ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
مەن ئۇيغۇرمەن ، ئۆز خەلقىمنى سۆيىمەن . ئۇنىڭ ماكان سەتھىدە تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن شەھەر – يېزىلار ، سەھرا – جىلغىلارنى كەزدىم . ئۇنىڭ زاماننىڭ داۋانىدا تۇتقان ئوبرازىنى بىلىش ئۈچۈن قەدىم زاماندىن ھازىرغىچە ھەتتا كەلگۈسى يىللارغىچە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلدىم ، مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزدۈم . مەن بۇنى باشقىلارنىڭ بايقىۋېلىشى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى «ئاشىقنىڭ تەڭرى بىلەن قوشۇلىشى» دەك ، ئۆز سۇبيېكتىپنى خەلقىمنىڭ ماكان – زامان قاپلاپ تۇرغان ھېقىقى قىياپىتى ئارقىلىق ئوبيېكتىپلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەندىم . دەرد ۋە ھالاۋەتلىرىم ئەنە شۇ ئۆزلۈك ئاڭ بۇلىقىدىن فونتان بولۇپ چىققان ! بۇ ماڭا پوئىزىيە ھۇزۇرى ، ھەيكەلتىراشلىق زوقى ، ۋە مۇزىكا لەززىتى بولدى . ئەلۋەتتە ، خەلقىمنىڭ ئالىيجاناب خىسلەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھېكمەتلىرىدىن سۆيۈنىمەن ، خۇددى ئاقدىل سەبىيلەردەك ئاسمانغا تەلپىكىمنى ئېتىپ ، ۋارقىراپ – سەكرىگۈم كېلىدۇ . نېمە چارە، خەلقىم ئۆزىنى چىرمىۋالغان ئىللەتلەردىن خالىي ئەمەس . ئۇ خۇددى ئافىنا ئىبادەتخانىسى ئالدىدا بەھەيۋەت ئېلان ئوراپ ئالغان مويسىپىت راكۇكونغا ۋە ياكى ئاياغ تەرىپى تاش بېلىققا ئايلانغان قىزغا ئوخشاش ئۆز ئىللەتلىرى تەرىپىدىن ماتالغان. بەلكى ، ناتوغرىدۇر، مېنىڭچە ، «يىپەك يولى» خارابلاشقانلىق ، بېكىنمە ئىگىلىك، گادايلىق ۋە نادانلىق تۈپەيلى ھاسىل بولغان مەنىۋى ئىللەت خەلقىمىزدىكى پۈتكۈل ئاجىزلىق ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە كېلىشمەسلىكنىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت . قېلىن تارىخىي چۆكمە ھاسىل قىلغان ، مېنىڭ ، ئۇنىڭ ، سېنىڭ ھەتتا ئاتا-ئانام ، يېتەكچىم ، قەلەمكەش ئۇستازىم ، ساھىبجامال دىلبىرىمنىڭ روھىيىتىدىن ئۇلارنىڭ ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ روھىيىتىگە «مايلىق قۇرت» دەك ئۆمىلەپ ئۆتۈپ تۇرغان بۇ ئىللەتنى كۆرمەسلىك – ماھىيەتتە ئۆز خەلقىگە قىلىنغان ۋاپاسىزلىق ئەمەسمۇ؟!
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» تىن