تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جەمئيەت ›› مىللەت ›› ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    alipbay
    ماتروس
    دەرىجىسى : 5
    جۇغلانما نۇمۇر : 325
    AHATALIP@163.COM
    1796544336
    يازما سانى : 14
    باھا يازما سانى : 52
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-4 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار

     

    ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار

    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

     

    خەرىتىگە قارىسىڭىز ،ئىلىمىزنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدىنيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۈزەل خېنەن ئۆلكىسى سوزۇلۇپ ياتىدۇ.خېنەن ئۆلكىسىنىڭ زىمىنىنىڭ شەرقى يان بۆلىكى ئاساسەن پايانسىز تۈزلەڭلىك،يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بويلاپ سەپەرگە چىقسىڭىز ئۆزىڭىزنى پايانسىز بۇغدايلىق ئىچىدە كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىسىز.بولۇپمۇ جېڭجۇ-كەپفېڭ-شاڭچىيۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە جېڭجۇ-شۈيچاڭ-پىڭدىڭشەن-نەنياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولىدا بۇ ئەھۋال ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ.لىكىن سىز جېڭجۇدىن قەدىمى پايتەخىت لوياڭ،گۈزەل تاغلىق شەھەر سەنمېنشىيالارغا قاراپ ماڭسىڭىز،يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ تاغلىق ۋە ئىدىرلىقلار قوينىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.ئەتراپتىكى پاكار ،لىكىن ياپيىشل تاغلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ.جېڭجۇدىن ئابتوبۇس بىلەن غەرىپكە تەخمىنەن ئۈچ سائەتتەك ماڭسىڭىز،تاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان گۈزەل ناھىيە مىيەنچىگە يىتىپ بارىسىز.

     

    مىيەنچى ناھىيىسى مەمۇرى جەھەتتىن خېنەننىڭ ئەڭ غەربىدىكى شەھرى سەنمېنشىياغا قارايدۇ.ناھىيىنىڭ سەنشى ئۆلكىسى بىلەن چىگرالاشقان جايىدىن ھەيۋەتلىك خۇاڭخې دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ.بۇ ناھىيە جۇغراپىيەلىك نوختىدىن ئىستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئورۇنغا جايلاشقان.قەدىمدە بۇ جاي سەنشى،شەنشى،خېنەن،سىچۈئەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولغان.مانا مۇشۇ سۈيى مول،تۇپرىقى مۇنبەت گۈزەل ناھىيىدە ‹‹غەربى خېنەن ئۇيغۇرلىرى››دەپ ئاتالغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

     

    ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە خۇنەندىكى جىيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلار خىلى كۆپ،جىيەن فامىلىك ئۇيغۇرلار بىزگە خىلى كۆپ تونۇشتۇرۇلدى،بولۇپمۇ مەشھۇر تارىخچى ئالىم جىيەن بوزەن ئارقىلىق خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ پۈتۈن مەمەلىكەتكە تونۇلۇش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقۇرى بولدى.ئۇنىڭدىن باشقا گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتۇنۇم ناھىيىسىدكى سىرىق ئۇيغۇر(يۇغۇر)لار بىلەن خۇنەندىكى جىيەن فامىلىك ئۇيغۇرلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلار كۆپ.ھالبۇكى بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مىللىتىگە تەۋە دەپ قارىلىدىغان ،ئىككى ئۇيغۇر مىللى كەنتى بار ئۇزاق تارىخقا ئىگە لىكىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بىر توپ ھىساپلىنىدۇ.2006-يىلى مەن بىر قىسىم دوسلاردىن خېنەندە بىر قىسىم ئۇيغۇر توپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان ۋە ئىمكانىيىتىم يار بەرسە مۇشۇلار ھەققىدە بىرەر تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىش ئويىغا كەلگەن ئىدىم.ئاخىر بۇ پۇرسەت يىتىپ كەلدى.مەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خېنەن ئۇنۋىرسىتېتىغا  بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرغىلى كەلدىم.مۇشۇ پۇرسەتتە ئىزدىنىپ يۈرۈپ ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىش،سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم.

     

    غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ليۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەپنامىسىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرسىگە قارىغاندا،1985-يىلى  جۇڭگۇ مىللەتلەر رەسىملىك ژورنىلىدىكى ئەركىن قادىر ۋە ئارىسقان قاتارلىقلار مىيەنچى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغان.1991-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس فىلىم بۆلىمىدىن ئىسھاق ،يالقۇن،ئابلىمىت قاتارلىق ئۈچ كىشى مىيەنچى ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ ،ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن.2005-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر جۇڭگۇ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى رەيھان قادىر خانىم بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچ قىتىم زىيارەت قىلغان.

     

    مىلادىيە 1209-يىلى قۇجۇ ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن غەربىي لىياۋ سۇلالىسىنىڭ قۇجۇدا تۇرۇشلۇق نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ ،چىڭگىزخانغا ئەلچى ئەۋەتىدۇ.كىيىن ئۆزى ئادەم باشلاپ بىرىپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرىشىدۇ .چىڭگىزخان بارچۇق ئارتتېكىننى بەشىنچى ئوغلۇم دەپ ئىلان قىلىپ ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بارچۇق ئارتتېكىن 10مىڭ كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنىنى باشلاپ چىڭگىزخاننىڭ غەرىپكە يۈرۈشىگە قاتنىشىدۇ.1220-يىللىرى ئەتراپىدا چىڭگىزخانغا قارام بولغان غەربىي شىيا سۇلالىسى(تاڭغۇتلار)ئىسيان كۆتىرىدۇ.چىڭگىزخان قوشۇن باشلاپ تاڭغۇتلارغا جازا يۈرىشى قىلىدۇ.بۇ جازا يۈرىشىدىمۇ بارچۇق ئارتتېكىن ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىدۇ.1226-يىلى جەڭ ئاخىرلىشىدۇ.تاڭغۇتلار يىڭىلىدۇ.مانا مۇشۇ چاغدا بارچۈق ئارتتېكىننىڭ سەركەردىسى سىتەنقايا دىگەن كىشى چىڭگىزخان تەرىپىدىن غەربىي خېنەندىكى يوڭنىڭ،لىڭباۋ،شەنشىيەن،مىيەنچى،يىياڭ قاتارلىق بەش ناھىيىنىڭ دارۇغاچلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى مۇشۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ ۋە شۇيەردىكى چوڭ جەمەت بولغان ليۇ جەمەتى بىلەن قۇدىلىشىدۇ .سىتەنقايا خېنەن،گۇيجۇ قاتارلىق جايلاردا ئەمەلدار بولۇپ .ئاخىر تەبىئى شارائىتى ئەۋزەل ۋە گۈزەل ،ھەربىي ئىستىراتىگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زور مىيەنچى ناھىيىسىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.ئارىدىن 100يىلچە ۋاقىت ئۆتۇپ ،تۆتىنچى ئەۋلات خۇدۇقايا دەۋرىگە كەلگەندە ،يۈئەن سۇلالىسى ئاغدۇرلىدۇ،1336-يىلى جۇ يۈئەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرىدۇ ۋە بۇيرۇق ئىلان قىلىپ غۇزچە (‹‹غۇز››،بۇ يەردە موڭغۇل ۋە ئۇيغۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ)كىيىملەرنى كىيىش،غۇزچە سۆزلەش ،غۇزچە ئۆرۈپ ئادەتتە بولۇشنى چەكلەيدۇ.مانا مۇشۇ ۋاقىتتا خۇدۇ قايا فامىلىسىنى مومىسىنىڭ فامىلىسى بولغان ليۇغا ئۆزگەرتىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن غەربىي خېنەندىكى ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار جەمەتىنىڭ تارىخى رەسمى باشلىنىدۇ.ئارىدا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتىدۇ.بىر ئائىلىدىن تەرەققى قىلغان ليۇ جەمەتى نۇغۇن شاخلارغا بۆلىنىدۇ.لىكىن،ئىزچىل ھالدا ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىنى يىزىپ ماڭىدۇ.ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئويۇپ ئۇلۇغلىرىنىڭ قەبرىسىگە تىكلەيدۇ.

    جۇڭخۇا مىنگونىڭ 15-يىلى(1926-يىلى)فېڭ يۈشىياڭ خېنەننى باشقۇرغاندا مىيەنچى ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى يىزىلىدۇ.مانا شۇ چاغدا 16-17ياشقا كىرىپ كالغان ،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ليۇ يۆبەي ئىسىملىك ياش تەزكىرە ئىشخانىسىغا كىلىپ نۇرغۇن تارىخىي پاكىتلار ۋە ليۇ جەمەتىنىڭ ئائىلە نەسەبنامىسى ئارقىلىق ،ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى تەزكىرىدىن ئورۇن ئالغۇزىدۇ.ئارقىدىن شۇ چاغدىكى ھاكىم ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت››دەپ ئىتىراپ قىلىدۇ.

    يىڭى جۇڭگۇ قۇرلغاندىن كىيىن ،ليۇ جەمەتىنىڭ ئىشلىرى تىخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.1956-يىلى ئۇلار رەسمىي ئۇيغۇر دەپ ئىتىراپ قىلىنىدۇ.بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىنى قوللاپ-قۇۋەتلەپ ئىككى كەنىتكە ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بىرىدۇ.ئىككى ئۇيغۇر مەكتىپى قۇرۇلۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائى خىزمەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    2008-يىلى 3-ئايدا مىيەنچى ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تامغۇسى بىسىلغان ،ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ليۇ دوڭفاڭ،مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ رۇنشېڭ قاتارلىق ئۈچ كىشى قول قويغان ئەڭ يىڭى ماتىرىيالدا غەربىي خېنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ (خېنەندىن باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە تەيۋەن،چەتئەللەرگە كىتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئومومى سانى 2380نەپەر دەپ قەيىت قىلىنغان.ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلەكتە ئولتۇراقلىشىپ يەرلىك خەنزۇلار بىلەن قۇدا-باجا بولۇپ كەلگەن،ئۇلار بىر فامىلىلىك قانداشلار ئارا ئۆيلىنىشنى ئاساسەن تەشەببۇس قىلمىغان.قىزلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە ياتلىق قىلىپ ،ئۆزلىرى باشقا مىللەتلەردىن قىز ئىلىپ جەمەتىنى بۇگۈنگە قەدەر گۈللەندۈرۈپ كەلگەن.

    مىيەنچى ناھىيسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر كەنتى دەپ نام بىرىلگەن ئىككى كەنىتنىڭ بىرى،مىيەنچى ناھىيە بازىرى جايلاشقان گۇئەنچېڭ بازىرى تەۋەسىدىكى يىلىخې كەنتى.بۇ كەنىتكە رەسمى ئۇيغۇر كەنتى دەپ كەنىت دەرىجىلىك ئاپتونۇمىيە بىرىلگەن.بۇ كەنىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومى سانى 329نەپەر،ئومومى كەنىت ئاھالىسىنىڭ %33ىنى ئىگىلەيدۇ.كەنىت باشلىقى ئۇيغۇر بولۇپ،ئىسىم-فامىلىسى ليۇ باۋجۈن.

    يەنە بىر كەنىت ناھىيە بازىرىدىن بىرنەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بېيچى كەنتى،بۇ كەنىتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 675نەپەر بولۇپ ئومومى نۇپوسنىڭ %35ىنى ئىگىلەيدۇ.

    ليۇ فامىلىك ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقلىقنى سۆيىدىغان ،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدىنىيىتى بىلەن غەربىي دىيار مەدىنىيىتىنى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرگەن بىر توپ.بۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش تىخىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى.



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ليۇ فامىلىلىك ئۇيغۇرلار , ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-7 19:37:54
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 1006
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证