تور ئويۇنلىرى | ئۈن - سىن | بېكەتلەر ئارخىۋى | كىشى ئىسىملىرى | يۇمشاق دېتال | ئالبۇم | ئىنىسكىلوپېدىيە | باش بەت
ئەزا بۇلۇڭ | ئىزدە | بالىلار | خەۋەرلەر | پائالىيەت | قىسقا ئۇچۇر | لۇغەت | ناۋا پروگراممىسى
  • ئىزدەش
  • كىرىش
  • قامۇس تۈرلىرى
  • باش بەت
  • ئاپتۇر ئۇچۇرلىرى


    zakirjanmejid
    كوماندېر
    دەرىجىسى : 3
    جۇغلانما نۇمۇر : 12293
    zakirjan@sina.cn
    525140281
    يازما سانى : 21
    باھا يازما سانى : 2
    تىزىملاتقان ۋاقتى : 2010-4-9 0:00:00
    ھازىر توردا : يوق


    لى بەي: كۆكلەمدىكى زارىقىش

     

    ئايدىڭ كېچىدە يالغۇز مەي ئىچىش
    لى بەي
     
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى تەرجىمىسى


    مۇپتىلا بولغاچ چىمەندە بىر قاپاق مەيزاپقا ياش،
    نۇش ئېتەر زەپ يەككە-يىگانە، يېنىدا يوق قاياش.


    تەڭلىبان بادەنى لىقلاپ، ئاينى تەكلىپ ئەيلىگەچ،
    بىل، شۇ تاپ ئاي، سايە ۋە مەن ئۈچىمىز بولدۇق ئاداش.


    پەرھىزى بولغاچقا ئاي، بادەدىن نۇش ئەتمىگەچ،
    توغرىدۇر بەلكىم ماڭا سايەمنىلا ئۈلپەت ساناش...


    گەر ۋاقىتلىق بولسىمۇ بىزدىكى ئۈلپەتچىلىك،
    سەيرى ئەتتىم مەن خىرامان پەسلى گۈلنى قىپ باغاش.


    كۆكتە ئاي دولقۇنلىنار ئەۋجىدە مۇڭلۇق باشىقىم،
    پىرى ئوينار ئەگىشىپ سايەم ماڭا، كۆر، خۇلقى شاش.


    ئويلىسام سەگەكلىكىمدە ئەيمەكىپ بەزمە قۇرۇپ،
    كەيپى تۇتقان چاغدا مەينىڭ، بوپتۇدەك كەش توغرىلاش.
    شۇ گۈزەل سەيرىدە باغلاندى ئەبەدكە رىشتىمىز،
    ئاھ، نېسىپ بولغاي يەنە باقىيدىمۇ بىرگە ياشاش...

     


    جۇڭنەن تېغىدىكى قىرغۇز تۇرالغۇسىدا شاراپتا كۈتۈلۈش بايانىدا

     


    قاش قارايغاندا، يېشىل تاغ باغرىغا چۈشتۈم ئاران،
    كۆتۈرۈلدى كۆككە ئايمۇ ماڭا ھەمرا بوپ شۇئان.


    مەن بېسىپ كەلگەن يولۇمغا قايرىلىپ سالسام نەزەر،
    خوپ يېشىللىقتۇركى ئۇ ھودۇدى چەكسىز-بىپايان.


    ئۇچرىشىپ، ھال-مۇڭلىشىپ، تۇتتى غۇز ئوۋچى مېنى،
    ئوغلى بىزگە يول ئېچىپ ماڭدۇق تۇرالغۇسى تامان.


    شۇ قەدەر خىلۋەت، قاراڭغۇ ئىچرە بامبۇكزار، بۇ يول
    ۋە قېيىن ماڭماقمۇ، تارتقاچ ئۇشنە-چاتقاللار چاپان.


    خۇش پاراڭ-شېرىن سۈخەندە بۇ كۆڭۈل تاپتى ئارام،
    نۇش ئېتىپ مەيزاپ، قىلىشقاچ دەردۇ-ھالىمىز بايان.


    مۇڭ-كۈيىمىزگە پۈكۈپ تىز تاغدىكى غايىپ سادا،
    كەتتى ھەتتا ئۇلۇنۇپ تۈن تاڭغا كۈيدە، دەرگۇمان.


    مەستۇ-ئەسرۈكلۈكتە شادمەن، دىلكىشىم مەندىن ئۈتە،
    كەيپىمىز بولغاچقا چاغ، ئۇنتۇلدى ھەممە ئوي-نېشان...

     

    كۆكلەمدىكى زارىقىش


    يەن زېمىنى ياپ يېشىل كىمخاپ يېپىنغاندا باھار،
    چىن زېمىنىدا جۈجەم شاخلىرى پەسكە ساڭگىلار.
    ئۆيگە قايتماقنى خىيال قىلغانلىرىدا جان بېگىم،
    ئاھ، خاتۇن-كەمىنىڭىزمۇ زارىقىشتىن تولغۇنار.
    مەن ساڭا مەھرەم ئەمەس تۇرسام ئىشىقۋاز ئەي شامال
    ئېيت نېچۈن باستىڭ ئاياق خانەمگە، ئەيلەپ شەرمىسار...

     



    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : لى بەي , زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
    ساقلىۋېلىش
    باھا يازمىلار يوللانغان ۋاقىت : 2011-4-23 21:39:10
    تەھرىر : halil
    باھا : 0 كۆزىتىش : 129
    ئوكيان ھەققىدە | ھەمكارلىشىڭ | ئالاقىلىشىڭ
    Copyright(C)2008 WWW.QARLUQ.COM All Rights Reserved
    新ICP备10002774号增值电信业务经营许可证 新B2-20060040音像经营许可证