تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئوكيان قامۇسى  ››  ئوكيان كۇتۇبخانىسى ›› ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› ئىجادىيەت-شېئىر ›› قاشتېشى بازىرى(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)
    ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    abduhelil
    سېنىيور
    دەرىجىسى : 4
    جۇغلانما نۇمۇر : 11022
    xjhttv@126.com

    يازما سانى : 14
    باھا يازما سانى : 0
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2011-4-18 0:00:00
    ھازىر توردا : بار
    قاشتېشى بازىرى(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)

    قاشتېشى بازىرى
    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر

     

    ئادەم ئادەملىكتىن چىققان پىنھان جاي،
    رەڭدار تاش توپلانغان قاشتاش بازىرى.
    بۇ جايدا تاش ئەمەس، سېتىلىدۇ جان،
    بۇ ھەقنىڭ تىغ يىگەن قانلىق مازىرى.


    بۇ جاينىڭ توپا رەڭ چېھرىگە باقساڭ،
    قاقلىنىپ ئاپتاپقا ياتىدۇ تاشلار.
    بىر تاشنىڭ رەڭگىدە
    بىر سۆزدە غىلپاللا كۆرسەڭمۇ ئەختەر
    بىر سۆزدىن مىڭ خەنجەر غىلاپتىن چىقىپ
    سەۋەپسىز تۈكۈلگەن بىر تامچە قاندا
    كۆرۈنۈپ قالىدۇ كىسىلگەن باشلار.


    قاشتېشى بازارغا چىققاندىن بىرى
    سۈزۈك ھەم پاكلىقى دەريادا قالدى،
    قىسمەتلەر باغرىنى جاھانغا يايدى.
    ئەسلى، ۋەسلىدىن ياتلاشقان تاشلار
    قاشلىقچى چوكانغا ئوخشىغان تاشلار
    رەڭ، جىلۋىسىدە ئەسنى سېھىرلەپ
    مەيدە تۈكلىرى پىشقان ئەرلەرمۇ،
    بۇرۇتى ئورامغا يەتكەن ئەرلەرمۇ
    بولۇپ نەچچە ئايالدىن تالاق
    جېنىنى داپ قىلىپ ھەر جايدا چالدى.
    ھۆل يەرگە كۆيىۋاتقان ئوتتەك تاشلىنىپ
    ئۆلۈمگە ئەڭ يېقىن دارغا يول ئالدى...


    يوق پەقەت بۇ بازاردا مېھىر- مۇھەببەت،
    ئادەم ئادەمنى تۇنۇماس ئەسلا.
    تاشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن يۈرەكتە،
    بار پۇلغا دولقۇنلاپ ئاققان بىر دەريا.


    قاشتېشى بازىرى شۇنداق بىر بازار،
    ئىزلىسەڭ جاھاندىن تېپىلمايدىغان.
    زەر ئىزلەپ زەھەرنى قالغانلار ئىچىپ
    ئۆزىدىن ئۆزىگە ئۇرۇلغان خەنجەر
    مەڭگۈگە سىرلىرى ئېچىلمايدىغان.


    قاشتېشى بازىرى شۇنداق بىر بازار،
    ئايرىپ تەننى روھ ئورمىنىدىن
    قىلماقتا مېھىرنى قاقاسلىق باھار...

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قاشتېشى بازىرى , ئابدۇخېلىل ئابغۇخېۋىر , ,
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-24 18:22:44
    تەھرىر : halil
    باھا : 2 كۆزىتىش : 648
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证