تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: سونېتلار
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 13003
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 45
    باھا يازما سانى : 3
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: سونېتلار



     

    سونېتلار

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

    1

    ئېيت،نىگارىم بىزگە ئورتاق،بىزگە تەئەللۇق،
    بىز سۆيگۈدەك كۆز ياش بىلەن ئازاپتىن بۆلەك
    نېمىمىز بار ھاياتلىقتا يەنە ئارزۇلۇق
    سۆيگۈ ۋۇجۇد دالاسىدا ئاچقىچە چېچەك!؟

    ئېيت،ھاياتلىق نىمە ئۈچۈن؟مەيلى ئەمەسمۇ
    قىسىلىشتىن تېپىلمىسا سۆيۈشكە ئىمكان؛
    ھىچبولمىسا ئازاپلىنىش ئەركى بىزدىغۇ
    تەنھالىقتا ، تەسەللىسىز يۈرسەكمۇ جانان .

    يەتتى كىملەر كۆزيېشىنىڭ قەدرىگە، قاچان؟
    ئېيت،مۇھەببەت كۈتتى زادى كىمدىن نېمىنى
    كىم قانچىلىك چۆكتى ئازاپ تەكتىگە،جانان؟!

    بىل، ئازاپتۇر، سۆيگۈ ئۈچۈن يۈكسەك بىر مېزان:
    ئاقارماس تاڭ ،كۆتۈرۈلمەي ئاھلار ئەۋجىگە
    ۋە يۇيۇلماي كۆز ياش بىلەن داغلىرى ھىجران...!

    2

    تىترىمىسۇن پىچاق تۇتقان قولۇڭ مەن ئۈچۈن،
    دەريا ياسا قېنىمدا گەر بولسا ھاجىتىڭ .
    قايغۇرمىغىن جان تالاشسام ئەكسىچە سۆيۈن ،
    يارىلىشتىن قۇربانلىغىڭ مەن ھامان سېنىڭ .
    باغدا باقتىم ،ئۆلتۈرۈپ يەي ،دېيىش نىمە گەپ،
    باقمىساڭمۇ ھوقوقىڭغۇ ئۆلتۈرۈش مېنى .
    سەن بىر بەدەل بەرسەڭ بېرەي مىڭ بىر ھەسسىلەپ،
    قېينىمىسۇن مېنىڭ ئازاپ كۈلپىتىم سېنى .
    بىراق، ساڭا دەرت بولدىغۇ ماڭا ئەلەم، دەپ،
    تۆكمە ئارتۇق پىغاندا ياش ،كۈل ۋە يەنە كۈل.
    ئازاپلىرىم بەرسە ئەگەر ساڭا پايدا - نەپ،
    مەيلى كۆيۈپ ئوتلىرىڭدا بولاي مەن چۈچۈل.

    ھاياتلىغىم سەن ئۈچۈندۇر ئۆلۈمىممۇ ھەم ،
    دېمە ھەرگىز : سەندىكى دەرت - مەن ئۈچۈن ئەلەم..

    3

    بەخت بىلىپ قوغلاپ ۋۇجۇد لەززىتىنى سەن،
    بۇ دۇنيالىق سېھرىدە ئۆز كۆزۈڭنى باغلاپ.
    ئۆكسىمەس ياش كۆزلىرىمدىن بۇلاقتەك دەرتمەن،
    سېنى سۆيگەن گۇناھىمغا ھەسرەت ھاپاشلاپ.
    پەخىرلەندىڭ پۇل، مەرتىۋە، لېۋەن يار... بىلەن،
    گەرچە قەلب بايلىقلىرىڭ كەتسىمۇ خوراپ.
    كۆنمىدىڭ ھېچ "ھاي!" غا ،دېدىڭ:تاپسۇن ھوزۇر تەن!
    باقمىدىڭ ھەم نېمىشقا؟ دەپ ئۆزۈڭدىن سوراپ.
    گۈل چەيلىنىپ ، چېچەكلەنسە كۆكسۈڭدە تىكەن،
    ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇپراق بولۇپ ياشاشنى خالاپ.
    قىيالامسەن؟! تىكەنلىككە ئايلانسا گۈلشەن،
    دەپ باققىنا، كەينىڭدىكى پەرزەنتكە قاراپ...

    كۆرگىنىمدۇر دەل سەندىكى كەمچىلىك- ئېۋەن،
    سەن كۆرمىگەن،كۆرەلمىگەن- ھەقىقەت، چۈشەن!

    4
    كۆكتە ئەمەس، تار كوچىدا ساقلاپ تۇرسا ئاي،
    لەۋلىرىمدە پىستە چاق! دەپ تەلمۈرۈپ ماڭا .
    ئالىمەن دەپ ئاينى كۆكتىن ئۆزۈمگە باقماي،
    ساق بېشىم مىڭ بىر بالاغا بولدى مۇپتىلا !
    كۆكتە بولغاچ ئاي دىلىمنى قىلغاچقا قامال،
    ئاي چىقار دەپ كۆككە بېقىپ ،تۈننى زارىقىپ
    كۈتسەممۇ مىڭ ، تەشنالىققا بولمىدى ئامال،
    ئولتۇرۇشتىن ئۆزگە تەگسىز خىيالغا پېتىپ .
    شۇ سەۋەپ ،ئۆز تۇرمۇشۇمنى دىگەچكە دىل: بۇز!
    ئۇرۇندۇم-يۇ بىراق،تۇرمۇش ئۆزگەرتىپ مېنى؛
    ئەتتى مەھرۇم بارلىغىمدىن دېگەنگە: قۇتقۇز!
    سەزگەندە، يار سۆيگۈسىگە مۇھتاجلىقىمنى...

    ئۇشبۇ ئەسنا سوراپ قالدىم ئۆزۈمدىن ئۆزۈم،
    ئالداندىمۇ؟ قەلبىمنى يا ئالدىسا كۆزۈم ...


    5
    پەيدا بولۇپ قالدىڭ قاچان تۇرمۇشۇمدا سەن،
    شۇندىن بىرى تىنىچ قەلبىم كۆتۈرۈپ قىيان،
    بولۇپ قالدىم رومانتىك ،ياق! ئىشقىڭدا دەرتمەن،
    سەن بىخەۋەر ،مەن يۈرەكلىك سۈرەلمەي زۇۋان.

    يۈرمىسەممۇ ئىستەپ ۋوجۇد لەززىتىنى مەن،
    سېنىڭدە ھەم يوق ئىختىيار بولۇشقا جانان.
    ئاشىقلىغىم بولدى شاتلىق تۇيغۇمغا كېپەن،
    دەرت ئۈستىگە قوشۇلۇپ دەرت، تۇنجۇقۇپ ئىمكان...

    شۇڭا ، ئازاپ تۇيۇلار ئاھ ! سۆيۈشۈم سېنى،
    ۋىسالىڭ ئۇ ،مەن تەۋەككۈل قىلغان پاجىئە.
    چۈنكى، ئەركىم ئەمەستۇر بىل سۆيۈلۈش، مېنى
    تۇرغاچقا چىڭ باغلاپ ئايال،پەرزەنت، ئائىلە...

    ساڭا بولغان سۆيگۈمنى مىڭ تۇتساممۇ پىنھان،
    نەزمەمدە ئۇ بولۇر ھامان ئاشكارە - ئايان
    6
    ئېيت نىگارىم، بىلىندىمۇ ۋوجۇدۇم جۇتتەك،
    قۇچاقلىسام سوغوق تىترەك بېسىپ تېنىڭنى؛
    سۈكۈت بىرلە ئىنتىلىشكە قويۇپ كەلدىڭ چەك
    يا ئېيتمىدىڭ سۆيەلمەسلىك سەۋەپلىرىڭنى...
    بىراق ،بىلدىم كۆزلىرىڭدىن سۇنۇقكەن دىلىڭ،
    پەرۋىشلىمەي گۈلشىنىڭنى چەيلىگەچ نامەرت؛
    ئۆچۈپ دىلدىن بەخت ئۈچۈن ئېيتقان كۈيلىرىڭ ،
    سۆيمەسكە ھەم سۆيۈلمەسكە قىلىپسەن نىيەت.
    بىزگە مەخسەت ئەمەستۇر تەن لەززىتىلا خاس،
    ئورتاقلىشاي دەيمەن ئازاپ ،كۆزياشلىرىڭغا!
    يوق! دېمىگىن، مەندە ئويغاق سۆيگۈگە ئىخلاس،
    كۆڭۈل ئىستەر ۋەسلىڭنى يار سۆيگۈ ئۇچۈنلا....

    كۆرەي دېسەڭ چىن ۋىسالىڭ تەلەپكارىنى،
    يۇم كۆزۈڭنى، كۆرگىن كۆڭۈل كۆزۈڭدە مېنى!
     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : سونېتلار , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-25 17:51:13
    تەھرىر : admin
    باھا : 0 كۆزىتىش : 367
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证