تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› باشتىن باشلايمەن(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    abduhelil
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11002
    xjhttv@126.com

    يازما سانى : 12
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-18 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    باشتىن باشلايمەن(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)

    باشتىن باشلايمەن

    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر

     

    خوتەن

    سەن روھىمدا چېچەكلىگەن يار،

    تىنىق ھەتتا قېنىمىز تۇتاش.

    سەندىن جۇدا

    شەھەر تىللىرىدا ئېيتساممۇ ناخشا،

    سولغان قىياقلىرىڭنىڭ رەڭگىدىن بەتتەر

    ياشايمەن ئۆلۈمنى ئىتىپ چىڭ باغاش.

     

     

    ۋەتەنسىز ھايات

    قانىتى قىرقىلغان قۇشنىڭ ئۆلىمى.

    بىر كۆزىڭنى قىسساڭمۇ يۈز يىل

    يۈرەكنىڭ ھالسىز دۈپۈرلىشىدە

    ھەممە يەر بىر قانلىق جەڭنىڭ كۆرىمى.

     

     

    باغ ئەمەس كۈلكەم باغ يۈرسەممۇ باغدا،

    تاغ ئەمەس قەددىم تاغ يۈرسەممۇ تاغدا،

    باغرىمدا تۈمەنمىڭ ھىجران خەنجىرى،

    ئىچ-تېشىم قان-يىرىڭ ساقايماس داغدا.

     

     

    لەۋلەردىن شەربەتلەر ئىچسەممۇ قېنىپ

    چاڭقاقلىق دەشتىدە تىنىم ئوت-لاۋا.

    ئەتىر ھىدلىرىدىن قىلساممۇ پەرۋاز،

    ئادەم ئاتا مىنى بار قىلغان

    ھاۋا ئانامنىڭ ئىسسىق قوينىدەك

    شۇ ئاددى كەپىدە جىمى ساپ ھاۋا.

     

     

    خوتەن

    سەندىن ئايرىلىپ سىرداش كۆرمىدىم

    كۆرگىنىم قان ئىچەر يالتىراق سۆزلەر.

    ھېچنىمە يوق ئۈلۈك سەمىمىيەتتىن

    قاياققا باقساڭ شۇ جان سورار كۆزلەر.

     

     

    تەنھامەن نەچچە لەك ئادەملەر ئارا،

    كىچە بولماس كوچىلار رەڭسىز

    غېرىپلىق مۆلدۈردەك ياغار قەلبىمگە.

    گاچىمۇ ئەمەس مەندەك بىچارە

    بىر بۇردا نان كەلمەس ئۇيغۇرچە گەپكە.

    دات باسقان قۇلۇپتۇر،

    قۇلۇپتۇر تىلىم

    ماڭا يول باشلايدۇ ئىما-ئىشارەت.

    يۈرگەندىن ئەرىشنىڭ پەيزىدە ئۇچۇپ

    خوتەنچە سۆزلەپ

    لاي سۇ بولسىمۇ قانغۇدەك ئىچىپ

    زاغرا چىقسىمۇ ئېتىزدىن قاچماي

    ئىشەككە مىنىپ ياشاشنىڭ ئۆزى

    دۇنيادا شۇ ئىكەن ھەممىدىن راھەت.

     

     

    مەن بۇيەردە

    بېشىمنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمەن

    يېڭىلاپ ئازاپنى قاسراق تاشلايمەن.

    نېنىمنىڭ سەندىلىكى ئويىمدىن كىچىپ

    دېڭىز دولقۇنىدەك كۆزنى ياشلايمەن.

    يىتەلىسەم ساڭا بىر كۈنلەر

    ئۇيغۇرچە سۆزلەشنىڭ شىرىنلىكىدىن،

    ھاياتنى سەن بىلەن،

    باشتىن باشلايمەن...

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : باشتىن باشلايمەن , ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-26 17:26:47
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 300
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证