەتتە تارىختا ئوينىغان تەڭداشسىز رولىنىڭ ئىدراكىغا ئىرىشتى. ئۇ ‹‹لىسانۇتتەير›› دە ‹‹جاھاندا تۈرك ئەدەبىياتى بايرىقىنى كۆتۈرۈش ئارقىلىق تۈركلەرنى بىرلا مىللەت، بىرلا جامائەتكە ئايلاندۇرغانلىقى››نى تىلغا ئېلىپ ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇ ‹‹فەرھاد ۋە شىرىن››دە ‹‹ھىچ قانداق قوشۇنى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، ھەر تەرەپكە پەقەت دىۋانىنىڭ نۇسخىلىرىنى ئەۋەتىش بىلەن چىن چېگرىسىدىن تەبرىزگە قەدەر پۈتۈن تۈرك ھەتتا تۈركمەن ئەللىرىنى بويسۇندۇرغانلىقى››نى قەيت قىلىدۇ. ‹‹سەددى ئىسكەندەر››دە ئۇنىڭغا  غايىپتىن كەلگەن ئىلاھىي بىر سادانىڭ ‹‹سەن قىلىچسىز، پەقەت قەلىمىڭ بىلەن تۈرك مەملىكەتلىرىنى، تۈرك مىللىتىنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرىسەن. ئۇلارنى بىرلا مىللەتكە ئايلاندۇرىسەن. تۈرك ئىقلىملىرى ساڭا مەنسۇپتۇر، سەن بۇ مىللەتنىڭ<ساھىپقىرانىسەن>›› دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئەلىشىرنىڭ مىللىي تۈرك تارىخى چۈشەنچىسىدىمۇ تۈرك تىلى مۇھىم بىر ئورۇن تۇتىدۇ. ئىران ئەدەبىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرغان غەزنەۋىيلەر ۋە سەلجۇقلار بىلەن بىۋاسىتە ھەم چەكلىك دائىرىدە پارسچە شېئىر يازغان تۇغرۇل بىن ئارسلان سەلجۇقى ۋە (نەسەبى قارلۇق قەبىلىسىدىن بولغان) مۇزەففەرىيلەردىن شاھ شۇجا ئۇنىڭ نەزىرىدە ‹‹سارت (يەنى ئەجەم) سۇلتانلىرى››دۇر. تۈرك سۇلتانلىرىنىڭ ھاكىمىيەت  دەۋرى ئەمەلىيەتتە تۈرك تىلىنىڭ ۋە دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان دەۋرىدۇر، يەنى ئىراندا ھۇلاكۇخان بىلەن تىمۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھاكىمىيىتى دەۋرىدۇر.(35) ئۇلۇغ بەگ ئۈچۈن يېزىلغان تارىخقا ئوخشاش، ئەلىشىر ئۈچۈنمۇ تۈرك تارىخى چىڭگىزنىڭ ئەجدادى ھەققىدىكى رىۋايەت بىلەن باشلىنىپ، تۆت ئۇلۇسنىڭ تارىخى شەكلىدە داۋام قىلدى. ئۇنىڭ بۇ تارىخ چۈشەنچىسى شەخسەن ئۆزىنىڭ نازارىتى ئاستىدا، ئۆزىنىڭ خەلاسىيە خانىقاسىدا ۋە ئۆز كۇتۇپخانىسىدا مىرخاندقا يازدۇرغان دۇنيا تارىخىدا ناھايىتى ئېنىق كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەسەر پىلان ئېتىبارى بىلەن ئەلىشىرنىڭ مېلىدۇر. ئۇنىڭ تۈرك سۇلتانلىرى(يەنى ئىلخانىيلار ۋە تىمۇرىيلار) تارىخىغا ئائىت يازغان ‹‹زۇبدەتۇت – تەۋارىخ››دېگەن ئەسىرى بىزگە قەدەر يىتىپ كەلمىگەن.

    ئەلىشىر كۇللىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى، گۈزەل ۋە نۇقسانسىز نۇسخىلىرى: 1- ئىستانبۇل نۇسخىسى -- ھىجرىيە 901- يىلى(1496-يىلى) ھېراتتا دەرۋىش مۇھەممەد تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا(توپقاپى سارىيى، رەۋان كۆشكۈ كۇتۇپخانىسى، نومۇرى 808)، 2- ئىستانبۇل نۇسخىسى(فاتىھ كۇتۇپخانىسى، نومۇرى 4059)، 3 - پارىژ نۇسخىسى -- ھىجرىيە 933- يىلى (1526-يىلى) ھېراتتا ئەلى ھىجرانى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن نۇسخا(مىللەت كۇتۇپخانىسى، نومۇرى 316، 317)، 4- پېتېربورگ نۇسخىسى -– دەستلەپتە سەفاۋىيلار كۇتۇپخانىسىغا ئائىت بولۇپ، ئەلىشىرنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بىر قانچە جىلددىن ئىبارەت گۈزەل بىر نۇسخا(ئومۇمىي كۇتۇپخانا، ZDMG، 2- توم، 248-256).

    پارسچە دىۋانىنىڭ ھىجرىيە 999-يىلى(1599-يىلى) سەييىد كەمال بىن مۇھەممەد تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن گۈزەل بىر نۇسخىسىمۇ ئىستانبۇلدا(نۇرئوسمانىيە كۇتۇپخانىسى، نومۇرى 3850) ساقلىنىۋاتىدۇ.

    ئەلىشىر ۋە سەنئەت : دۆلەت خادىمى ۋە شائىر ئەلىشىر ھەم يەنە مۇزىكا، رەسىم، مىمارلىق ۋە خەتتاتلىق بىلەنمۇ  يېقىندىن ئالاقىدار بولدى ۋە بۇ ساھەدە بىۋاسىتە  ئىشلىدى. يېقىملىق مۇزىكىلىرىنىڭ بولغانلىقى ‹‹بابۇرنامە››دە(36)، خەتتاتلىق ۋە نەققاشلىق ئىشلىرىدە ھەقىقەتەن ماھىر ئىكەنلىكىمۇ سۇلتان مۇھەممەد بىن ئەمىرىنىڭ ئەسىرىدە(37)قەيىت قىلىنغانىدى. بېلىن بەلكىم ئاپتورى نامەلۇم ‹‹تەزكىرەتۇل–خەتتاتىن›› دېگەن ئەسەردىكى مەلۇماتلارغا تايىنىپ، رەسىم، ھەيكەلتاراشلىق،  كىتاپ بىزەش ۋە مۇزىكا قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئەلىشىرگە باغلىغان بولۇشى مۇمكىن.(38)ئەلىشىر مۇزىكىدا ئۆزىگە مىر مۇھەممەد ئەمىن بۇخارىنىڭ ئۇستاز بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.(39)خوراساندىكى مەشھۇر مۇزىكىلاردىن ‹‹يەتتە بەھر›› ئۇسۇلى(تېمپو) نىڭ ئەلىشىر تەرىپىدىن قۇش ئاۋازلىرى ئاساس قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغانلىقى بىرمۇ – بىر ساناپ  كۆرسىتىلگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەلىشىرنىڭ دەپ قارىلىدىغان مۇزىكىلار خوراسان تۈركمەنلىرى(40)، پەرغانە ۋە خارەزم ئۆزبەكلىرى(41)ھەتتا شىمالىي كاۋكازدىكى ستاۋروپول تۈركمەنلىرى ئارىسىدا(42)كەڭ يېيىلغان. ئەلىشىرگە بېغىشلىنىپ، ئۈستىگە ‹‹ئەمەلى ئەمىر ئەلىشىر›› ئىمزاسى قۇيۇلغان بىر ئەسەر ھازىرچە مەلۇم بولغان ۋە پەقەت گولۇبېۋ مىنياتۇر كوللىياتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر ئارسلان مىنياتۇرىنىڭ مۇھەممەد بەگ تەرىپىدىن ئىشلەنگەن كوپىيەسىدىن ئىبارەتتۇر.(43)سېكسىئان يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رەسىمنىڭ ئەلىشىرنىڭ ئۆز ئەسىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.(44) ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەلىشىر ھايات چېغىدا ئۆزىنىڭ خەتتات، نەققاش ۋە مۇزەھھىبلىرى(كىتاپ بىزىگۈچىلەر) تەرىپىدىن تولۇقلانغان رەسىملىك ئېسىل نۇسخىلىرىدىن شۇلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. سۇلتان ئەلى مەشھەدى تەرىپىدىن 1495-يىلى كۆچۈرۈلگەن ۋە ئىستانبۇلدا(رەۋان كۆشكۈ كۇتۇپخانىسى، نومۇرى 810) ساقلىنىۋاتقان، ئالتە پارچە مىنياتۇر  قىستۇرۇلغان ‹‹خەمسە›› ۋە سۇلتان ئەلى قائىنى تەرىپىدىن ئاشۇ يىللاردا  كۆچۈرۈلگەن، سەككىز پارچە مىنياتۇر قىستۇرۇلغان ‹‹غەرايىبۇس – سىغەر››(45) نۇسخىلىرى، ‹‹خەمسە››نىڭ بىۋاسىتە ئەلىشىر تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1485– يىلى تەخت ۋارىسى بەدىئۇززامان مىرزىغا تەقدىم قىلىنغان پەۋقۇلئاددە زىننەتلىك نۇسخىسىنىڭ(46)ئون بىر مىنياتۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت پارچىسى.(47)بۇ ئەسەردە ئەلىشىرنىڭ ‹‹خەمسە››سىنى تاماملىغاندىن كېيىن كۆرگەن بىر چۈشىنى تەسۋىرلىگەن بىر پارچە مىنياتۇر بار. بۇنىڭدا ئىراننىڭ مەشھۇر كلاسسىك شائىرلىرىنىڭ بىر يىغىلىشىدا ئەلىشىرنىڭ ھەسەن دىھلەۋى تەرىپىدىن نىزامىگە تۇنۇشتۇرۇلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.(48)شائىرنىڭ خۇسۇسىي نەققاشلىرىدىن قاسىم ئەلىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان بۇ رەسىمدە ئەلىشىر ناھايىتى كەمتەر بىر قىياپەتتە، خۇددى كاتتا بىر شەيخنىڭ ھوزۇرىدا تۇرغان ئاددى بىر مۇرىد ۋە شاگىرىد شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئەھۋال ئومۇمەن ھەممىسى ئىمزاسىز بۇ كۆركەملىك رەسىملەرنىڭ ئەلىشىرنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن يارىتىلغان ئەسەرلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئەلىشىرنىڭ كۇتۇپخانىسىدا خەتتاتلاردىن سۇلتان ئەلى مەشھەدى، سۇلتان مۇھەممەد خەندان، رەسسام ۋە نەققاشلاردىن شاھ مۇزەففەر، بىھزاد، قاسىم ئەلى، ھاجى مۇھەممەد، دەرۋىش مۇھەممەد، سۇلتان مۇھەممەد تەبرىزى، مەھمۇد مۇزەھھىب، يۇسۇف نەققاش قاتارلىقلار ئىشلىگەنىدى. مانا بۇ زاتلار بابۇر، ھەيدەر مىرزا، خاندەمىر ۋە ۋاسىفى قاتارلىق مۇئەللىفلەر تەرىپىدىن ئەلىشىرنىڭ تەربىيەسى ۋە غەمغورلۇقى ئاستىدا كامالەت مەرتىۋىسىگە ئىرىشكەن بۈيۈك سەنئەتكارلار سۈپىتىدە ئەسلەپ ئۆتۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېيىنكى تۆتىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكى ئېنىق. ئەلىشىر كۇللىياتىنىڭ بىرىنجى تومىدىكى رەسىملەر (49)مەھمۇد مۇزەھھىبنىڭ ئەسىرىدۇر. بۇ زات بىلەن يۈسۈف نەققاش ئەلىشىر دەۋرىدىكى مىنياتۇرچىلىقنى ھېراتتا، كېيىن بۇخارادا، بىھزاد بىلەن سۇلتان مۇھەممەد بولسا سەفاۋىيلارنىڭ ھوزۇرىدا داۋام قىلدۇردى. بۇ سەنئەتكارلارنىڭ ھېراتتا ئەلىشىرنىڭ ۋە ھۈسەيىن بايقارانىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا ھېرات مىنياتۇرچىلىقىنىڭ ئاخىرقى تەرەققىيات دەۋرىنى ياراتقاندا شەخسەن ئەلىشىرنىڭ كۈچلۈك نازارىتى ئاستىدا ئىشلىگەنلىكى ئېنىق. شاھرۇھ دەۋرىدە بايسۇنغۇر مىرزىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن خەتتاتلار ۋە رەسساملار ‹‹بايسۇنغۇر ئاكادېمىيىسى››نىڭ ئەزالىرى ھېساپلانغان بولسا(50)، بۇ سەنئەتنىڭ 15- ئەسىرنىڭ كېيىنكى چارىكىدىكى تەرەققىيات ۋە تاكامۇللۇق دەۋرىنى ياراتقان سەنئەتكارلارمۇ مىنياتۇر تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ‹‹بىھزاد مەكتىپى››نىڭ ئەمەس، بەلكى ‹‹ئەلىشىر ئاكادېمىيىسى››نىڭ ئەزالىرى دەپ قارىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇلاردىن پەقەت دەرۋىش مۇھەممەد تۈرك بىھزادنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئىز باسارى(51)، قالغانلىرى بولسا مىرەك نەققاش بىلەن شاھ مۇزەففەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلمەكتە. بۇ سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلگەن ئورتاق خۇسۇسىيەتلەر ئۆز ئىچىدىكى بىرىسىنىڭ خىيالەن يىتەكچىلىكىگە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئۆز زوقى بويىچە باشقۇرغان ۋە ئۇلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ھۆكۈمران بولغان تەسىرى كۈچلۈك بىر تۈركنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇش زۆرۈر ئىدىكى، بۇمۇ سۇلتان ھۈسەيىن بىلەن ئەلىشىرنىڭ، بولۇپمۇ ئەلىشىرنىڭ باشقۇرۇشىدۇر.جەلايىرلاردىن شەخسەن ئۆزلىرىمۇ رەسسام بولغان سۇلتان ئۇۋەيس بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەد ۋە كېيىنچە سەمەرقەندتە تىمۇرنىڭ خۇسۇسىي رەسسامى بولغان ئابدۇلخەي مۇساۋۋىر ئەلشىرنىڭ نەزىرىدە ‹‹مانى نەققاش››قا ئوخشاش ئىدېئال بىر ئۇستازدۇر.(52)ئەلىشىر دەۋرىدىكى ھېرات مىنياتۇرچىلىقىدا شۇ دەۋرنىڭ ئىتالىيان سەنئىتىدىكى ‹‹كوئاتروسېنتو›› ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىنى كۆرگەنلەر بار.(53)شەخسەن ئەلىشىرمۇ ئۆز دەۋردىكى كىتاب بىزىگۈچىلەرنىڭ ‹‹خىتاي›› ۋە ‹‹فرەنىك›› ئۆرنەكلىرىدىن پايدىلانغانلىقىنىمۇ پۇرسىتى كەلگەندە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنىدى.(54)بەلكىم فاتىھ دەۋرىدە ئىستانبۇلغا كەلگەن ئىتالىيان سەنئەتكارلىرى ھېراتقا ۋاسىتىلىق ھالدا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. 1494- يىلى ھېراتقا بەزى فرانىكلارنىڭ كەلگەنلىكىمۇ مەلۇم.(55)  ئەلىشىرنىڭ نەزىرىدەئىدېئال سەنئەت چىن رەسساملىقىدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەلىشىر يىپەك رەخت(دىبائى چىنى) ئۈستىگە سىزىلغان  رەسىملەرگە قارىتا ھەيران قالغانلىقىنى تەكرار - تەكرار ئىزھار قىلدى. خۇسۇسىي كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇدىرى ھەم ھېراتنىڭ بۈيۈك نەققاشى ھاجى مۇھەممەدنىڭمۇ ئەلىشىرگە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكى مەلۇم(باخشىلاردىن ھاجى مۇھەممەد ئۇيغۇر سۇلتان ھۈسەيىننىڭ قول ئاستىدىكىلەر تىزىملىكىدە بار ئىدى).(56)بۇ زاتنىڭ چىن ئۇسۇلىدا فەغپۇر[9] ياسىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.(57)ئەلىشىرنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئىشلىگەن رەسساملار ھەقىقىي مەنىسى بىلەن تۈرك مىللىي روھىنى ياشناتتى. شۇ دەۋردە يارىتىلغان ئەسەرلەر تىمۇرىيلارنىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى تۈرك ھاياتىنىڭ، بولۇپمۇ  ساراي ھاياتىنىڭ بارلىق گۈزەللىك ۋە نازۇك تەرەپلىرىنى جانلاندۇردى.

    ئەلىشىرنىڭ بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن مىمارچىلىق ئەسەرلىرىدىن ئەڭ كۆركەملىك  بولغانلىرې ئۆز سارىيى يېنىدىكى قۇدسىيە جامەسى بىلەن ئىخلاسىيە مەدرىسەسى ۋە شىفائىيە دوختۇرخانىسى ئىدى. جامەسىنى، ئۇنىڭ ‹‹قوش كىزەك قېرىنداشلار››غا ئايلانغان ئىككى چوڭ مۇنارىنى ۋە مەدرىسەنىڭ گۈزەللىكىنى ئەلىشىر ئۆز شېئىرلىرىدا تەسۋىرلىدى. مىرخاند بۇلارنى ئەلىشىرنىڭ زوقى بويىچە يارىتىلغان شاھ ئەسەرلەر سۈپىتىدە خاراكتىرلەندۈردى. ئەپسۇس، بۇلاردىن ھازىر  بىرىسىمۇ قالمىدى. دەۋرىمىزگە قەدەر مۇھاپىزەت قىلىنغان ئەسەرلىرى ھېرات جامىئى كەبىرنىڭ 1498- يىلى ياسىتىلغان يېڭى تاقى بىلەن يەنە ئەلىشىر تەرىپىدىن رېمونت قىلىنغان ئايۋانلىرى، ئەبۇل ۋەلىد مەقبەرىسىدىكى خانىقاھ بىناسى ۋە تاقى، سەنگى بەست، ھەرجەرد، نىشاپۇر ۋە رەباتى ئىشقتىكى بىنالىرىدۇر. لېكىن بۇلار تېخىچىلا تەتقىق قىلىنمىدى. ئەلىشىر تەرىپىدىن ياسىتىلغان بۇ مىمارچىلىق ئەسەرلىرىنى 1923- يىلى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا ئالغان تەسىراتىمنى شۇ ۋاقىتتا مۇنداق خۇلاسە قىلغانىدىم : ‹‹بۇ بۈيۈك شائىر ۋە سەنئەتكارنىڭ شېئىرلىرىنى، ئالتۇن ھەل بىرىلگەن ۋە زىننەتلەنگەن جىلتلەر ئىچىدە بىزگە مىراس قالدۇرۇلغان مەسنەۋىلىرىنى ئۇنىڭ ئىلھامىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن بۇ سەنئەت  ئېستېتىكىسى بىلەن بىرلىكتە تەھلىل قىلىشى لازىم. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر پۈتۈنلۈك تەشكىل قىلىدۇ.›› ئەلىشىر ياراتقان ۋە ھېمايە قىلغان تۈرك ئەدەبىياتى گۈزەل سەنئەت ۋە مىمارچىلىق ئەسەرلىرى بىلەن تىمۇرىيلار دەۋرىدە، بولۇپمۇ چىن ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسىرى ئاستىدا سەمەرقەند، كەش، يەسسە ۋە ھېراتتا تەرەققىي قىلغان تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تاكاممۇللۇق دەۋرىنى ياراتقانىدى.  

     

    مەنبەلەر:

     

    (1) ئا. سېمېنوف : ‹‹ئۆزبەكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى››، 2- توم، 124- بەت، 1938- يىلى، تاشكەنت.

    (2) ‹‹تارىخى رەشىدى››، ‹‹مەجمۇئە››، 1- توم ، 583-بەت. ‹‹مەجمۇئە›› بىلەن 14-16- ئەسىرلەردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىي ۋە پىكرىي ھاياتىغا ئائىت تەرىپىمدىن توپلانغان ماتىرىياللارنىڭ مەزمۇنى ئۈچ جىلتلىق ‹‹مەجمۇئە›› قىلىپ كۆرسىتىلگەنىدى. بۇ ماقالىگە ماتېرىيال مەنبەسى بولغان غەيرى مەتبەئە ئەسەرلىرىدىن ئەلىشىرنىڭ ‹‹مەجالىسۇن-نەفائىس››، ‹‹نەسايىمۇل-مەھاببە›› قاتارلىق ئەسەرلىرى، سۇلتان مۇھەممەد بىن ئەمىرى ئەل ھەراۋىنىڭ ‹‹لەتائىفنامە››، ھەيدەر مىرزا دوغلاتنىڭ ‹‹تارىخى رەشىدى››(دېنىسون كوسنىڭ تەرجىمىسىگە كىرمىگەن قىسىملار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا شائىرلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىغا ئائىت باب)، فەھرى بىن مۇھەممەد ئەل ھەرەۋىنىڭ ‹‹رەۋزاتۇل - سەلاتىن››، ھەسەن ھاجى بۇخارىنىڭ ‹‹مۇزەككىرەل -ئەھباب››، زەينەلدىن ئەل ۋاسىفىنىڭ ‹‹بەدايىئۇل - ۋەقائى››دىكى مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەجمۇئەدىن نەقىل ئېلىنغان.  

    (3)  ‹‹خۇتبەئى دەۋاۋىن››، مەجمۇئە، 3- توم، 184-بەت.

    (4) ‹‹مەجالىسۇن - نەفائىس››، ‹‹مەجمۇئە››، 1-توم،  36- بەت.       

    (5) ‹‹نەسايىمۇل - مەھاببە››، ‹‹مەجمۇئە››، 3-توم، 321-بەت.

    (6) خاندەمىر : ‹‹ھەبىب ئەل- سىيەر فى ئەخبارى ئەفراد ئەل-بەشەر››، 3- توم، 179- بەت،  1857- يىلى، بومباي.

    (7) ‹‹نەسايىمۇل - مەھاببە››، ‹‹مەجمۇئە››، 3- توم، 322-بەت.

    (8) ‹‹مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇچى››، 1925- يىلى، تاشكەند، 1-2-سان، 56-بەت.

    (9) ‹‹مۇنشەئاتى مەرۋارىد››، ۋەلىيەددىن ئەفەندى كۇتۇپخانىسى، 2732- نومۇر، 11-بەت.

    (10) ‹‹بابۇرنامە››، بېرېۋېج نەشرى، 170-بەت.

    (11) ‹‹ھالاتى ھەسەن ئەردەشىر››، ‹‹مەجمۇئە››، 3- توم، 174-بەت.

    (12) مىرخاند : ‹‹رەۋزەتۇس - سەفا››، 7-توم، 14-بەت، 1855-يىلى، بومباي.

    (13) رىئېۇ: ‹‹برىتىش مۇزىيىدىكى پارسچە  قوليازمىلارنىڭ كاتولوگى››، 1- توم، 366-بەت.

    (14) ئەسەرنىڭ بىردىنبىر نۇسخىسى برىتىش مۇزىيىدا 7669 – نومۇرلۇق تىزىملىك بىلەن ساقلىنىۋاتىدۇ. 1941- يىلى تاشكەندتە   بېسىلغان.

    (15) ‹‹بەدايىئۇل-ۋەقائى››، لېنىنگراد نۇسخىسى ئاسىيا مۇزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. ۋەلىدوف 568 = 20 كاتولوگى، خۇلاسىسى ‹‹مەجمۇئە››، 2- توم.

    (16)  بىنيون: ‹‹پارس مىنياتۇر رەسىملىرى››، 133-بەت، 1933-يىلى، لوندۇن،

    (17) ‹‹مەجمۇئە››، 2- توم، 396-بەت، لېنىنگراد نۇسخىسى، 366-بەت.

    (18) رىئېۇ: ‹‹برىتىش مۇزىيىدىكى پارسچە قوليازمىلانىڭ كاتولوگى››، 1- توم، 366-بەت.

    (19) ‹‹تارىخى رەشىدى››، ‹‹مەجمۇئە››، 1-توم، 584-بەت.

    (20)  ‹‹لەتائىفنامە››، ‹‹مەجمۇئە››، 1-توم، 322-329-بەتلەر.

    (21)   مىرخاند : ‹‹رەۋزەتۇس - سەفا››، 5-توم، 2-بەت،

    (22) ۋ.ۋ.بارتولد :‹‹مىر ئەلشىر ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى››، 140-بەت، 1928- يىلى، لېنىنگراد.

    (23) ‹‹تەزكىرەتۇششۇئەرا››، بروۋن نەشرى، 505- بەت.

    (24) تېخى نەشىر قىلىنمىغان ‹‹خۇلاسەتۇل-ئەخبار›› دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

    (25)E.Diez , Chorasanische Baudenkmaler, Berlin, 1928, s/52.

    (26) ۋ.ۋ. جېكسون : ‹‹كونستانتىنىپولدىن ئۆمەر ھەييامنىڭ ئۆيىگىچە››، 240-بەت، 1911-يىلى، نيۇ-يورك.

    (27) ‹‹ئافغانىستان››، 1924- يىلى، بېرلىن.

    (28) م. بېلىننىڭ  ‹‹ئاسىيا تەتقىقاتى››  ژورنىلىنىڭ  5- قىسىم 17- تومىدا ۋە 6- قىسىم 7- تومىدا ئىلان قىلىنغان ۋە ‹‹خەمسەتۇل-مۇتەھەييىرىن››،‹‹مەجالىسۇن-نەفائىس›› ۋە ‹‹مەھبۇبۇل- قۇلۇب›› تىن ئېلىنغان بەزى پارچىلار بۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇندەرىجىسى ھەققىدە پەقەت ناھايىتى كەمتۈك مەلۇمات بىرىدۇ.    

    (29) ‹‹مىر ئەلىشىر ››،مەجمۇئە، 24-28-بەتلەر،  1928-يىلى، لېنىنگراد.  

    (30) ‹‹مۇھاكەمەتۇل–لۇغەتەين››، 90- بەت.

    (31)  Blochet, Les Enluminures des Mss. Orientaux, Paris, 1926, s.95.

    بارتولد: ‹‹تۈركلەرنىڭ ئۆتمۈشىدىن››، 10-بەت، 1917-يىلى. ‹‹تۈرك تارىخىغا دائىر كونفېرانسلار››،  205-بەت.

     (32) ‹‹خىرەدنامەئى ئىسكەندەرى››، خاتىمە.

    (33) ئارمېنىچ سېكسىئان : ‹‹پارس مىنياتۇرلىرى››، 106-،122-شەكىللەر، 1929- يىلى، پارىژ.

    (34) م.فۇئاد كۆپرۈلۈ :‹‹تۈرك ئەدەبىيات تارىخىغا كىرىش››، 17-بەت، 1916-يىلى، ئىستانبۇل.

    (35) ‹‹مۇھاكەمەتۇل - لۇغەتەين››، 99-بەت.   

    (36) ‹‹بابۇرنامە››، بېرېۋېج نۇسخىسى، 1156-بەت.

    (37) ‹‹لەتائىفنامە››، ‹‹مەجمۇئە››، 1- توم، 326-بەت. 

    (38) Bibl .Nat, Suppel. Pers, nr, 1548, 75b.

     <<ئاسىيا تەتقىقاتى>> ژورنىلى،1861- يىل، 5- قىسىم، 17-توم، 222-بەت.

    (39) <<مەجالىسۇن نەفائىس>>، <<مەجمۇئە>>، 1-توم، 68-بەت.

    (40)، ئۇسپېنسكىي، بېليايېف :‹‹تۈركمەن مۇزىكىسى››، 106-بەتتىكى نوتا،  1930- يىلى.

    (41) فىترەت : ‹‹ئۆزبەك كلاسسىك مۇزىكىسى تارىخى››، 57-63-بەتلەر،  72-بەتتىكى نوتا.

    (42) ‹‹رۇسىيە ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات كومىتېتىنىڭ خەۋەرلىرى››، 2- توم، 63-بەت، 1913-يىلى.

    (43)K.Ananda Coomaraswamy, Ars Asiatica, Paris, 1929, Levha,ⅩⅩⅡ.

    (44) ‹‹پارس مىنياتۇرى››،63-بەت.

    (45) يىلدىز كۇتۇپخانىسى، نومۇرى،  /322783.

    I.Stchoukiu, H. Fehmi, Catalogue des manuscrits orientaux illustres de la

    Bibliotheque de l’ Universite d’ Istanbul, Paris, 1933, s.35. vdd.

    (46) ئوكسفورد بودلېئان كۇتۇپخانىسى، نومۇرى 2116-2119، 2120.

    (47) بىنيون : ‹‹پارس مىنياتۇر رەسىملىرى››، 96- بەت، 62 - 66-رەسىملەر، 1933- يىلى، لوندۇن.

    (48) بىنيون، يۇقىرىقى ئەسەر، 66- رەسىم. توماس ئارنولد : ‹‹ئىسلام رەسىملىرى››، 43- رەسىم، 1928- يىلى، لوندۇن.

    (49)  Bibl .Nat, Suppel. turc, 316.

    (50) بىنيون : يۇقىرىقى ئەسەر، 67-بەت.

    (51) ‹‹مەجالىسۇن- نەفائىس››، ‹‹مەجمۇئە››، 1-توم، 362-بەت.

    (52) ‹‹مەھبۇبۇل – قۇلۇب››، 119-بەت، ئىستانبۇل.

    (53) ئې. كۆخنېل : ‹‹ئىسلام شەرقىدە مىنياتۇر››، 25-بەت، 1922-يىلى، بېرلىن.

    (54) ‹‹مەھبۇبۇل - قۇلۇب›، 119-بەت.

    (55) خاندەمىر :  يۇقىرىقى ئەسەر، 3- توم، 255-بەت.

    (56) ‹‹مۇئىزۇل - ئەنساب››،

    Bibli. Nat.,Anc. Fond, Persan, nr.68.

    (57) خاندەمىر :  يۇقىرىقى ئەسەر، 3-توم، 342-بەت.

     

    تەرجىمان: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە.

     

     

     

     



    [1] ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان : <<تارىختا ئۇسۇل>>، تۈركچە، 84- بەت، 1985- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.

    [2] ۋ.ۋ.بارتولد، م.فۇئاد كۆپرۈلۈ :<<ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى>>، تۈركچە، 210-بەت، 2004-يىلى، ئەنقەرە، ئاقچاغ نەشرىياتى.

    [3] ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان: <<ئومۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش>>، تۈركچە، 86- بەت، 1981- يىلى، ئىستانبۇل، ئەندۇرۇن نەشرىياتى.

    [4] ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان : <<تارىختا ئۇسۇل>>، تۈركچە، 91-بەت.

    [5] بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردە <<كىچىككىنە>> دېگەن شەكىلدە ئېلىنىۋاتىدۇ. بىز بۇ يەردە ئاپتورنىڭ  پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ ، ئۇنى <<كىچكىنە>> دېگەن شەكلى بويىچە ئالدۇق.-- ت.

    [6] 2005- يىلى  تۈرك تىل قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹تۈركچە  سۆزلۈك›› نىڭ 1340-بىتىدە <<مانگىر>> سۆزى مۇنداق ئىزاھلانغان. 1- مىستىن ياسالغان ئىككى يېرىم سەر  قىممىتىدىكى تەڭگە . 2- چىلىم ئىمىزگىسىگە قويۇلۇش ئۈچۈن كۆمۈر توزۇندىسىدىن ياسالغان، تىز تۇتىشىدىغان، تاۋكا ئۇرۇقى شەكلىدىكى بىر خىل يېقىلغۇ. 3- پۇل. –- ت.

    [7]  دارۇلھۇففاز -- قارىيخانا، ‹‹قۇرئان››نى يادقا ئالىدىغان جاي-- ت.

    [8] رىكا-- ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان قول يازما شەكلى – ت.

    [9] <<تۈركچە سۆزلۈك>>نىڭ 1620- بېتىدە <<فەغفۇر>> سۆزى مۇنداق ئىككى خىل مەنىدە ئىزاھلانغان. 1- چىن ئىمپېراتۇرىغا بىرىلگەن ئۇنۋان. 2- چىندە ياسالغان كەسە، چىنە، ۋازا قاتارلىق نەرسىلەر. بۇ يەردە ئىككىنجى خىل مەنا نەزەردە تۇتۇلغان. –ت



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەھمەد زەكى ۋەلىدى توغان , نەۋائى , خەمسە
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-12 20:06:25
    تەھرىر : نامەلۇم
    باھا : 0 كۆزىتىش : 176
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证