تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-پىروزا ›› ھەقىقەت، ئالتۇن، گۈزەللىك، ئۈمىد (كەتمەنباي)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ketmenbay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11091
    ketmenbay@gmail.com

    يازما سانى : 28
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ھەقىقەت، ئالتۇن، گۈزەللىك، ئۈمىد (كەتمەنباي)

     

    ھەقىقەت، ئالتۇن، گۈزەللىك، ئۈمىد(نەسىرلەر)
    ساداقەتجان ھاجى
     


    (1) ھەقىقەت ۋە ئالتۇن

    ھەقىقەت- ئالتۇندۇر، ئالتۇنمۇ- ھەقىقەتتۇر.
    مەرتلەر بايلىقنى دوست تۇتمىسا، بايلىق نامەرتلەرنى تاپىدۇ.
    پۇل قارا نىيەتلەرنىڭ قولىدا بولسا، مۇھتاجلىق ئاق كۆڭۈللەرنى مەسخىرە قىلىدۇ.
    ياخشىلار قانائەتچان بولسا، ئاچكۆزلۈك- يامانلارنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەبۇدقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.ھەقىقەت مەڭگۈ ھەقىقەت بولىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئالتۇن تاج كىيىپ، ئالتۇن تەختتە ئولتۇرىشى كىرەك.

    (2)  ھەقىقەت ۋە گۈزەللىك

    گۈزەللىك- دەرەخنىڭ يوپۇرمىقىدا، ھەقىقەت- دەرەخنىڭ يىلتىزىدا. ئەگەر يىلتىز قۇرۇسا يوپۇرماق تۆكۈلەر، لېكىن يوپۇرماق تۆكۈلسە يىلتىز يەنە كۆكلەر.
    گۈزەللىكنى كۆزىمىز كۆرۈپ تۇرار، چۈنكى ئۇ ئاشكارىدۇر.
    ھەقىقەتنى كۆڭلىمىز سېزىپ تۇرار، چۈنكى ئۇ مەخپىدۇر.
    گۈزەللىك چىرايلىق خوتۇنغا ئوخشايدۇ، ناز- كەرەشمە بىلەن كۈلۈپ تۇرىدىغان.
    ھەقىقەت بوينى قاتتىق ئەرگە ئوخشايدۇ، دائىم قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرىدىغان.
    شۇڭلاشقا گۈزەللىك ئاسان خاتالىشىدۇ. ھەقىقەت چىرايلىق بولۇپ كۆرۈنمەيدۇ.
    ئەگەر گۈزەللىك ھەقىقەت بىلەن توي قىلسا، يىلتىزى مەڭگۈ قۇرىماس. خۇددى دەرەختەك ياپ- يېشىل تۇرار. ھەقىقەتمۇ گويا گۈزەللىك كەبى كۆز ئالدىمىزدا ئاشكارا بولار.ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشى- پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەللىكىدۇر.

    (3)  ئۈمىد

    جەننەت- بىزنىڭ ئۈمىدىمىزدۇر. ئۈمىد- بىزنىڭ جەننىتىمىزدۇر. ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار مۇقەددەس كىتاپلارنى ئوقۇپ بېقىڭلار.
    ئارىمىزدا پەرىشتىدەك ئادەملەر بار. ئۇلار بىزدىن پاكىز، بىزدىن ساغلام، بىزدىن خۇشھال، بىزدىن ئۇزاق ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قاردەك ئاپئاق ساقىلى ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە. تەۋرەنمەس ئىتىقاد مانا مۇشۇنداق مۆجىزىلەرنى ياراتقان.
    مەن سىلەرگە بىر ئېغىز ئۇلۇغ سۆزلەي: ئۈمىد- ماھىيەتتە بىزنىڭ ئىمانىمىزدۇر.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «تۇرپان گېزىتى» 1997-يىل 12-نويابىر)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://ketmenbay.blogbus.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ساداقەتجان ھاجى , كەتمەنباي , نەسىر , ھەقىقەت , ئالتۇن , گۈزەللىك , ئۈمىد
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-9 22:10:59
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 97
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证