تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› مەن شېئىر ئوقۇمايمەن (ساداقەتجان ھاجى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ketmenbay
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 127
    ketmenbay@gmail.com

    يازما سانى : 18
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق


    مەن شېئىر ئوقۇمايمەن (ساداقەتجان ھاجى)

     

    مەن شېئىر ئوقۇمايمەن(نەسىر)
    ساداقەتجان ھاجى

     



    ئەي سورۇن ئەھلى، توختات ئالقىشىڭنى. مەن شېئىر ئوقۇمايمەن. چۈنكى مەن ھاراقكەشلەرنىڭ شائىرى ئەمەس. بەلكى غاپىللىقتىن قول ئۈزگەن ئويغاقلارنىڭ شائىرىمەن. بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتنى ھىس قىلىپ، باغرى ئازاپتىن ئۆرتەنگەن دەردمەنلەرنىڭ شائىرىمەن.


    ئويغاندىم دىمە. كۆزلىرىڭدىن نۇر چاقناپ تۇرغىنى بىلەن روھىڭ مەستتۇر. دەردىم بار دىمە. كۆزلىرىڭدىن ياش تۆكۈلۈۋاتقىنى بىلەن باغرىڭ قان ئەمەستۇر. بەتبەشىرە يۈرىكىڭنى مەدھىيەلەيدىغان پاساھەتلىك قەسىدەڭنى توختات. ساختىلىقىڭنى كۆز-كۆز قىلما. ماڭا چىنلىق كىرەك!


    ئەگەر خالىساڭ قىپقىزىل قېنىڭ بىلەن سۈپسۈزۈك كۆز يېشىڭدىن بىر پىيالە شەربەت تەييارلا. مەن ساڭا ئەنە شۇ چاغدا شېئىر ئوقۇپ بېرىمەن. ئاشۇ بىر پىيالە يېڭى شەربەتنى پاك-پاكىز ئىچىۋىتىشىڭ ئۈچۈن شېئىر ئوقۇپ بېرىمەن. خۇددى تەقۋادارلار ئىمانىڭغا، ئىنسابىڭغا، بەخت-ئىقبالىڭغا ۋە ئۆمرۈڭگە دۇئا قىلغاندەك، ئىش-ھەرىكىتىڭگە نۇسرەت تىلىگەندەك چۇڭقۇر ئىخلاسىم بىلەن شېئىر ئوقۇپ بېرىمەن.


    ئەگەر قۇدرىتىڭ يەتسە، ھىلىگەر ۋە قارا نىيەت ساقىيغا سەجدە قىلىشنى توختات. ئۇنىڭ دالالىتىگە قۇلاق سالما. ئۇ ساڭا ئۆزىمۇ كىرىشكە ئەبەدىي مۇيەسسەر بولالمايدىغان جەننەتنى ۋەدە قىلىۋاتىدۇ. ئەجەبا، جەننەتنىڭ دەرۋازىسى شۇنداق ئاسان ئېچىلامدۇ؟ ئۇ يەنە ئۆمەر ھەييامنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق سېنىڭ روھىڭنى ئارام تاپقۇزماقچى بولىۋاتىدۇ. ئەجەبا، ئۆمەر ھەييام سىلەرنى مەست قىلىش ئۈچۈن، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلىش ئۈچۈن شېئىر يازغانمۇ؟!


    ئەي سورۇن ئەھلى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! بۇ مەيخانىنى تەرك ئېتىپ، مەن بىلەن تەبىئەتكە قايتىڭلار. زىرائەتلەرنى يەڭلار، گۈللەرنى پۇراڭلار. سۇلارنى ئىچىڭلار.ماھىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار. ماھىيەتنى ئۆزگەرتكۈچىلەر سىلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ...


    ئەگەر سىلەر ماڭا ئەگەشسەڭلار، مەن سىلەرگە سىلەر تېخى ئاڭلاپ باقمىغان ئەڭ ئېسىل شېئىرلىرىمنى ئوقۇپ بېرىمەن. تاكى سىلەر مەندىن رازى بولغانغا قەدەر.چۈنكى، مەن – ھەقىقەتكە قايتقانلارنىڭ شائىرى.
    ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت ۋەسلىگە مۇيەسسەر قىلسۇن. ھارامغا بولغان نەپرىتىمىزنى قاتتىق، ھالالغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى چوڭقۇر قىلسۇن!

     



    (1997-يىل 2-ئاي. قەشقەر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «تۇرپان» ژورنىلى. 1999-يىللىق 1-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogbus.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ساداقەتجان , كەتمەنباي , نەسىر , شېئىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-9 22:15:39
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 44
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证