تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئىنىسكىلوپېدىيە ›› جاھاننامە ›› جاي ناملىرى ›› جايى پاچچىم-ئاتۇش چوڭ جىلغىسى
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    compass
    يىڭى ئەزا
    دەرىجىسى : 7
    جۇغلانما نۇمۇر : 55
    mahmutt@163.com

    يازما سانى : 3
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-13 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    جايى پاچچىم-ئاتۇش چوڭ جىلغىسى

    جايى پاچچىم-ئاتۇش چوڭ جىلغىسى
    مەخمۇت يۈسۈپ

     


        ئاتۇش چوڭ جىلغىسى(جايى پاچچىم) ئاتۇش شەھرى تۈگىمەت يىزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 18 كىلومىتىر كىلىدىغان تاغ جىراسىغا جايلاشقان.

       ئاتۇش چوڭ جىلغىسىنىڭ ئەسلى نامى «جايى پاچچىم»ئىدى. «جايى پاچچىم» ئۇيغۇرچە سۆز بۇلۇپ ،«جايى»سۆزى ئادەم تۇرىدىغان يەرنى بىلدۈرىدۇ،«پاچچىم» بولسا ئەينى يىللاردىكى نام-ئابرويلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئىسمى.ئۇ ئايال ئىسلام دىنى مۇخلىسى بۇلۇپ،ئەينى يىللاردا سۇتۇق بۇغراخانغا ئەگىشىپ بۇ جايدا پاناھلانغان،ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن مۇشۇ جايغا دەپىنە قىلىنغان.پاچچىمنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن بۇ جاينىڭ نامى «جايى پاچچىم» دەپ ئاتالغان.

       گۈزەل سىھىرلىك جاي جايى پاچچىمدا تاغ ھەم سۇ مەنزىرىسى گىرەلىشىپ كەتكەن،بۇ جايدا ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭ ئەسلى ھالىتىنى،كۈمۈشتەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاق سۇلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ سىھىرلىك ئىزنالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.بۇ يەر شىنجاڭدىكى ئىسلام دىننىڭ ئاساسچىسى سۇتۇق بۇغراخان پاناھلانغان جاي.بۇ يەر كىيىنكى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلار تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلانغان.جايى پاچچىم 1000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.بۇ مەنزىرە رايۇنى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇلۇپ،كۆپ-كۆك ئاسمان،سۈپ-سۈزۈك بۇلاق سۇلىرى،ئاجايىپ-غارايىپ تاشلار،كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلار،سۇدا ئۈزىۋاتقان بېلىقلار،سالقىن تاغ ھاۋىسى كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز ھوزۇر بىغىشلايدۇ.بۇ يەردە يەنە 100يىللىق سۆگەت ۋە ئۈژمە دەرەخلىرى سايا تاشلاپ تۇرىدۇ.

       جىلغا ئىچىدە سۈپ-سۈزۈك تاغ سۇلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ.سۇ تەركىۋىدە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق مىنرالنى تەركىپلەر ئىنتايىن مول بۇلۇپ،ئۇ تاغلىق چارۋىچىلارنىڭ ياخشى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى بۇلۇپلا قالماستىن،بۇ مەنزىرە رايۇنىنىڭ ساياھەت بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلنىش جەھەتتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە.

        ئاتۇش چوڭ جىلغىسى(جايى پاچچىم )دىكى مۇھىم ساياھەت نوختىللىرى:سۆگەت ئاتاڭ مازىرى،بىر كۆز تاتلىق سۇلۇق بۇلاق،بىر مەسچىت،بىر كۆز قول سالدى مازار دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاق،بىر كۆز غۇسۇلخانا دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاق،يەنە بىر كۆز تامچە مازار دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاق،سۇتۇق بۇغراخان پاناھلانغان مەزگىلدە ئىشلەتكەن ئات ئوقۇرى،قىرىق مەسچىت قاتارلىقلار.

        ئاتۇش چوڭ جىلغىسى(جايى پاچچىم )نىڭ رىۋايىتى:ئېيتىشلارغا قارىغاندا،مىلادىيە 10-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ خوشنىسى ــــ پارىس سامانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىچكى نىزالار يۈز بىرىپ،پادىشاھنىڭ ئىنىسى ناسىر بىن.مەنسۇر سىياسى ئۆزگىرىش قوزغاپ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن،قەشقەرگە قېچىپ كىلىپ،قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ۋەلىئەھدى ئوغۇلچاق.قەدىرخاندىن پاناھلىق تىلەيدۇ.ئوغۇلچاقنىڭ سامانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاسى ئېسمىرخان بىلەن قاتتىق ئۆچ ئاداۋىتى بولغاچقا،سامانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىچكى نىزالىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ،ناسىرنى ئىلىپ قالىدۇ ۋە ئەزىز مىھمام سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ،ئوردىنىڭ شىمالىدىكى ئاتۇشقا ماكانلاشتۇرۇدۇ.ناسىرنىڭ ئىبادەت قىلىشى ۋە ئۆتكەن-كەچكەن مۇسۇلمان تىجارەتچىلەرنىڭ دۇئا تىلاۋەت قىلىشى ئۈچۈن ئاتۇشقا مەخسۇس بىر مەسچىت سالدۇرۇپ بىرىدۇ.

           ئۇلۇغخان بازىرنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سۇتۇق بۇغراخان(ئوغۇلچاقنىڭ جىيەنى)مۇ ئەينى چاغدا ئاتۇشتا تۇرىۋاتقان ئىدى.سۇتۇق بۇغراخان بىلەن ناسىر تەڭ دىمەتلىك بۇلۇپ،قىزىقىشلىرى ئوخشۇشۇپ كەتكەچكە.بارا-بارا يىقىن دوسىتلاردىن بۇلۇپ قالىدۇ.ناسىر ئىسلام دىنى مۇرىتى بولغاچقا ،سۇتۇق بۇغراخانغا ئىسلام دىننىنىڭ ئەقىدە،ئەھكاملىرى ۋە قائىدە-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئۈگىتىدۇ.شۇ ئارقىلىق سۇتۇق بۇغراخاننى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە دەۋەت قىلىدۇ.سۇتۇق بۇغراخان كىچىكىدىن تىرىشچان،ئەقىللىق بۇلۇپ،كۆڭلىگە ئۇلۇق غايىلەرنى پۈككەن ئىدى.ئۇ تاغىسىنىڭ ھۆكىمىرانلىقى ئاستىدا كۈندىن-كۈنگە زەئىپلىشىۋاتقان قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ھالىغا ئېچىناتتى ھەمدە تاغىسىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشنى ئويلايتى.سۇتۇق بۇغراخان ئاخىرى كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى ناسىرغا ئېيتىدۇ.ناسىر ئۇنۇڭغا ئامال-چارە كۆرسىتىدۇ،ئۇلار ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئوردا ئىچى-سىرتىدىن مۇرۇت توپلاپ،سىياسى ئۆزگىرىش قوزغايدۇ،لىكىن ئەسكىرى كۈچى يىتىشمىگەنلىكتىن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولۇپ ئاتۇش چوڭ جىلغىسى(جايى پاچچىم )غا قېچىپ بېرىۋالىدۇ.ئۇلار ئاتۇش چوڭ جىلغىسىدا پاناھلىنىپ ئارام ئالغاچ داۋاملىق ئەسكەر توپلايدۇ.كىيىن سامانىلار سۇلالىسىنىڭ ياردىمىدە ئوغۇلچاقنى مەغلۇپ قىلىپ قەشقەرنى ئىگەللەپ ،خانلىق تەختىگە چىقىدۇ.ئارقىدىنلا قۇرال كۈچى بىلەن سۇلالىنىڭ چوڭ پايتەختى بالاساغۇننى ئىگەللەپ پۇتۇن سۇلالىنى ئۆزىنىڭ ئىلكىگە ئالىدۇ.مىلادى 960-يىلى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى مۇسا،ىسلام دىنىنى سۇلالە دىنى دەپ جاكارلاپ،دۆلەتنى دىن ئاقىلىق ئىدارە قىلىشقا باشلايدۇ ھەمدە ئىسلام دىنىنى پۈتۈن شىنجاڭغا كىڭەيتىدۇ.ئاتۇش چوڭ جىلغىسى(جايى پاچچىم) سۇتۇق بۇغراخاننى غەلبىگە ئىرىشتۈگەن،سەلتەنەن تەختىگە چىقارغان بازا بولغانلىقى ئۈچۈن،كەڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن شىنجاڭدىكى ئىسلام دىننىنىڭ مۇقەددەس جايىغا ئايلاغان.

          ئاتۇش چوڭ جىلغىسى(جايى پاچچىم)بىرنەچچە مازاردىن تەركىپ تاپقان،ھەر بىر مازارنىڭ ئۆزىگە خاس ناملىرى بار.جايى پاچچىم جىلغىسىغا كىرسىڭىز،ئالدى بىلەن كۆرىدىغىننىڭىز سۆگەت ئاتام مازىرى،بۇ يەردە 3 تۈپ قەدىمىي سۆگەت ۋە بىر تۈپ قەدىمىي ئۈژمە دەرىخى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.يەنە بىر كۆز تاتلىق سۇلۇق بۇلاق ۋە بىر مەسچىتمۇ بار.ئۇ يەردە يەنە تاجسىمان بىر پارچە تاش بولۇپ،تاشنىڭ ئوتتۇرا يۈزى قىزىل،قىزىل قىسمىدا قارا رەڭلىك داغلار بۇلۇپ،خۇددى يېرىم كاسا تاۋۇزغىلا ئوخشايدۇ.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،سۇتۇق بۇغراخان قوزغىلاڭدا مەغلۇپ بۇلۇپ قېچىپ بۇ يەرگە كىلىپ ،ئەمدىلا بىر تاۋۇزنى پىچىپ يېرىمىنى يەپ ئۇسسۇزلىقىنى بېسىپ تۇرىشىغا ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەرنىڭ ئات تۇياق ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ،شۇنۇڭ بىلەن سۇتۇق بۇغراخان تاۋۇزنى تاشلاپ ئۆزنى دالدىغا ئالىدۇ.يىيىلمەي قالغان يېرىم كاسا تاۋۇز تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.مۆمىن مۇسۇلمانلار يىراق يىراقلاردىن بۇ يەرگە تاۋاپ قىلىپ كىلىپ ئەجداتلىرىنىڭ جاپا مۇشەققەتلىك ئىگىلىك تىكلەش جەريانىنى خاتىرلەيدۇ.

         تاش تاۋۇزنىڭ غەرىبىدىكى تاغ باغرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر كۆز قول سالدى مازىرى دەپ ئاتىلىدىغان بۇلاق بار.بۇلاقنىڭ كۆزى مۇشتۇم چوڭلىقىدا بۇلۇپ ،سۈپ-سۈزۈك سۇ ئېتىلىپ تۇرىدۇ.ئېيتىشلارغا قارىغاندا تۇغماس ئاياللار بۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچسە ھامىلدار بولىدىكەن.يەنە غۇسۇلخانا دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاق بۇلۇپ ،بۇ يەرگە تاۋاپ قىلغىلى كەلگەن مۇسۇلمانلار غۇسۇلخانىغا كىرىپ غۇسۇل قىلىدىكەن.

          غۇسۇلخانىنىڭ شىمالىدا تاشتىن ياسالغان ئات ئوقۇرى ۋە ئات باغلايدىغان تاش تۈۋرۈك بۇلۇپ ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ ئوقۇرنى ئەينى يىللاردا سۇتۇق بۇغراخان ئات بېقىشقا ئىشلەتكەن.يەنە داۋاملىق شىمالغا قاراپ ماڭسا تامچە مازارغا بارغىلى بولىدۇ،بۇ ئىگىزلىگى 3 مىتىر،چوڭقۇرلۇقى 2.5 مىتىر كىلىدىغان ئۆڭكۈر بۇلۇپ،ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستى ۋە تۆت ئەتراپىدىن بۇلاق سۈيى تامچىلاپ تۇرغاچقا تامچە مازار دەپ نام ئالغان.

           تاغ جىلغىسىنى بويلاپ يەنە ئىچكىرلەپ ماڭسىڭىز غايەت زور بىر قورام تاش يولىڭىزنى توسۇپ تۇرىدۇ.بۇ قۇرام تاش غايەت زور بۇلۇپلا قالماستىن،ناھايىتى تىك بۇلۇپ يامىشىپ چىقىش مۈمكىن ئەمەس،پەقەت ئايلىنىپ ئۆتۈشكىلا بۇلىدۇ.قۇرام تاشتىن ئايلىنىپ ئۆتسىڭىز قىرىق مەسچىتكە يىتىپ بارىسىز.بۇ يەر قىرىق مەسچىت دەپ ئاتالسىمۇ ،لىكىن بىرمۇ مەسچىت يوق.بۇ يەر بىر پارچە تۈزلەڭلىك بۇلۇپ 40-50 چە ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇشقا بۇلىدۇ.ئەتراپىنى نەچچە ئون دۆۋە تاش ئوراپ تۇرىدۇ،غەرىپ تەرىپىدە يەنە يىگانە بىر تال ياغاچ خادامۇ بار.ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،سۇتۇق بۇغراخان قېچىپ بۇ يەرگە كەلگەندە كەچ بۇلۇپ كىتىدۇ،ئاتلار ھېرىپ،ئادەملەر ماغدۇرىدىن كىتىدۇ.دۈشمەنلەر قوغلاپ ئارام ئېلىش مۇمكىن بولمايدۇ.دەل شۇ چاغدا سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كاللىسىغا ئەسكەر چىكىندۈرۈش ھىيلىسى كىلىدۇ-دە،ئەسكەرلەرگە قىرىق تاش ئوچاققا گۈلخان يېقىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ.قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر بۇنى كۆرۈپ ،سۇتۇق بۇغراخان بۇ يەرگە قىرىق توپ قوشۇن بۈكتۈرمە قويۇپتۇ دەپ ئويلاپ يەنە قوغلاشقا پېتىنالماي چىكىنىدۇ.سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەسكەر چىكىندۈرۈش ھىيلىسى خەلق ئارىسىدا قىزىق پاراڭغا ئايلىنىدۇ.كىيىن بۇ يەرگە تاۋاپقا كەلگەن مۇسۇلمانلار بۇ يەرگە تاشلارنى دۆلەپ خاتىرلەيدۇ.گەرچە 1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ،بۇ يەردە تاش ئوچاقلار دۆۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ.كىيىن نامەلۇم بىر تەقۋادار مۇسۇلمان بۇ يەردىكى چوڭ قۇرام تاشقا بىر ئوچاق ياساپ ،كىيىنكىلەرنىڭ خاتىرلىشىگە قالدۇرغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بۇ ئوچاق 200يىل ئىلگىرى ياسالغان بۇلۇپ ،بۇرۇنقىلار ناھايىتى پەخىرلىنىپ بۇ ئوچاقتا سۇ قاينىتىپ،ئاش پۇشۇرغان.

          جايى پاچچىم شىنجاڭغىلا داڭلىق بۇلۇپ قالماستىن،چەتئەللەردىكى ئەرەپ دۇنياسىدىمۇ خېلىلا نامى بار.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بۇندىن 100 يىللار ئىلگىرى،جايى پاچچىم ئەتراپىدىكى قۇلۇمدۇق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىبرايىم ئىسىملىك بىر بوۋاي ھاياتىدا ئۈچ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىدۇ.ئۇ ئۈچىنچى قېتىم مەككىگە بارغاندا،مەككىدىكى چوڭ ئاخۇن ئىبرايىمغا:«سىلەر نىمىشقا يېقىندىكىنى ياراتماي يىراققا تەلمۈرۈپ،بۇ يەرگە كىلىپ ھەج تاۋاپ قىلىسىلەر؟سىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى جايى پاچچىممۇ مۇقەددەس يەرغۇ،ئۇ يەرگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلساڭلارمۇ مۇشۇ يەرگە كىلىپ تاۋاپ قىلغان بىلەن ئوخشاش،پۇلۇڭلارنى ئىقتىساد قىلىپ نامراتلارغا ياردەم بەرسەڭلار تېخىمۇ ساۋاپلىق ئىش بولمامدۇ؟“دەيدۇ.ئىبرايىم ھاجىم ھەجدىن قايتىپ كىلىپ،مەككىدىكى چوڭ ئاخۇننىڭ ئېيىتقانلىرىنى مۇسۇلمانلارغا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىدۇ.شۇنۇڭدىن كىيىن جايى پاچچىمغا كىلىپ تاۋاپ قىلىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىدۇ.ھازىر ھەر يىلى 8-9-ئايلاردا قەشقەر،قىزىسۇ،خوتەن قاتارلىق جايلاردىن جايى پاچچىمغا كىلىپ تاۋاپ قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

    2011-يىل 4-ئاينىڭ 29-كۈنى

     
    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
    ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەرگە:

    مەن چوڭلاردىن «جايى پاچچىم »ھەققىدە ئاجايىپ-غارايىپ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان سىرلىق رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم.بۇ يىل ماي بايرىمىدىكى دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بۇ يەرنى ئايلىنىپ كىلەي دىگەن ئۈمۈت بىلەن،توردىن جايى پاچچىم توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئاختۇرسام بۇ ئىسىمغا ئائىت مەزمۇنلار تېپىلمىدى.شۇنۇڭ بىلەن تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرسەم،قىزىلسۇ قىرغىس ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا «جايى پاچچىم» توغرىسىكى يۇقۇرقى ماقالىنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسىنى ئۇچرۇتۇپ قالدىم.شۇنۇڭ بىلەن بۇ مەنزىرە نوختىسىنى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۇپ ئىلان قىلدىم.قىزىلسۇ قىرغىس ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق پارتىكوم،ھۆكۈمەت «جايى پاچچىم»نى داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنۇڭ مەشھۇرلىقىنى كىشىلەرگە تېخىمۇ تونۇتۇش مەقسىتىدە مىڭ يىللاردىن بۇيان قوللۇنۇپ كەلگەن «جايى پاچچىم»دىگەن نامنى «ئاتۇش چوڭ جىلغىسى»(阿图什大峡谷)دەپ ئۆزگەرتىپتۇ.سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلىدىن تەرجىمىدە خاتالىقلارنىڭ بۇلۇشى تەبئى،تورداشلارنىڭ تەنقىد،تەكلىپ بىرىشىنى سەمىمى ئۈمۈت قىلىمەن.

    (قۇشۇمچە:جايى پاچچىمنىڭ قەشقەر شەھرى بىلەن ئارلىقى 50 كىلومىتىر ئەتراپىدا كىلىدۇ.ماشىنىلىق بىر كۈنلۈك ساياھەتكە تولىمۇ باپ كىلىدۇ)



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جايى پاچچىم , ئاتۇش چوڭ جىلغىسى , سۇتۇق بۇغراخان , ئىسلام دىنى , مەخمۇت يۈسۈپ , ساياھەت , ناسىر , , , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-29 20:43:07
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 958
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证