تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    patima
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12034
    patima110@qq.com

    يازما سانى : 2
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-12-27 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    ئۇ تېخى ياش-ئۇ يەنە ياشىشى كېرەك



     

                      ئۇ تېخى ياش-ئۇ يەنە ياشىشى كېرەك

       مېھىرلىك قۇياش ئۆزىنىڭ ئىللىق تەپتى بىلەن ئانا تەبىئەتنى ئىللىتىۋاتقان گۈزەل ياز كۈنلىرى، تەبىئەت باشقىچە گۈزەللىككە تولغان، يىراقلاردىن قۇشلارنىڭ بەستە-بەستە سايراشقان ئاۋازلىرى بۇ جىمجىت ئانا سەھرانى باشقىچە جانلاندۇرغان ئىدى، تۇيۇقسىز قۇشلارنىڭ ئاۋازى يوقاپ كەتتى، خۇددى يىراقتىن كېلىۋاتقان تەبىئەت كۈيلەنگەن مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتقاندەك! راسىت؟ بۇ جىمجىت سەھرادا كىمدۇ بىرى مۇڭلۇق بىر مۇزىكىنى چېلىۋاتاتتى، ئۇ چالغانسىرى بۇ دۇنيا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك سۆيۈملۈك تۇيۇلماقتا ئىدى، تۇيۇقسىز بۇ سەھرا قايتىدىن يەنە ئاۋۋالقى جىمجىتلىققىغا قايتتى، ئانا تەبىئەت كۈيلەنگەن مۇزىكىنىڭ ئۈنى يوقىدى، قۇشلارمۇ قېنى مۇزىكا دېگەندەك كىچىككىنە باشلىرىنى ئەتراپلارغا سوزۇشقا باشلىدى، بىراق بۇ قۇشلار بۇ مۇزىكا چالغۇچىنىڭ مۇزىكا چېلۋېتىپ ھوشىدىن كەتكىنىنى نەدىنمۇ بىلسۇن؟!!

       مەھمۇدجان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدىن كېيىن داۋاملىق ئوقۇيالمىدى، چۈنكى بۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىر ئاكىسى ۋە بىر ھەدىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى، بۇ ئائىلىدىكى بەش بالىنىڭ ھەممىسى يالغۇز بىر دادىنىڭ ئازغىنە مۇئاشىغا تاينىپ كۈن كەچۈرەتتى، شۇنداق قىلىپ تولۇق ئىككىنچى يىللىقتىن باشلاپ ئوقۇش ھاياتى بىلەن خوشلاشقان مەھمۇدجان ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بىلەن مۇزىكا چېلىش بىلەن مەشغۇل بولدى، ئۇنىڭ مۇزىكىغا شۇنچىلىك ھەۋىسى بار ئىدىكى ئۇ مۇزىكىنى ئىشتىياقى بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، بىراق جەمئىيەتتە تۇرۇپ بۇنداق مۇزىكا كەسپىنى ئۆگەنگۈچىلەرگە نەدىمۇ مۇنتىزىم تەربىيلىنىدىغانلارغا ئوخشاش كەڭرى سەھنىلەر بولسۇن دەيسىز، مەھمۇدجان ئۈچۈن كېچىلىرى رېستۇران سەھنىلىرى، توي-تۆكۈنلەردە بولسا كەڭرى كەتكەن يېزا سەينالىرى ياخشى بولغان بىر تەربىيلىنىش، ماھارىتىنى كۆرسىتىش سەھنىسى بولغانىدى، ئادەتتە بۇنداق ئىشلار كېچىلىرى داۋاملىشىدىغانلىقى شۇنداقلا نۇرغۇن ۋاقىتلار مەشىق بىلەن ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن مەھمۇدجان خېلىلا چارچاپ قالغانىدى، بىراق ھەممىنى كۆتۈرۈپ كېتىشكە ئۇرۇنىدىغان ياشلىق بۇنى ھېس قىلالمىغانىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېچنىمگە پەرۋا قىلماي مەشىق قىلىۋەردى، بىراق رەھىمسىز كېسەل ئۇنىڭ بەدىنىنى بارغانسىرى چىرمىماقتا ئىدى، بىراق ئۇ يەنە بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىدى، شۇنداق چاغلاردا مەھمۇدجان ئۆيىنىڭ بىردىنبىر تۈۋرۈكى بولغان دادىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى، بىراق بۇ قەدىردان دادىمۇ بۇ ئامراق كەنجىتاينىڭ رەھىمسىز كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىدىن بىخەۋەرلا بۇ دۇنيادىن جىمجىتلا كەتتى. 2008-يىلى، دادىسى تۈگەپ كېتىپ ئالتە ئايلار بولغان چاغلار، مەھمۇدجان ئانا سەھرايىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ مۇزىكا چالماقتا، كۆڭلىدە ھاياتقا بولغان مېھىر-مۇھەببەت، دادىسىغا بولغان سېغىنىش كۈۋەجىمەكتە ئىدى، بىراق چالغۇ تۇتقان بۇ قوللار تۇيۇقسىز چېلىشتىن توختىدى، بىچارە ئانا بۇ تۇيۇقسىز ئەھۋالدىن قاتتىق ئەنسىرىدى، مەھمۇدجاننىڭ بىر تۇققان قېرىنداشلىرىغا تېلىفون قىلدى، مەھمۇدجان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، دوختۇرلار مەھمۇدجانغا سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن، كېسەل ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپتۇ، تېزدىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش كېرەك، دەپ دېئاگنوز قويدى، شۇنىڭدىن بۇيان بۇلارنىڭ ئۆيىدىكىلەر مەھمۇدجاننىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بار دەسمايىسىنى سەرپ قىلدى، بىراق بۇ چاغلاردا مەھمۇدجاننىڭ يار يۆلەك بولىدىغان دادىسى ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان ئاكا-ھەدىلىرىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تۇرمۇشى تۇرسا بۇ پۇلنى قانداق تېپىش كېرەك؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەلنى ئېنىقلىتىش، دەسلەپكى قەدەمدىكى داۋالاشلار ئۈچۈن كۇچا دوختۇرخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا تۆت ئايدىن كۆپرەك داۋالاندى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە يەنە شۇ مېھرىبان قېرىنداشلىرى ياردەم قىلغان تۇرسا. شۇنىڭ بىلەن مەھمۇدجان ئۆزى بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئويىدىن ۋاز كېچىپ ئۈچ كۈندە بىر قېتىم قان تازىلىتىشقا مەجبۇر بولدى، بىر قېتىملىق قان تازىلىتىش ھەقىقى 560يۈەن، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم تازلىتىش كېرەك، مانا ئۈچ يىل بولدى، مەھمۇدجان قان تازىلىتىپ ياشاۋاتقىلى! بىراق ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسىڭىز كېسەل ئىزنالىرىنى ئالدىراپ تاپالمايسىز، چۈنكى ئۇ دائىم ئۆز-ئۆزىگە: (مەن تېخى ياش مەن يەنە ياشىشىم كېرەك) دەپ كېسەل بىلەن ئېلىشىپ كەلدى، ئۈمىدسىزلەنمىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزى تۈگىشىپ كەتسە ئۆزىنى داۋالىتىش ئۈچۈن گەرچە 40ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ ئىنىسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرشىۋاتقان ھەدىسىگە جاۋاب قايتۇرالمايدۇ، چۈنكى ھەدىسى مەھمۇدجاننىڭ بىر كۈنلۈك كۈلكىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالدىغا كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئەلچىلەرنى قايتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز بىر ئاشخانىنى پىرقىرىتىپ ئولتۇردى ئەمەسمۇ؟

       "كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم ھاسىسىدىن ئايرىماپتۇ" دېگەندەك ھېلىمۇ ئاچا-ئاكىلىرى كۆيۈمچان بولغاچقا مەھمۇدجان تاكى ھازىرغىچە شۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ياشاپ كەلدى، بىراق بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىمۇ سورۇلۇپ بولدى، بىراق ئۇ تېخى ياش ئىدى، ئۇ يەنە ياشىشى كېرەك ئىدى، بىراق ھەممە ئىشلار ئىقتىسادقا چېتىلدىغان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەلۋەتتە بىز جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان ياشاش دەپ سوقۇۋاتقان يۈرەكنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان كىشلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشنىمىز، ھەي مۆھتەرەم جانابلار بىز سىلەردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىمىز، ياردەم قولۇڭلارنى ئايمىغايسىلەر، بىز سىلەرگە يەنە بىر قېتىم نىدا قىلمىز: مەھمۇجان ياش- ئۇ يەنە ياشىشى كېرەك"!!

    ئالاقىلىش تېلفونى:18699131909           ئالاقىلاشقۇچى:خەيرىگۇل سەئىدى 



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : مەھمۇدجان , ھايات , ياردەم
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-5-4 16:51:00
    تەھرىر : admin
    باھا : 0 كۆزىتىش : 294
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证