شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار
دولقۇن جاپپار
شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ،
بىلمەيسىلەر بۇ يەرنى بەلكى.
خەرىتىگە سىغماس بۇجايلار ،
ئەپسۇس ئانا زىمىننىڭ كۆركى .
يوق بۇ يەردە پارلىق بىر سىنىپ ،
يوق بولغاچقا ئوقۇش بىناسى .
خىياللاردا قويساقمۇ سىزىپ ،
جامال بەرمەس باغچا ئىزناسى .
يوق ئاسفالىت مەيدانلار بۇندا ،
بۇغۇنلارنىڭ رۇخسارىدا چاڭ .
سېغىز،كۆمۈر ئىلغىماس دوسكا،
كەپ قالساڭلار قالىسىلەر تاڭ.
شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ،
تېرىمسىلەر ئاشلىق،ياغلىقدان.
ئالدىڭلارمۇ بۇ يىلمۇ ھوسۇل-
پاختا بىلەن پىلىدىن ئوبدان.
مەكتىپىدىن قاچقان بالىلار،
سۆھبەتلەرگە ئۈندەمدۇ كەچلەر.
تارتامسىلەر سىلەرمۇ بىزدەك،
دامبا،ئۆستەڭ ياساشقا چەكلەر.
شەھەردە كۆپ بوتولكا دىگەن ،
ۋەزىپەڭلار تۇرامدۇ ئېشىپ.
كېمەيتمەيمىز جەرىمانىنى،
سولياۋ،تۆمۈرۋە ئۈچكە يىغىپ.
شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار،
مەۋسۇمىڭلار تامام تۆنۈگۈن.
كىلەر يىللىق كېۋەز يىرىگە ،
توڭ ياتقۇزۇپ قايتىشتۇق بۈگۈن.
شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ،
ئېسىڭلارغا كېلەمدۇ سەھرا.
ئىھ،شۇ يەردىن سالام سىلەرگە،
ئوقۇتقۇچى-سالامدۇر گويا .
1995-يىلى ئۆكتەبىر ،چىرا