تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› ئۇيغۇر تىلىم (ساداقەتجان ھاجى)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    ketmenbay
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11111
    ketmenbay@gmail.com

    يازما سانى : 30
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2008-1-16 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۇيغۇر تىلىم (ساداقەتجان ھاجى)



    ئۇيغۇر تىلىم

    ساداقەتجان ھاجى

    دۇنياغا ئېچىلغاندا مېنىڭ كۆزۈم،
    ئېيتىلغان سېنىڭ بىلەن تۇنجى سۆزۈم.
    ئەي مېنىڭ ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلىم
    سەن بىلەن يورۇق بولۇپ كەلدى يۈزۈم.

    سەن بىلەن قىلدىم بايان پىكرىمنى مەن،
    سىڭدۈرۈپ پىكرىمگە دىل مىھرىمنى مەن.
    قاناتقا ئىگە قىلدىم سۇنمايدىغان،
    سەن بىلەن تەپەككۇرۇم – زېھنىمنى مەن.

    سەن بىلەن سىرلىرىمنى ساقلاپ كەلدىم.
    سەن بىلەن ھەقىقەتنى ياقلاپ كەلدىم.
    سەن بىلەن ئىجات قىلىپ ئاز بولسىمۇ،
    خەلقىمنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ كەلدىم.

    سەندىدۇر ئەجدادلارنىڭ يۈرەك سۆزى.
    سەندىدۇر بەختىمىزنىڭ بىر يۇلتۇزى.
    بەختىمنى تىلەر ئىدى كىچىكىمدە،
    سەن بىلەن ئەللەي ئېيتىپ ئانام ئۆزى.

    سەنسىز مەن ئېيتالمايمەن ناخشىلارنى.
    سەنسىز خۇش قىلالمايمەن ياخشىلارنى.
    خەلقىمگە چۈشەندۈرۈپ ئادالەتنى،
    سەنسىز پاش ئېتەلمەيمەن ۋەھشىلەرنى.

    سەنسىز مەن ئۇيغۇر بولۇپ يۈرەلمەيمەن.
    جەننەتكە ئۇيغۇر بولۇپ كىرەلمەيمەن.
    سەن ماڭا ئاتا-ئانام ئامانىتى.
    يوقاتسام سېنى جاۋاپ بېرەلمەيمەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (1992-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى. قەشقەر)
    (مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى 1997-يىللىق 10-سان)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : كەتمەنباي , ساداقەتجان , ئۇيغۇر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-7 23:36:32
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 148
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证