تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› گۈل كېلۇر...گۈل كېلۇر (ساداقەتجان ھاجى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ketmenbay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11252
    ketmenbay@gmail.com

    يازما سانى : 43
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    گۈل كېلۇر...گۈل كېلۇر (ساداقەتجان ھاجى)

    گۈل كېلۇر...گۈل كېلۇر

    ساداقەتجان ھاجى


    گۈل ئېچىلىپ گۈلىستاندا گۈل كەلدى يار. گۈل كېلۇر.
    زىمىستاندەك قەلبىمىزنى ئەيلەپ باھار گۈل كېلۇر.

    چۆللەر بولدى چىمەنزارەي، ئويناڭ خۇشال كۈلۈپ يارەي.
    بۇ زىمىندا بىزنىڭمۇ ھەم بەختىمىز بار. گۈل كېلۇر.

    نۇرلار ھەريان چېچىلار ھەم. نۇرغا تولدى كېچىلەر ھەم.
    نۇر قوينىدا غۇنچە-غۇنچە گۈل ئېچىلار. گۈل كېلۇر.

    سۇلار ئاقار شىر-شىر قىلىپ، كۆڭۈللەرگە ئارام بېرىپ.
    سۇغا قېنىپ بولدى زېمىن گۈل-لالىزار. گۈل كېلۇر.

    قۇشلار ئۇچار ناۋا قىلىپ، غەمكىن دىلغا داۋا قىلىپ.
    قۇشلار بىلەن بىللە ئۈچۈپ قاتار-قاتار گۈل كېلۇر.

    تاغ-دالانى بويلاپ كېلىپ، سۆيدى شامال ئويناپ كېلىپ،
    بەختىمىزگە تەبىئەتتىن پۈتۈپ تۇمار گۈل كېلۇر.

    تاغدا-باغدا، ئېگىز-پەستە، ئېچىلغانچە دەستە-دەستە،
    ۋىسالىغا زوق-ھەۋەستە قىلىپ خۇمار گۈل كېلۇر.

    ئىشقى بىدار يار-جانانلار، ئۈمىدلىك بول دوست-يارانلار.
    باغ بولىدۇ تاغ-داۋانلار. بىز ئىنتىزار گۈل كېلۇر.

     


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1994-يىل 8-ئۆكتەبىر. «قەشقەر گېزىتى» 1995-يىل 7-يانۋار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogbus.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ساداقەتجان , كەتمەنباي , گۈل , غەزەل , شېئىر , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-9 22:19:38
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 229
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证