سۆيگۈدىن باشقىسى
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
يوقلۇقتۇر تۈنۈگۈن، يوق ئۇنىڭدا بىز
بىز ھامان بۈگۈندە، ياشايمىز بۈگۈن.
چىن تارىخ ئىچىڭدە يېزىلىپ بولغان،
يېشىلگەي ئەتىدە ئاخىرقى تۈگۈن.
رەڭلەنگەن دۇنيانىڭ رىشتى ئۆزگىچە،
سۆيسەكمۇ تالاپ ھەم قىزغىنىپ تۇرۇپ؛
ئالدىنىش ئىچىدە ئۆچىدۇ كۆزلەر،
ئەڭ يېقىن كىرپىكنى ئالالماي تونۇپ...
تەشناقاپ دېڭىزدا سۇ ئىزدەر بېلىق
سۆيگۈ، دەپ دېڭىز ھەم چۆلگە ئاقىدۇ...
سۆيگۈدىن باشقىسى يەنىلا يوقلۇق،
ئاھ، بۈگۈن كەچ بولسا بىزدىن قاچىدۇ...
2010-يىل 12-نۇيابىر