ئىشىك تۈۋىدىكى مەن
سەئدى شىرازى
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى
مەن مەشۇقنىڭ ئىشكىنى قاقسام، سورىدى:
ئىشىكتىكى كىمدۇر؟، دېدىم: ئىشىكتىكى مەن!
ئېيتتى: ئىشىق تەرىفىنى قويدۇڭ يۈتتۈرۈپ ،
ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى ئايرىغاندا سەن.
يىللار ئۆتتى، كەلدىم يەنە سېغىنىپ ئۈنى،
چەكتىم ئاستا ئىشىكىنى زور ئۈمۈد بىلەن.
ئۇ سورىدى: كىمسەن؟ دېدىم: قاراپ باق ئۆزۈڭ،
يوقتۇر ئىشىك تۈۋىدە يات، ئىشىكتىكى سەن.
ئېيتتى: ئىشىق تەرىفىنى ياخشى سۆزلىدىڭ،
كىرگىن ماڭا، مۇھەببەتنى تونۇغان ئەي مەن!
------------------------------------------
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيو-يۇركتىكى باش شىتابىدا بىر لەۋھە ئېسىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا دۇنياۋى شائىر سەئدى شىرازىنىڭ ئۇشبۇ شېئىرىنىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى يېزىلغان.
گەنسۇ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان« غەم قىلماڭ» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلدىم.