ۋەتەن. ۋەتەن. ۋەتەن!
ساداقەتجان ھاجى
بىر پارچە كۆك تاشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
بىر باغلام كۆكباشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
بىر تامچە كۆز ياشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
باغراشقا، بالقاشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
قۇرىماس بۇلاقتۇر تەشنالىقىڭغا.
غولىماس بىر تاغدۇر تەنھالىقىڭغا.
بىپايان ئاسماندۇر ئەنقالىقىڭغا.
بۇغداغا، باغداشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
بىر دەستە گۈلدۇر ئۇ، پۇرىماق بولساڭ.
چوغدۇر ئۇ، گۈلخاندەك يورىماق بولساڭ.
دانادۇر! سەن ئەقىل سورىماق بولساڭ.
قېرىنداش، قانداشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
قەسىدە ئەمەس ئۇ، بىز ئوقۇيدىغان.
رىۋايەت ئەمەس ئۇ، بىز توقۇيدىغان.
قەبرىستان ئەمەس ئۇ، بىز ئۇخلايدىغان...
ئۇخلىماي ياشاشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن...
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
1997-يىل 2-ئاينىڭ 24-كۈنى.
مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى» 2000-يىل 23-سىنتەبىر
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭