يالغۇزسىراش
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
ھېچنىمەملا قالمىغاندەك سىزىمەن،
پىشانەمگە پۈتۈلگەن بۇ قىسمەتتىن...
نېكەم، كۈلۈپ باقماپتىمەن دوستلۇرۇم،
پايدام ئۈچۈن ئالغان دەردۇ-ھەسرەتتىن.
مەن ياشىدىم دېيىش قېيىن،شۇندىمۇ-
ياشالمىدىم، دېگەن بىرمۇ تەلەپ يوق.
«يارالمىشىڭ ئۆزۈڭدە» دەپ تۇرسىمۇ،
تەۋەككۇل بار ئاغزىمدىلا، سەۋەپ يوق.
چىدىمىدىم، بوغۇنۇقتۇم، قان قۇستۇم،
كەلدى كۈنلەر بىر بىرىدىن باغرى تاش.
ئاتۇشلۇقنىڭ جېنى شۇنداق چىڭمۇ- يا؟
ئۆلمەي، يانا ياشاپ كەلدىم ئالدىراش...
2011-يىل 24-فېۋرال